قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1976|ئىنكاس: 9

چەتئەللىكلەر نەزەرىدىكى لوپنۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

1468

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 11:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida



چەتئەللىكلەر نەزەرىدىكى لوپنۇر

ئەخمەتمۆمىن تارىمى
(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈمىنىڭكاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)







       لوپنۇر رايونى تارىختا غەرب- شەرق ئالاقىسىدە ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرخىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقان مۇھىم جاي بولغان.  كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، ھەرخىل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ جاي بىرمەزگىل  نەزەردىن چەتتە قالغان بولسىمۇ،لېكىن19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپېدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن  بۇ جايغا كېلىدىغان چەتئەل ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.ئەمەلىيەتتەلوپنۇر رايونىغا 13 ئەسىردىلا ئىتالىيەلىك ماركوپولو كەلگەن بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ  رۇسىيەلىك پىرژىۋالىسكىي،   فىرانسىيەلىك بونۋالت ۋە ئورلېئان شاھزادىسى ھېنرىي، ئەنگىلىيەلىك لىتلېدال، رۇسىيەلىك پېۋتسوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ،شىۋېتسىيەلىك سېۋىن ھېدىن ۋە بېرگمان، ئەنگىلىيىلىك ستەيىن، ياپونىيەلىك تاچىبانى زىيچو قاتارلىقلار كېلىپ بۇ رايوننى ھەر جەھەتتىن تەكشۈردى، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەلىك سېۋىن ھېدىننىڭ كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىشى نەتىجىسىدە، بىر مەھەل  نەزەردىن چەتتە قالغان بۇ يۇرت باشقىچەجانلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ سىرلىق زېمىننىڭ چۈمپەردىسى ئېچىلدى. كېيىن لوپنۇرلۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار چەت ئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بۇيەرنى تەكشۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىدىن جاھانغا مەلۇم بولدى.
    ئەلۋەتتە بۇ ئەسەرلەر دەۋرىمىزدىن نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى يېزىلىپ ھەرخىل تىللاردا نەشىر قىلىنغان، ئۇلاردا ئەينى زاماندىكى لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ  ئەھۋالى ھەرخىل نوقتىلاردىن ئەكس ئەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەممائۇلاردىكى بايانلار لوپنۇر رايونىنىڭ تارىخى ۋە بۇ جايدا ياشىغان خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم  قىممەتكە ئىگە.  تۆۋەندەمۇشۇلار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.


ئىتالىيەلىك ماركوپولونىڭ -لوپنۇر سەپىرى

      ئىتالىيەلىك ماركوپولو لوپنۇر رايونىغا كەلگەن تۇنجى ياۋرۇپالىق سەيياھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادى 1271 -يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى نىكوپولو ۋە تاغىسى مافېئو رىم پاپاسى گىرىگورى x نىڭ   جۇڭگودىكى يۈەن سۇلالىسىنىڭ  پادىشاھى قۇبلايخانغا يازغان خېتىنى ئېلىپ 2-قېتىم جۇڭگوغا ئەلچىلىككە ماڭغاندا، 17ياشلاردىكى ماركوپولومۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان. ئۇئاتىسى ۋە تاغىسىغا ئەگىشىپ سەپەردە كۆپ رىيازەتلەرنى چېكىپ يۈەن سۇلالىسىنىڭ چوڭ ئاستانىسىگە ـــــ خانبالىققا(بېيجىڭغا) يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. بولۇپمۇقۇبلايخان ياش ھەم ئەقىللىق ماركوپولونى ئىنتايىن ئەتىۋارلىغان. ماركوپولوئوردىدا ۋەزىپە ئۆتەپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغابېرىپ كۆزىتىپ تەكشۈرگەن. مىلادى 1292-يىلى ئۇئاتىسى ۋە تاغىسى بىلەن يۇرتىنى سېغىنىش ئىستىكىدە غەرپكە قايتىپ،1295-يىلى ۋېنتىسىيەگە قايتىپ كەلگەن. 1298-يىلىۋېنتىسىيە بىلەن قوشنىسى گېنويە ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەت سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەندە،ماركوپولو ئۆزى پۇل چىقىرىپ بىر جەڭ كېمىسى تەييارلاپ،گېنويەلىكلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. بىراق دېڭىز ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ئاقىۋەتتە گېنويەنىڭ قاراڭغۇ، زەي تۈرمىسىگە قامالغان. بۇمەزگىلدە ئۇ پۈتكۈل زېھنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرققە قىلغان ئۇنتۇلماس سەپىرىنى ئەسلەپ، تۈرمىدىشى ھەم دوستى ــــــ پىسالىق لوستچېللوغا ھەممىنى ئاغزاكى بايان قىلىپ بەرگەن. لوستچېللونىڭ خاتىرىلىشى ئارقىلىق كېيىن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «ماركوپولوساياھەت  خاتىرىسى» بارلىققاكەلگەن. ماركوپولوساياھەت  خاتىرىسى دىكى ھازىرقى شىنجاڭ تەۋەسىگە ئائىت خاتىرىلەر ، بولۇپمۇ لوپنۇر ھەققىدىكى بايانلارئەينى ۋاقىتتىكى لوپنۇر  رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ، ئۇ لوپنۇرغا تۇنجى بولۇپ كەلگەن بىر غەرپلىك سەيياھنىڭ بۇ رايونغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن ، بەلكى بۇ رايوننىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن8 ئەسىربۇرۇنقى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ھەقىقىي ھالدا قايتا يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.

   ماركوپولو شەرققە قىلغان سەپىرىدە پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كاشىغەرگە، ئاندىن يەركەنگە ، خوتەنگە ، چەرچەنگە كەلگەن بولۇپ،چەرچەندىن شەرققە يۈرۈپ بەش كۈن ماڭغاندىن كېيىن لوپنۇر بازىرىغا يېتىپ كەلگەن. «ماركوپولوساياھەت  خاتىرىسى» دەلوپنۇر ھەققىدە مۇنداق بايانلار قالدۇرۇلغان»:بۇجاي ئۇلۇغ خان (قۇبلايخان) نىڭ زېمىنىغا تەۋە بولۇپ ، ئاھالىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن ، قۇملۇقتىن ئۆتىدىغان بارلىق سەيياھ، سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە لوپنۇر بازىرىدا بىرمەزگىل تۇرۇپ، بىرتەرەپتىن ئارام ئېلىپ ھاردۇقىنى چىقارسا ، يەنە بىر تەرەپتىن كېيىنكى سەپەرگە لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلىۋالىدىكەن ... (1) « بۇخاتىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مىلادى  1270-يىللىرى ، يەنى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدەلوپنۇرلۇقلار ئاللىقاچان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ بولغان ھەم لوپنۇر رايونى ئاللىقاچان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ جاي ئەينى ۋاقىتتىكى شەرق-غەرپقاتنىشىدىكى مۇھىم ئوتتۇرا بېكەت بولغان. بۇبىر تەرەپتىن لوپنۇر رايونىنىڭ بۇرۇندىن « يىپەك يولى»دىكى مۇھىم ئۆتكەل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينىۋاقىتتىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى جايلارنى باشقۇرۇش ۋەئىدارە قىلىشىنىڭ مۇكەممەللىشىشى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قۇبلايخان ھەربىي ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ ئەينى ۋاقىتتا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا لوپنۇر، چارقىلىق، چەرچەن، ئودۇن ( خوتەن) قاتارلىق تۆت ئۆتەڭ تەسىس قىلغان. بۇئۆتەڭلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ، بولۇپمۇ لوپنۇردا ئۆتەڭ تەسىس قىلىنىشى لوپنۇرنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىلىك رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، لوپنۇر رايونىغا زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان.


