- تىزىملاتقان
- 2011-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11429
- نادىر
- 0
- يازما
- 563
ئۆسۈش
  3.57%
|
ئۆتكەندە ئاقسۇغا بارغىنىمدا ، مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ نەۋرە ئاكام بىلەن بىللە « قىرمىش ئاتام مازىرى » زىيارەت قىلغىلى بارغان ئىدۇق ، ئۇ يەرنىمۇ قېرىنداش مىللەتتىكى شەخىسلەر ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئىجارىغا ئەپتۇ ، شۇ جايدىكى دەرەخلەرگە قويغان ئىسىملىرى بەكلا كۈلكىلىك . شۇ جايدىكى شەيخنىڭ دىيىشىچە بىر دەرەخكە ئوت كىتىپ ئاستى تەرىپىدە بىر پۇتاق ئاتنىڭ بېششى شەكلىدە شەكىللىنىپ قالغان ئىكەن . ئىجارە ئالغانلار بۇ دەرەخكە مەخسۇس چۈشەندۈرۈش بىرىپ - ئەينى چاغدا تاڭسىڭ بۇ دەرەخكە ئېتىنى باغلىغاچقا بۇ دەرەخكە ئاتنىڭ بېششى شەكىللىنىپ قالغان دەپ يېزىپتۇ ، يانا بىر ئىككى يوغان شېخى بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن دەرەخكە ئاشىق- مەشۇقلار دەرىخى دەپ نام بىرىپتۇ ۋە شۇ دەرەخكە چۆرگىلىتىپ ئېسىپ قويغان زەنجىرگە سالىدىغان مەخسۇس بەخت قۇلىپى ساتىدىكەن ، مەڭگۈ ئاجىراشماي بەختلىك ئۆتۈشنى خالايدىغانلار شۇ دەرەخنىڭ زەنجىرىگە بەخت قۇلىپى سالسا تەلىپى ئەمەلگە ئاشىمىش . يانا بىر دەرەختىن ئۈچ تال بىر - بىرىگە ئوخشاش شاخ ئۆسۈپتىكەن ئۇنىڭغا ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش دەرىخى دەپ نام بىرىپتۇ . دىمەكچىمەنكى يوقۇرىدىكى توردىشىمىز دىگەندەك ئۆزىمىزنىڭ نەرسىلىرىگە ياخشى قارىمىساق خەق كىلىپ يالغان تارىخنى يېزىپ ئەۋلاتلارنى زەھەرلەيدىغان گەپ ، شۇڭا ھەممىمىز بۇ ئىشلار ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشىچە كۈچىشىمىز كىرەك ، باشقىلار ئۈچۈن بىزنىڭ تارىخ ۋاقتى - ۋاقتىدا ئۆچۈپ تۇرسا بەك پايدىلىق ، شۇڭا ھەممىمىز سەگەك ياشايلى . |
|