- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4389
- نادىر
- 6
- يازما
- 131
ئۆسۈش
  79.63%
|
ھون دىگەن كۈن دىگەن گەپتىن ئۆزگەرگەن ئىسىم. مۇڭغۇللار ھونون دىسە ئورۇسچە گۇن دەپ تەلەپپۇز قىلدۇ.
قەشقەردە پالانى ئاخۇن پۇستانى ئاخۇن دەپ ئاتايدىغۇ؟ ئاخۇن دىگەن ئاق ھون، ھونلارنىڭ ئاقسۆڭىكى دىگەن مەنىدىكى گەپ.
ھازىرغىچە بىلگەن ئەھۋاللىرىمدىن قارىغىنىمدا ،ھۇن _ ئەسلى خەنزۇچە «匈奴“ دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن ياسالما ئىسىم. ئەينى زاماندا ، يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىللار بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر ئۇلارنى مۇشۇنداق ئاتىغان. كېيىن بۇنام باشقىلارغىمۇ شۇ تەرىقىدە مەلۇم بولۇپ ، ئۇلارنىڭ نامى بولۇپ قالغان. ھازىر ئىلىم ساھەسىدە مۇشۇنداق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەخمىنەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن بەشبالىق (جىمىسار) لىق سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى » دېگەن تەرجىمە ئەسىرىدە ئۇلارنى «تۈرك يۇچۇن بۇدۇن» ، يەنى ئايرىم تۈرك خەلقى دېگەنىكەن، بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەردىكى بۇ توغرىدىكى تۇنجى مەلۇماتتۇر، بۇنىڭدىن ھەممەئايدىڭ بولىدۇ. ئەمما ھازىر بۇنام تېخى ئىلىم ساھەسىدە قوللىنىلىشتىن يىراقتا تۇرماقتا .
|
|