رۇسىيەلىك پىرژىۋالىسكىنىڭ-لوپنۇر سەپىرى

    شىنجاڭغا كەلگەن چاررۇسىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ئىچىدە پىرژىۋالىسكى ئەڭ بۇرۇن لوپنۇرغا كەلگەن تەۋەككۇلچى سەيياھتۇر. ئۇ رۇسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابىنىڭ ياردىمى بىلەن شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانى1870-1873-يىللىرى،1876-1877-يىللىرى،1879-1880-يىللىرى،1883-1885-يىللىرى ۋە 1888-يىلى بەش  قېتىم تەكشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە  2- ۋە4- قېتىملىق سەپىرىدە لوپنۇر رايونىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، بولۇپمۇ 2-قېتىملىق سەپىرىدە لوپنۇر كۆلىنى بايقىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. كېيىنكى
چاغلاردا  بۇ نۇرغۇن گۇمان ۋە مۇنازىرىلەرگەسەۋەپ بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن لوپنۇر كۆلىنى تاپقان بولۇپ، بۇنى كېيىن سېۋىن ھېدىن ئىسپاتلىغان.« ئۇ 4-قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى خاتىرىسى»دېگەن ئېكىسپېدىتسىيە خاتىرىسىدە 1876__1885-يىللاردىكى لوپنۇر رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىدىن  خېلى تولۇق ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ لوپنۇر سەپىرى ۋە بۇ ھەقتىكى بايانلىرى ناھايىتى ئەھمىيەتلىكتۇر.
     پىرژېۋالىسكى  ئىككى قېتىملىق  سەپىرىدە لوپنۇر ھەققىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان : ... دەريا(تارىم دەرياسى) بىلەن قۇملۇقنىڭ كۆرىشى ماھىيەتتە ھاياتلىق بىلەن ماماتلىقنىڭ كۆرىشى بولۇپ، كۆرەش نەتىجىسىدە قۇملۇق دەريانى يۇتۇۋېلىپ، ماماتلىق ھاياتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئەڭ ئاخىرى يوقاپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئېقىنلار قوشۇلۇپ ناھايىتىكەڭ، بۆك-باراقسان قۇمۇشلۇق،قۇرۇقلۇق بىلەن سازلىق ئايرىۋەتكەن بىر كۆلنى شەكىللەندۈرگەن ، بۇ دەل قەدىمدىن بۇيان مەشھۇر بولغان لوپنۇر كۆلى ئىكەن. يەرلىك ئاھالىلەر پۈتكۈل تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن رايونىنى <لوپنۇر>، لوپنۇر كۆلىنى بولسا <چوڭ كۆل>دەپ ئاتايدىكەن. مەمۇرى رايون نامى <قاراقوشۇن> دېيىلىدىكەن...بۇ كۆل غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا سوزۇلغان ، ئۆلچەمسىزئېللىپپىس شەكلىدە ئىكەن.كۆلنىڭئەڭ چوڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر، ئەڭ كىچىك دىئامېتىرى تەخمىنەن 20 كىلومېتىركېلىدىكەن. يەرلىكلەرتەسۋىرلەپ بەرگەن كۆلنىڭ ھالىتى مانا مۇشۇنداق...
     يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 30 يىل ئىلگىرى دەريانىڭ سۈيى ھازىرقىدىنمۇ سۈزۈك ھەم چوڭقۇر بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ يىلسېرى ئازلىشىغا ئەگىشىپ، كۆل سۈيىمۇ بارا-باراتېيىزلىشىپ، قۇمۇشلار بەك ئۆسۈپ كېتىپتۇ . 20يىلدىن بۇيان لوپنۇر كۆلى مانامۇشۇنداق ئۆزگىرىپ، ئالتە يىل ئاۋال سۇيى يەنە كۆپىيىپتۇ. ئەسلىدەقۇمۇشلۇق سازلىق سۇنى پۈتۈنلەي سىغدۇرۇپ بۇلالماي، دەريا سۈيى قىرغاققا تېشىپ كۆل يۈزىنى كېڭەيتكەن ئىكەن.... پۈتكۈللوپنۇر كۆلىنىڭ سۈيى ناھايىتى تېيىز ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى ئاران ئۈچ- تۆت مېتىركېلىدىكەن. كۆل سۈيى ئاساسەن تاتلىق ، پەقەت گىياھ ئۈنمەيدىغان شور سايازلىققا تۇتاشقان جايدىكى سۇلارسەل تۇزلۇق ئىكەن... لوپنۇر كۆلىدىكى بېلىقلارتارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بېلىقلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ئاق قورساق بېلىق ۋە كارىپ بېلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىللا بېلىق بولسىمۇ ، سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن، بولۇپمۇ  ئاق قورساق بېلىق ناھايىتى جىق ئىكەن. يەرلىكلەر  ئاق قورساق بېلىقنى <بالق>، كارپ بېلىقىنى <تازەك بالق> دەيدىكەن.. يەرلىك ئاھالىلەر باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە بېلىق تۇتىدىكەن...يەپ بولالمىغان بېلىقلارنى قۇرۇتۇۋېلىپ قىشتا يېيىش ئۈچۈن ساقلاپ قۇيىدىكەن...
     لوپنۇردىكى ــ ياكى قاراقۇشۇندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى لوپنۇر رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 11 كەنتتەئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، تەخمىنەن 70 ئائىلىدىن تەركىپ تاپقان 300 دىن ئارتۇق نوپۇس بارئىكەن.لوپنۇردىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ،بۇنىڭ سەۋەبى   ئەلۋەتتە بۇ يەرنىڭ ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىدىن ئىكەن. ھەربىرئائىلىنىڭ ئادەتتە 2-3 بالىسى ،بەزى ئائىلىلەرنىڭ 5-6 بالىسى بارئىكەن، بەزى ئائىلىلەرنىڭ پەقەتلا بالىسى يوق ئىكەن.يېقىنقى ئۆتمۈشتە لوپنۇر رايونىنىڭ نوپۇسى ھازىرقىدىن بەكلا كۆپ بۇلۇپ، ئۇ چاغدا 550 ئائىلەبار ئىكەن،  ئۈچتىن ئىككى قىسمى كۆلدەياشايدىكەن. ئەمما 20 يىل ئىلگىرى ياۋا چېچەك ۋاباسى تارقىلىپ، بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا ھەممەيلەن دېگۈدەك ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بەختكەيارىشا ئامان قالغانلارمۇ يۇقۇملىنىپتۇ. شۇنداقتىمۇئۇلار قەيسەرلىك بىلەن ئۆز ماكانىدا ياشاپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ.  قوي ۋە ئاز ساندا كالا بېقىپ، سۆك تېرىپ، ئۇنىڭ ئۇنىدىن نان ئېتىپ يەپتۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ياخشىلىنىش چارقىلىقتا ئولتۇراقلاشقان خوتەنلىك كۆچمەنلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغانىكەن. ئۆزيېرىدە تېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يەر بولمىغاچقا، يېقىندىن بۇيان لوپنۇرلۇقلار 3 -ئاينىڭ ئاخىرىدا چارقىلىقنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە بېرىپ بۇغداي تېرىشقا باشلاپتۇ.
     قاراقوشۇن ۋە تارىم دەرياسى بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چىرايى ھەرخىل ئىرقلارنىڭ چىرايىنىڭ ئەپچىل بىرىكىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن، ئاز ساندىكى كىشىلەر موڭغۇللارغا ناھايىتى ئوخشايدىكەن، ئەمماكۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىدا ئارىئانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن،شۇنداقتىمۇ ساپ ئارىئانلاردىن خېلى زور پەرقلىنىدىكەن.  كۆزىتىشىمچە،بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ــــ ئوتتۇرا بويلۇق ياكى پاكارراق، جۇغى ۋىجىكرەك، كۆكرىكى پەس، مەڭزى دۆڭ ، ئېڭىكى ئۇچلۇق بولۇپ، ئىسپانلارغا ئوخشاش ساقىلى شالاڭ كېلىدىكەن. كالپۇكىقېلىن ، چىشلىرى ئاپپاق ھەم رەتلىك ، تېرىسى بۇغداي ئۆڭ ئىكەن.
