- تىزىملاتقان
- 2014-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  4.33%
|
سالام قەيسەر ئاكا :
مەنىلىك ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئەسلەش نىمىدىگەن سۈيۈملۈك - ھە !
يازمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم . مەن بۇ يازمىڭىزدىن ئۆزۈمنىڭ تولۇق ئورتا ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلەپ قالدىم . كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئېيتسام ، مەن تولۇق ئورتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ، سىز ‹‹ تارىم ›› ژورنىلىدا دىلشات ھېۋىزۇللانىڭ ئوقۇش ھاياتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ، مەنمۇ چوقۇم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيمەن ، چوقۇم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيمەن دەپ ئۆزەمگە ۋەدە قىلغان ئىدىم . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىغىمۇ قوبۇل قىلىندىم ، ئاسپىرانتلىقتىن ھالقىپ ، دوكتورلۇقنىمۇ بىراقلا تۈگەتتىىم . شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلغان ، قەلبىمدە ‹‹ پەقەت ۋە پەقەت ئوقۇش ئارقىلىق ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن ›› دىگەن غايىنىڭ تىكلىنىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى .
شۇ باھانىدا ، سىزگە تەشەككۇرىمنى بىلدۈرىمەن . |
|