    لوپنۇرلۇقلار ئايرىم بىر خىل شىۋىدە سۆزلىشىدىكەن، ئېيتىشلارغاقارىغاندا ئۇلارنىڭ شىۋىسى خوتەن شىۋىسىگە ناھايىتى يېقىن، كورلا ياكى تۇرپان تەرەپلەرنىڭ شىۋىسىدىن خېلىلا پەرقلىنىدىكەن. تارىم دەرياسىنىڭ بويى ۋە لوپنۇر ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق ئەجدادتىن بولسىمۇ ، لوپنۇرلۇقلار تەڭرىتېغى باغرىدىكى بوستانلىق كۆچمەنلىرىنىڭتەسىرىگە ئۇچراپ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپتۇ.
     ئۆيلەرقۇمۇشتىن ياسىلىدىغان بولۇپ، قۇمۇش ـــ ئۆي سېلىشتىكى بىردىن بىر ماتېرىيال ئىكەن،ئۆينىڭ تاملىرىلا ئەمەس ، تۈۋرۈكلىرىمۇ باغلانغان قۇمۇشتىن تۇرغۇزۇلىدىكەن...تۆتتامنىڭ ھەربىر تەرىپى 6 مېتىرئۇزۇنلۇقتا ، ئىشىك جەنۇپقا قاراپ ئېچىلىدىكەن... تۇرۇسقا تۈڭلۈك قويۇلىدىكەن... ئەمەلىيەتتەقۇمۇش ئۆي سېلىشقا ۋە ئوت قالاشقىلا ئىشلىتىلمەستىن يەنە ئەتىيازدا ئۇنىڭ يۇمران نوتىسىنى يېگىلى، كۈزدە پاخىلىنى سۇپىغا سالغىلى، شۇنداقلا قۇرۇغان شېخىنى قاينىتىپ چىققان قارامتۇل شىرنىسىنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدىكەن.
    لوپنۇر ۋە تارىم دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئاھالىلەر ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدىغان يەنە بىر خىل مۇھىم ئۆسۈملۈك ـــ سېرىق كەندىر بولۇپ... ئۇنىڭدىن ئايرىۋېلىنغان تالادىن بېلىق تورى توقۇلىدىكەن ھەم كىيىم-كېچەككەئىشلىتىلىدىغان رەخت توقۇلىدىكەن . ..يەرلىك كىشىلەر بۇنداق رەختتىن تون، چاپان ، ئىشتان تىكىپ كېيىدىكەن. قىشتابېشىغا يۇڭ قۇلاقچا، يازدا كىگىز تەلپەك كېيىدىكەن . ئۇلارقىشتىن باشقا چاغلاردا يالىڭاياق يۈرىدىغان بولۇپ، قىشتا ئاشلانمىغان تېرىدىن تىكىلگەن قوپال چۇرۇق كېيىدىكەن. يازداخېلى ئابرۇيلۇق كىشىلەرمۇ يالىڭاياق يۈرىدىكەن...
    لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى بېلىق بولۇپ، يازدا يېڭى بېلىق يېسە ، قىشتا قۇرۇتقان بېلىق يەيدىكەن. .. ئەتىياز،ياز ۋە باش كۈزدە ئۇلار يەنە توزاق قۇرۇپ ياۋا ئۆردەك تۇتقاندىن كېيىن داستىخاندابېلىقتىن باشقا  ياۋا ئۆردەك گۆشىمۇ پەيدابولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى يېيىشلىكى ئەتىيازدا ئەمدىلا ئۆسكەن يۇمشاق ھەم يۇمران قۇمۇشنوتىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭداستىخىنىدا  ئادەتتە نان، قوي گۆشىكۆرۈنمەيدىكەن، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ناھايىتى ئاز ئىكەن...
    بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ماددى جەھەتتە مۇشۇنداق نامرات بولۇپلا قالماي، مەنىۋى جەھەتتىمۇ ناھايىتى كەمبىغەل ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېڭى ۋە قارىشى ئەتراپتىكى تار مۇھىت بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ، سىرتقى دۇنيادانېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەن...مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشاپ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقەقىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغاچقا، ئۇلار ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرۇم قاپتۇ....ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سان ئۇقۇمى يوق بۇلۇپ،يۈزگىچىمۇ سانىيالمايدىكەن. ئازساندىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ ئىشلارنى ئەپچىل بىرتەرەپ قىلالايدىكەن. گەرچەھەممەيلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىمۇ ، ئەمما دىنىي پائالىيەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدىكەن. مەنئۇلارنىڭ زادىلا ناماز ( ھەركۈنلۈك بەش ۋاق ناماز) ئۆتەپ باققانلىقىنى كۆرمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل لوپنۇردا بىرەر ئاخۇنمۇ يوق ئىكەن. ھەرقېتىم سۈننەت تويى، قىز-يىگىت تويى ياكى ئۈلۈم نەزىرىسى بولغاندا، كىشىلەر بىرەر ساۋاتلىق بالىنى تېپىپ خالىيراق جايدا ئايەت ئوقۇتۇش بىلەن ئىشنى تاماملايدىكەن.بۇ يەردە ئادەتتە ئوغۇللار 4-5ياشقا كىرگەندە ئەتىيازدا سۈننەت تويى قىلىنىدىكەن... قىزلارنىڭ  14-15يېشىدىلا، ئوغۇللارنىڭ بولسا سەل كېيىنرەك تويى قىلىۋېتىلىدىكەن، ئەمما بۇرۇنلا بېشى باغلاپ قويۇلىدىكەن. كۆپىنچەئەھۋالدا قىز-ئوغۇللارغا10 ياشقاتوشماستىلا چاي ئىچۈرۈلىدىكەن...
   بىرەر كىشى ئۆلسە، مېيىتى ئاستى-ئۈستى ئىككى توغراق ئۇلاققا سېلىنىپ،  تېيىز ھەم تەكشى كولانغان يەرلىككە قويۇلۇپ،  توپابىلەن كۆمۈلىدىكەن. ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن بېلىق تورىنىڭ يېرىمى قەبرىنىڭ يېنىغا كۆمۈلۈپ، يېرىمى تۇغقانلىرىغا بېرىلىدىكەن. ياغاچ قۇلۋاق ۋە بېلىق تورى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى زۆرۈر لازىمەتلىكلەر بولۇپ،قاراقوشۇنلۇقلارغا نىسبەتەن بۇلار ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بولغاچقا، مېيىتقاھەمدەپنە بويۇم قىلىنىدىكەن...
   لوپنۇر ۋە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەل كۆز ياللۇغى ئىكەن. چۈنكى ھاۋا دائىم توپا-تومان بولغاچقا، ئاچچىق چاڭ-توزان ھەمىشە كۆزگە كىرىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، خېلى نۇرغۇن كىشىلەر بۇغۇم ياللۇغى ۋە رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىكەن.ئومۇمەن لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مانا مۇشۇنداق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامرات تىرىكچىلىكى ئىزچىل دۇنياغا مەلۇم بولماپتۇ (2).پىرژېۋالىسكى لوپنۇردىكى قاراقوشۇندا ئالتە ئايدەك تۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۆز خاتىرىسىدە  قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ بېگى  كۈنچىققانبەگ توغرىسىدا  مۇنداق يازغان : » پەزىلەتتە كامالەتكە يەتكەن ئادەم بولۇپ، جاھان ساي دەرياسى بويىداتۇغۇلغان، 1885-يىلى 73 ياشتائىكەن، شۇنداقتىمۇ ساغلام ھەم بەردەم ئىكەن. ئۇپۇقرالىرىغا خۇددى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغاكۆيۈنگەندەك كۆيۈنگەنلىكى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگەسازاۋەر بولغانىكەن. ئۇمەھەللىسىدىكىلەرنىڭ ئوتۇن يېرىشىدىن تارتىپ، تېرىقچىلىق قىلىشىغىچەياردەملىشىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئالۋان - سېلىق سالمايدىكەن. مەھەللىسىدىكىلەردىن بىرەرسى قىيىنچىلىققا يولۇقسا، جەزمەن ياردەم بېرىدىكەن، شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ناھايىتى نامرات ئىكەن (3) .ئومۇمەن پرژېۋالىسكىنىڭ بايانلىرى لوپنۇر رايونىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تەبىئىي ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى  خېلى مۇپەسسەل يۇرۇتۇپ بەرگەن ، بۇلار ئەينىزاماندىكى لوپنۇرنىڭ تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم 1-قول ماتېرىيال بولالايدۇ.


فرانسىيىلىك بونۋالتنىڭ- لوپنۇر سەپىرى

     فرانسىيىلىك  گابرېل بونۋالت پرژېۋالىسكىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ شىنجاڭغا كەلگەن قارام ئېكسپېدىتسىيىچى بولۇپ، ئۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ تەمىنلىشى بىلەن ئاسىيادا 1880-1882-يىللىرى،1886-1887-يىللىرى،1889-1890-يىللىرى ئۈچ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيەدە بولغان ،مۇشۇ ئېكىسپېدىتسىيىلىرى ئاساسىدا 1892-يىلى »پارژدىن دوڭجىڭ قولتۇقىغىچە« دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى بايان قىلغان. ئۇ 3-قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيەسىدە شىنجاڭنى ، جۈملىدىن لوپنۇر رايونىنى تەكشۈرگەن بولۇپ،  ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلار ھەققىدىكى بايانلار ئەينى چاغدىكى لوپنۇر رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىدىن  خېلى تولۇق مەلۇمات بېرىدۇ.
    ئۇ پارژدىندوڭجىڭ قولتۇقىغىچەدېگەن ئەسىرىدە لوپنۇر ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى قالدۇرغان: »1-ئاينىڭ 4-كۈنى... قاش قارايغان مەھەلدە بىز ئاخىر تۆت-بەش ئائىلىلك بار بىر جايغا يېتىپ كەلدۇق، بۇ يەردىكىلەر قۇمۇشتىن ياسالغان يۇمىلاق ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن ... بىز ئات ئۇلاغلارغا ئارتىلغان يۈك-تاقلارنى چۈشۈرۈۋاتقىنىمىزدا، ئۆي ئىگىلىرى چىقىپ <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم > دېگىنىچە بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. بىز بىرئۆيگە كىردۇق. ئۆيدىكىلاي سۇپا ئۈستىگە بىر نەچچىلا كونا پالاز سېلىنغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغابىرنەچچە پارچە تۈز تاشتىن ئاددى ئوچاق ياسالغان، تامنىڭ بۇلۇڭىغا بىرنەچچە تاغارئاشلىق قويۇپ قويۇلغانىدى. ئۆيدىكى بىردىنبىر بىسات پرژېۋالىسكى خاتىرە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئوق-دوراساندۇقى ئىدى. تامغائۇزۇن قارا مىلتىق ۋە ئوق خالتىسى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ ئەسلى ئوۋچىلارنىڭ ئۆيى ئىكەن. ئۆينىڭ تورۇسى چارقىلىقتىن ئەكىلىنگەن ياغاچ بادرىلارنىڭ ئارىسىغا قۇمۇش بېسىپ يېپىلغان ،بۇ بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ خېلى ھاللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. تۇرۇسقائوچاقنىڭ ئۇدۇلىغا كەلتۈرۈپ تۈڭلۈك چىقىرىلغان، لىمغا بىر ئەسكى لاتا تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ قارلىغاچلارنىڭ پوقىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ يەردەقارلىغاچلار ئىنتايىن ئاسىرىلىدىكەن...
   ئۇچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋىجىككىنە بوۋاينىڭ يۈزلىرىنى پۈتۈنلەي قورۇق بېسىپ كېتىپتۇ، چىرايى بىز كورلىدا كۆرگەن تارانچىلارغائوخشايدىكەن  ، ئىسمى ئابدۇكېرىم ئىكەن، ئۆزىنىڭ قانچە ياشلارغا كىرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. بىرەيلەن ئۇنى 105 ياشتادېدى،ئەمما قارىسام 95 ياشلارغا كىرگەندەك قىلاتتى. ئۇئائىلىنىڭ مويسىپىتى ئىكەن، ھەممەيلەن ئۇنى ھۆرمەتلەيدىكەن.ئۇنىڭ بىرنەچچە ئوغلى بۇلۇپ، ئەڭ كىچىك ئوغلىمۇ 40 نەچچەياشلاردا بار ئىكەن، ھەممىسى ئوۋچى ئىكەن. ئۇلارئېگىز بويلۇق، تېرە چاپان كىيىپ بېلىنى ئارغامچا بىلەن باغلىۋالغان، بېشىغا تۇماق
كىيگەن، پۇتىغا ياۋا تۆگىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن چۇرۇق تارتىۋالغانىكەن. بۇئۆيدىكىلەرنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئارىلاش قانلىق بولۇپ، پېشانىسى تۈز،كۆزى چىرايلىق، سېرىق تەنلىكلەرنىڭكىدەك ئۇنداق قىسىق كۆز ئەمەس، بۇرنى قاڭشارلىق ھەم ئىلمەك، كالپۇكى سەل قېلىنراق، ساقال-بۇرۇتى شالاڭراق ئىكەن... ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزچە، لوپنۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چىرايىغا ناھايىتى ياش تۇرۇپلا قورۇق چۈشۈپ كېتىدىكەن، بۇ ئۇلارنى قېرىپ كەتكەندەك، جاپا تارتىپ كەتكەندەك كۆرسىتىپ قويىدىكەن. ھەتتا سۇمباتلىق يىگىتلەرنىڭ چىرايىمۇ كۆرۈمسىزرەك كۆرۈنىدىكەن. بۇئېھتىمال ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا  كېرەك.ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر...ئالدىمىزغا چاي ھەم پىشۇرۇلغان قوي گۆشى كەلتۈردى... تاماقتىن كېيىن بىز پاراڭغا چۈشتۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە،  يېقىندىلا  يولۋاس كېلىپ ئۇلارنىڭ چارۋىسىنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەگەرئوبدان توزاق قۇرغاندا يولۋاسنى تۇتقىلى بولىدىكەن. ئۇلاريەنە ئىككى يىل ئاۋال تۆت ياۋا تۆگىنى تۇتقانلىقىنى ھەم تېرىسىنى شىلىۋالغانلىقىنى ئېيىتتى... مەيلىنېمە مەقسەتتە بولسۇن ، لوپنۇرغا كەلگەن ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ ھەممىسى تۆگەتېرىسىگە ئېرىشىشنى ئويلايتتى...
  
    11 –ئاينىڭ5-كۈنى سەھەردە بىز ئاتلىق ھالدا تارىم دەرياسىنى بويلاپ 6 كىلومېتىرمېڭىپ... ئاخىرقۇمۇشتىن ياسالغان5-6 ئۆي باريەنە بىر كەنتكە يېتىپ كەلدۇق. بۇيەردىكى ئۆيلەر تۆنۆگۈن بىز چۈشكەن جايدىكىدىن زادىلا پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، بۇيەر يەنە بىر ئابدال كەنتى ئىكەن... 40 ياشلاردىكى بىر كىشى ئالدىمىزغا قارشى ئالغىلى چىقتى. بۇكىشىنىڭ بۇرنى ناھايىتى قاڭشارلىق ، كالپۇكى بەك قېلىن، يۈز-كۆزلىرىنى قورۇق باسقان ، كۈلۈمسىرىشى ناھايىتى يېقىملىق ھەم سېھىرلىك ئىكەن. بۇ كىشىدەل كۈنچىققانبەگ ئىدى. مەن  پرژېۋالىسكىنىڭ  كىتابىدىن ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ئوقۇغان بولغاچقا ،بىر قاراپلا ئۇنى تونۇۋالغانىدىم. ئۇمۇئابدۇكېرىمگە ئوخشاشلا ئوۋچىلار ئائىلىسىنىڭ بېشى ئىكەن...بۇيەردە قۇشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن ياۋا ئۆردەك، بېلىقئالغۇچ، ئاققوتان، قارنا قاتارلىقلار بار ئىكەن...كەچلىك تاماقتا كۈنچىققانبەگ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى بىز بىلەن بىرگە بولدى. ساھىپخان ناھايىتى سېخيلىق بىلەن ئالدىمىزغا يوغان تاۋاقتا قوي گۆشى، چارقىلىقتىن ئەكەلگەن قوغۇن ھەم رۇسىيىنىڭ ياغدا پىشۇرۇلغان سامبۇسىسىغا ناھايىتى ئوخشايدىغان ئوتتاپىشۇرۇلغان سامبۇسا(كۆمەچ بولسا كېرەك) كەلتۈردى... بىز تاماق يەۋاتقاندا، بىر ئايال ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئۈگرە ئېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايى سەل كۆرۈمسىزرەك بولۇپ، ئەرلەرگىلا ئوخشايتتى...بالىلارئاپىسىدىن چىرايلىق بولۇپ... كۆپىنچىسى ئۇچىسىغا كىيىم كەيمەي  ئەسكى لاتىنى ئارتىۋېلىشقانىدى، قارىماققا ناھايىتى تېمەن كۆرۈنەتتى....
    ئوۋچىلىققا ئوخشاش بېلىقچىلىقمۇ ئابدال كەنتىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىك پائالىيىتى ئىكەن. ئۇلار توربىلەن بېلىق تۇتۇپ، تۇتقان بېلىقنى ئىچ -قارنىنى بېلىۋەتكەندىن كېيىن قۇرۇتۇپ ، قىشلىق ئوزۇق قىلىدىكەن....ئوۋچىلىق ۋە  بېلىقچىلىقتىن باشقا ئابداللىقلار يەنەچارۋا باقىدىكەن ، چارۋىسىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن.ئۇلارئۆزلىرى تېرىقچىلىق قىلماي، چارقىلىقتىن كەلگەن يىللىقچىلارغا يەر تېرىغۇزۇپ، شۇيىللىق ھۇسۇلنىڭ بىر قىسمىنى ۋە باققان چارۋىلىرىنى ئۇلارغا ھەق ھېسابىدابېرىدىكەن. ئۇمۇمەن قارىغاندا، ئابدال كەنتىدىكىلەر خېلى باياشات ئىكەن.ئۇلارتۇرپاندىكى خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ بىۋاستە ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، تۇرپاندىكى يامۇل ھەريىلى ئابداللىقلاردىن باج-سېلىق ھېسابىدا بىر ئات، بىر كالا، يۈز توياق قوي ۋە بىر دانە قۇندۇز تېرىسى يىغىدىكەن. قۇندۇزتېرىسىنى ئەمەلدارلار ئۆزى ئالىدىكەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى  باج-سېلىق يىغىش ئارقىلىق جاھانغا لوپنۇر رايونىنىڭ ئىچكىرى رايونلارغا ئوخشاشلا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە  باشقۇرۇشىدائىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. ئەمما ،ئوخشاش جۇڭگو پۇقراسى بولسىمۇ، لوپنۇرلۇقلار خەنزۇلار ۋە تارانچىلارغا قارىغاندابەك ئاددى -ساددا ،تۈزكۆڭۈل كېلىدىكەن.
    لوپنۇر رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي تارىم دەرياسى بىلەن باغلانغانىكەن، ئۇلار دەريانىڭ ئېقىنىغائەگىشىپ كۆچۈپ تۇرىدىكەن. ... ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي شارائىتتىمۇ زور ئۆزگىرىش بولغان ، بىز كەلگەندىكى لوپنۇر  پرژېۋالىسكى  ئەينى يىلى كۆرگەندىكى لوپنۇردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنەتتى. .. ئېيتىشلارغاقارىغاندا، ئىلگىرى بۇ يەردە شۇ چوڭ كۆل بولغاچقىلا لوپنۇر دېگەن نام پەيدابولغانىكەن. لوپ دېگەن ئىسىم يەرلىك تىلدا ياۋايى ھايۋان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. ئىلگىرى قالماقلارنىڭ (موڭغۇللارنىڭ) كارۋىنى بۇ چوڭ كۆلگە كېلىشتىن ئىلگىرىلا  لوپ دېگەن ئىسىم بار بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا موڭغۇلچە <نۇر> (چوڭ كۆل دېگەن مەنىدە) دېگەن ئىسىم قوشۇلۇپ لوپنۇر دېيىلگەنىكەن.« (4)ئومۇمەن بونۋالت پرژېۋالىسكىدىن كېيىن لوپنۇرغا كەلگەن سەيياھ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئەسىرىدە لوپنۇر رايونىنىڭ تەبىئىي،ئىجتىمائىي شارائىتى ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇش-ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرىنى خېلى تەپسىلى تەسۋىرلىگەن ، بۇ تەسۋىرلەر 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىدىكى لوپنۇر رايونىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي قىممەتكەئىگە.


  شېۋىتسىيەلىكسېۋىن ھېدىننىڭ -لوپنۇر سەپىرى                             
   
       سېۋىن ھېدىن 1865-يىلى شىۋىتسىيىدە بىر يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1890-يىلىدىن باشلاپ پامىر، قەشقەر، خوتەن، لوپنۇر، تۇرپان، چىڭخەي ، شىزاڭ قاتارلىق جايلاردائۈچ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت،تارىخ، جۇغراپىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن  نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىغان ھەم كېيىن  مۇشۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا  »ئاسىيادىن ئۆتۈش« (2توم)، »ئوتتۇرائاسىيا ۋە تىبەت«(2توم)، »مېنىڭ ئىكىسپىدىتسىيىە ھاياتىم«، »ئاسىيادىكى ئىكىسپىدىتسىيە تارىخى«، »كۆچمە كۆل«، »يىپەك يولى«، »جۇڭگو- شىۋىتسىيە ئىلمىي تەكشۈرۈشىدىن دوكلات«(35قىسىم)قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان.
   سېۋىن ھېدىننىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم ئۇتۇقى ئىككى بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنى تاپقانلىقى، يەنە بىرى كروران خارابىسىنى بايقىغانلىقىدۇر. ئۇ»ئاسىيادىن ئۆتۈش«، »مېنىڭئىكىسپىدىتىسىيە ھاياتىم«، »كۆچمە كۆل« دېگەن ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ  لوپنۇرنى كۆزىتىش جەريانى، لوپنۇر ھەققىدە يەرلىك خەلقلەردىن ئاڭلىغانلىرى، لوپنۇر كۆلى ھەققىدەبۇرۇن رىچىتخوفېن، پىرژىۋالىسكى قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى ۋەئۆزىنىڭ بۇ كۆل ھەققىدىكى يېڭى پىكىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان بولۇپ،»ئاسىيادىن ئۆتۈش«ۋە »مېنىڭئىكىسپىدىتسىيە  ھاياتىم« دېگەن ئەسىرىدە لوپنۇر ھەققىدە مۇنداق بايانلارنى قالدۇرغان:
   ھازىرجۇڭگولۇقلار كورلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چۆلگە جايلاشقان پۈتكۈل رايوننى لوپنۇردەپ ئاتايدىكەن... لوپنۇردالىسىدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى لوپنۇرلۇقلار دەيدىكەن. ئۇلارنىڭقېيىقى توغراق ياغىچىنى ئوتتۇرىسىدىن ئويۇپ ياسىغان قېيىق ئىكەن، بۇنى <چاپما قېيىق> دەپ ئاتايدىكەن.مەن ئىجارىگە ئالغان قېيىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 مېتىر،كەڭلىكى يېرىم مېتىر كېلىدىكەن. .. كۆپ ساندىكى قېيىقلارنى ئىككى ئادەم ھەيدەيدىكەن...  4-ئاينىڭ 11-كۈنى مەن قېيىق بىلەن يولغاچىقتىم... بىز ئىلەك دەرياسىدا ھاسىل بولغان بىر كىچىك كۆلگە كېلىپ توختىدۇق، چۈنكى بۇ يەردە ئويلىمىغان يەردىن نامسىز بىر كەنتنى بايقىغانىدۇق. كەنت خەلقى بىزنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى. ئۇلاريېڭىلا تۇتۇپ كەلگەن بېلىقلىرىنى بىزگە پىشۇرۇپ بەردى، يەنە ئۆردەك تۇخۇمى،سەرەبىل، نانلارنى بەردى... تاماق يەۋاتقاندا بىرتوپ قېرى-ياش، ئەر-ئاياللاربىزنى ئورىۋېلىپ ئۆزئارا سۆزلىشەتتى، كۈلۈشەتتى، ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال ئىدى. ياش قىز-چوكانلارئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، ناھايىتى بەردەم ئىدى.
       4-ئاينىڭ 12-كۈنى بوران توختىمىغاچقا، بىز يولغا چىقالماي، بۇبېلىقچىلار كەنتىدە بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ قالدۇق...كىشىلەر قېيىقنى ئىشلەتمىسە قىرغاققا چىقىرىپ دۈم قىلىپ قويىدىكەن ھەم يېرىلىپ كەتمىسۇن دەپ پات-پات سۇ چېچىپ قويىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئون يىلدىن ئارتۇق چىدايدىغانلىر ى ناھايىتى ئاز ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بىز يەنە بىربېلىقچىلار كەنتى چىغلىققا يېتىپ كەلدۇق. تارىم دەرياسى چىغلىقتىن باشلاپ شەرقىي شىمال تەرەپكە ئاقىدىكەن. پرژېۋالىسكى  مەندىن 11 يىلبۇرۇن بايقىغان يېڭى لوپنۇر كۆلى چوقۇم مۇشۇ يەردىن  باشلانسا كېرەك. بۇيېڭى  كۆل قارابوران ۋە قاراقوشۇن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىكەن... ئەمماھازىر قارابوران كۆلى يوقاپ كېتىپتۇ.
     بىزبىر نەچچە قېتىم ناھايىتى چوڭ كۆلدىن ئۆتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە بىر كۆلنىڭ چوڭقۇرلۇقى 4.25 مېتىركېلىدىكەن. بۇ، مەن پۈتكۈل قاراقوشۇن كۆلى ــــ جەنۇپ تەرەپتىكى لوپنۇر كۆلىدە ئۆلچىگەن ئەڭ چوڭقۇرجاي. بۇنىڭدىن بۇ كۆلنىڭ شۇنچە تېيىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېيىزلىشىپ سازلىققا ئايلىنىپ قالاي دېگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. « (5)بىزنىڭ نىشانىمىز تارىمدەرياسى دېلتىسى ۋە لوپنۇر كۆلى ئىدى. ماركوپولو لوپنۇر قۇملۇقى ۋە لوپنۇر شەھىرى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان تۇنجى ياۋروپالىق ئىدى. ئەمما،ئاشۇ ئىتالىيەلىك داڭلىق سودىگەر لوپنۇر كۆلىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. جۇڭگولۇقلارنەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا بۇ كۆلنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى بىلگەنىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋرلىرىدىكى خەرىتىلىرىگىمۇ بۇكۆل چۈشۈرۈلگەنىدى. لوپنۇركۆلى بويىغا بارغان تۇنجى ياۋروپالىق ـــ رۇسىيە گېنىرالى پېرژىۋالىسكىي ئىدى. ئۇ1876-1871-يىللىرىدىكى ئېكسپېدىتسىيەسىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ جۇڭگو خەرىتىسىدەكۆرسىتىلگەن جايدىنمۇ جەنۇبتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. داڭلىق جۇغراپىيەشۇناس رىچتخوفىننىڭ قارىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ دېلتىسى كېيىنكى مەزگىللەردە ھەريىلى ئۆزگىرىپ تۇرغان، شۇ سەۋەبلىك لوپنۇر كۆلىمۇ جەنۇب تەرەپكەبىر مەزگىل يۆتكەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.مەن دېلتىغا كېتىۋاتقاندا، شەرق تەرەپتە كۆنچى دەرياسىدىن باشلىنىدىغان بىر  ئېقىننىڭ بارلىقىنى، مەندىن ئىلگىرى بۇ يەرگەكەلگەنلەر ماڭغان يولنىڭ شەرقىنىڭ كىچىك كۆللەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ كۆللەرجۇڭگولۇقلار ئۆلچەپ چىققان لوپنۇر كۆلى بىلەن ئوخشاش بىر پاراللېل ئۈستىدە ئىدى. مەن بۇكۆللەرنىڭ شەرقىنى بويلاپ ماڭدىم، ئۇ يەرنى قويۇق ئۆسكەن قۇمۇشلار قاپلاپ كەتكەنىدى.1893- يىلى رۇسىيەلىك كاپىتان كوزلوف قۇرۇپ كەتكىنىگە ناھايىتى ئۇزاق بولغان دەريا ئېقىنىنى بايقىغان. بۇ يەرئىلگىرى كۆنچى دەرياسىنىڭ قىنى ئىكەن...يەرلىكلەر ئۇنى <قۇم دەريا> ياكى <قۇرۇق دەريا> دەپ ئاتايدىكەن. كېيىنكى قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە جەريانىدا، مەن پۇرسەت چىقىرىپ پۈتكۈل دەريا ئېقىنىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتىم ھەمدە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى بايقىدىم.
    بىر كۈنى كەڭرى كەتكەن بۇدالىنى قارا بوران قاپلىدى، غايەت زور توغراق شاخلىرى بوراندا توختىماستىن تەۋرىنەتتى...شۇڭا ئۆيدە ئارام ئېلىشتىن باشقا ئامالىمىز يوق ئىدى. ساھىبخانبىزنى ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن كۈتتى، بىزنىڭ يېيىشىمىز ئۈچۈن بېلىق، ياۋا ئۆردەك تۇتۇپ ئەكىلىپ بەردى، غاز تۇخۇمى، سەرەبىل قاتارلىقلارنى پىشۇرۇپ بەردى. بىزئىزچىل يەرلىك كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكىنى يېدۇق. بۇنەرسىلەرنى تۇز، نان ۋە پۇراقلىق چايلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، تەمى ناھايىتى پەيزى بولاتتى.بىرقانچە كۈندىن كېيىن،تارىم دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئابدال كەنتىگە يېتىپ كەلدىم. بۇكەنت دەل لوپنۇر كۆلىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئىدى. كەنىتتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى قۇمۇشتىن ياسالغان كەپە ئۆيلەر ئىدى . 85 ياشلىق كۈنچىققانبەگ ـــ قۇياشقا يۈزلەنگەن يولباشچى ـــ ئىلگىرى پېرژىۋالىسكى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولغانىكەن. ئۇ بىزنى ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن كۈتۈۋالدى ھەمدە بىزگە دەريا، كۆل ۋە سازلىقلار، قۇملۇق ۋە ياۋايى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مېنى قۇلۋاققا ئولتۇرۇپ شەرق تەرەپتىكى قۇمۇشلۇق كۆل ۋە تاتلىق سۇلۇق كۆلنى سەيلە قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.
   ئابدال كەنتىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە، تارىم دەرياسى بىرقانچە تارماق ئېقىنلارغا بۆلۈنۈپ كېتەتتى. بىز بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، قويۇق قۇمۇشلۇقتىن پەقەت ئۆتەلمىدۇق. ئەمما،قولۋاقچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئامالى بار ئىدى. ئۇلارقولۋاقنى  تار سۇ يولى بىلەن ھەيدىدى. قۇمۇش قاپلاپ كەتكەن ئەگرى – بۈگرى دەريادا قولۋاقنى ھەرۋاقىت ھەيدىگىلى بولاتتى، چۈنكى قومۇشلار يىلتىزىدىنقۇمۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، يېڭى قۇمۇشلار ئۆسۈپ چىقالمايتتى. بۇيەردە ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەر  ئۆسۈپ كەتكەن ،يەنە ناھايىتى چىرايلىق بېلىقلار بار ئىدى. بېلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاساسلىق تامىقى ئىدى.گۇگۇم چۈشكەندە، بىزتار  سۇ يولىدىن بىپايان كۆلگە چىقتۇق. نۇرغۇن ياۋا غاز، ياۋا ئۆردەك، ئاققۇ ۋە باشقا سۇ قۇشلىرى كۆلدە ئۈزۈۋاتاتتى. ئۇلارشىمالىي قىرغاقتا دەم ئالاتتى... ئابدالدىن خوتەنگىچە بولغان مۇساپە 620 چاقىرىم كېلەتتى. بۇ يولنى قانچە تېز مېڭىپ تۈگەتسەم شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتىم . .. مەن تۆت ئات سېتىۋېلىپ، ۋاپادار تۆگىلىرىم بىلەن خوشلاشتىم.... ئەڭ ئاخىرىدا كېرىيە ئارقىلىق خوتەنگە كەلدۇق(6)...
   ئومۇمەن سېۋىن ھېدىن يۇقىرىقى ئەسەرلىرىدەلوپنۇر رايونىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جۇغراپىيىسى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى ھەققىدە مۇھىم مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى بۇ رايۇننىڭ  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.


ئەنگىلىيەلىك سىتەيىننىڭ -لوپنۇر سەپىرى

    مارك ئاۋرېل سىتەيىن 1862-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ  بۇداپىشت شەھىرىدە يەھۇدى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. ئۇ1900-يىلى 5-ئايدىن 1901-يىلى7-ئايغىچە،1906 - يىلىدىن 1908-يىلىغىچە،1913-يىلىدىن1916-يىلىغىچە ۋە  1930-يىلى ئوتتۇرائاسىيادا ، جۈملىدىن   شىنجاڭدا تۆت قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇپ، »قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى«،»قەدىمكى خوتەن»،»غەربىي يۇرت ئارخېئولوگىيىسىنىڭ سۈرەتلىك خاتىرىسى«،»ئاسىيانىڭ كىندىكىدە« قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان.
    سىتەيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ، جۈملىدىن شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى  ئاساسىدا يازغان ئەسەرلىرىدە ئۆزى تەكشۈرگەن جايلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت- سەنئىتى، ئۆرپ- ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلار ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي تەھلىل يۈرگۈزگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى لوپنۇرغا ئائىت بايانلار ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىلمىي قىمممىتى تولىمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر.
   ئۇ 2-ۋە3-قېتىملىق سەپىرىدە لوپنۇر ھەققىدە مۇنداق خاتىرىلەرنى قالدۇرغان: »12-ئاينىڭ 10-كۈنى مىرەندىن چىقىپ كروران خارابىلىكىگە قاراپ يول ئالدىم... شىمالغا قاراپ 19 مىلماڭغاندا تارىم دەرياسىغا بارغىلى بولاتتى. يول بويى مىرەن دەرياسىنىڭ قۇرۇپ قالاي دېگەن قىنىدا ماڭدۇق. تەخمىنەن6 مىل مېڭىپ باراقسان ئۆسكەن توغراقلىقتىن ئۆتتۇق...كىچىك ئابدال كەنتى جايلاشقان تارىم دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى دۆڭرەك جايغا يېتىپ بېرىشقا 2 مىل قالغاندا، ئۇيەر-بۇيەردەچاتقاللار ئۆسۈپ قالغان سازلىقتىن ئۆتتۇق. ئابدال ـــ بېلىقچىلار ئولتۇراقلاشقان نامرات بىر كەنت بولسىمۇ، لېكىن ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىنى ساقلاپ قالغان لوپنۇرلۇقلار ئەڭ تەلپۈنىدىغان جاي ئىدى... لوپنۇرلۇقلارنىڭ ياشاش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، 1914-يىلى مەن ئابدالنى زىيارەت قىلغاندا بۇ كەنتتىكىلەرنىڭ ئاللىقاچان بۇ يەرنى تاشلاپ يېڭى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، يېڭى مەھەللىسىنىڭ مىرەندىكى بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى ئىچىدەئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
    ئەڭ ئاخىرقى بۇ كەنىتتىن كروران خارابىلىكىگىچە يەتتە كۈن ماڭدىم. مەن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن لوپنۇر قۇملۇقىنىڭ يەر شەكلى، يەر تۈزۈلۈشى مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.<لوپنۇر>موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، ئۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئايىقىدىكى كۆل ياكى سازلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئورنى ۋە دائىرىسى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھاكىمىلەر بولغان...12-ئاينىڭ 10-كۈنى بىز تارىم دەرياسىنىڭ تارقىنىنى بويلاپ تەخمىنەن 5.5 مىل مېڭىپ ئاقكۆلگە كەلدۇق. شەرقىي جەنۇپتىكى تەخمىنەن 2 مىل يىراقلىقتا قۇم چاپقان ساتمىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇلوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلق قىلىدىغان يېرى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز چىغىر يولغا چىقتۇق.ئوۋچىلار،بېلىقچىلار ھەمىشە مۇشۇ يەردىن ماڭغاچقا ، چىغىر يول ھاسىل بولغانىدى.تارىم دەرياسى مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئېقىنىنى ئۆزگەرتىپ جەنۇپقا قاراپ ئاقاتتى. بىز تارىم دەرياسى بىلەن خوشلىشىپ ، داۋاملىق شەرقىي شىمال تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، قۇمۇش ۋەئاندا-ساندايۇلغۇن ئۆسكەن چوڭ ئوتلاقتىن ئۆتتۇق. يولدالوپنۇرلۇقلارنىڭ قوي پادىلىرىنى ئۇچراتتۇق. 8مىل ماڭغاندىن كېيىن ئەلەم خوجا كۆلىگەكەلدۇق. كۆلنىڭ ئەتراپى سازلىق بولۇپ، ئاللىقاچان مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى...بىزنىڭ ئابدالدىكى يولباشلىغۇچىمىز موللا ۋەتوختاخۇنلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆل ۋە سازلىقتىكى سۇلار تارىم دەرياسىغا يازداكەلكۈن كەلگەندە قېپقالغان بولۇپ، لوپنۇرلۇقلار <قاراقوشۇن> دەيدىغان دېلتىدىكى سۇدىنمۇ تۇزلۇق ھەم مۇز تۇتۇش ۋاقتى كېيىن ئىكەن.ئەتىسى18مىل يوليۈردۇق، چۈنكى ئۇيەردىكى يوللار خېلى ياخشى ئىكەن. بىزئەڭ ئاخىرى بېلىقچىلار مەھەللىسىدىكى چىغىر يولدىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، يېڭى سۇدەرياسىنىڭ سۈيى كىرىپ كەتكەن سازلىققا چىقىپ قېلىشتىن ساقلاندۇق . بىراق 1914-يىلى مەن بۇيەرگە كەلگەندە سازلىق پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپتۇ.6 مىل كېلىدىغان قۇمۇشلۇقتىن ئۆتۈپ بىر جۈپ كۆلنى كۆردۇق... ئۇنىڭدىن كېيىن چۆل كۆلگە يېتىپ كەلدۇق... چۆل كۆلنىڭ قارشى تەرىپىدە قۇيۇق قۇمۇش ۋە يۇلغۇن ئۆسكەن ، تاكى ياغىزماق كۆلىگىچەسوزۇلغانىدى.
    12-ئاينىڭ 14-كۈنى ...4 مىل مېڭىپ، كەڭ كەتكەن سۇلۇقنىڭ ئەڭ شىمالىغا كەلدۇق. بۇيەردىكى سۇلۇق چاينۇت كۆلىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. موللاۋە توختاخۇنلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەڭ ئاخىرقى كۆل ئىكەن. تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان يېڭىسۇ دەرياسىنىڭ سۈيى قەرەللىك ھالدا مۇشۇيەرگە ئېقىپ كېلىدىكەن... يەنە 2 مىل مېڭىپ بىر تۇزلۇق كۆلنىڭ جەنۇبىغا كەلدۇق. بۇبۇرۇنقى يېڭى كۆلنىڭ ئورنى ئىدى. لوپنۇرلۇق بېلىقچىلار يېڭى كۆلنى تۇزلۇق كۆل دەپ ئاتايتتى... سۇدىكى تۇز مىقدارى ئېشىپ بېرىۋاتقاچقا، كۆلدىكى بېلىقلار تېز ئۆلۈۋېتىپتۇ. بىز بىرساتمىنىڭ يېنىدا قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئېسىپ قويۇلغان نۇرغۇن بېلىقلارنى ، يەنە بېلىقچىلارنىڭ ئۆلەي دەپ قالغان ياكى سېزىمىنى يوقاتقان  بېلىقلارنى نېپىز مۇز ئىچىدىن تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق (6) .ئومۇمەن سىتەيىن  يۇقىرىقى خاتىرىسىدە لوپنۇر رايونىنىڭ 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋەتۇرمۇشى ھەققىدە مۇھىم مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى بۇ رايۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى  ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىزاھ:
(1) لياڭ شېڭجى : »ماركوپولو ساياھەت  خاتىرىسى« ، جۇڭگو تارىخ-مەدەنىيەت نەشرىياتى 1998-يىلى 9- ئاي خەنزۇچە نەشرى.
(2) (3) پرژېۋالىسكى»:  لوپنۇرغاسەپەر«(ئەسلى نامى» 4-قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى خاتىرىسى«)، 135-136-بەتلەر،280-289-بەتلەر،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىلى 8-ئاي خەنزۇچە 1-نەشرى.
(4) گابرېل بونۋالت »:  باياۋانغاكىرىش« (ئەسلى نامى »پارژدىن دوڭجىڭ قولتۇقىغىچە«)، 80-98-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى 1-ئاي خەنزۇچە 1-نەشرى.
(5)  سۋېن ھېدىن »: ھايات-ماماتلىق باياۋان«(»ئاسىيادىن ئۆتۈش«دېگەنئەسەردىن ئېلىنغان) ،154-167-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىلى 8- ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.   
(6) سۋېن ھېدىن : »مېنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ھاياتىم«،189-194-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010- يىلى 4- ئاي خەنزۇچە 1- نەشرى.
(7) مارك ئاۋرېل سىتەيىن»: كرورانغا سەپەر«، 12-20-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010-يىلى 7-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.



ئىلاۋە : بۇ ماقالە «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدائېلان قىلىنغان.

0

تېما

3

دوست

1515

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 22:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللىكلەر نەزەرىدىكى لوپنۇر
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،ئەخمەتجانكا!يازمىلىرىڭىز كۈندە دىگۈدەك چىقىۋاتىدۇ.مەن ئىشتىياق بىلەن ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرىۋاتىمەن. بولسا يەنە توختىماي ئەسەر ئەۋەتكەيسىز.
ئەخمەتجانكا،سىزدىن ئازراق تەلىم ئالسام؛يۇقىرقى ئىسمى چىققان دۆلەتلەردىن سىرىت،باشقا  دۆلەتلەردىكى ئىكىسپىدىيسىچىلەر لوپنۇر توغۇرلۈق يازما قالدۇمىغانمۇ؟بۇ توغۇرلۇق ھازىرقى يېڭى ئىزدىنىشلار بولسا ئۇچۇر بەرگەيسىز.

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1515

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 23:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

3

دوست

1515

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 23:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايا يازغان ئىنكاسىم يوللانماي، چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتساملا يوللانغىنى قىززىق.
ئەخمەتجانكا، يۇقىرىدا،ئىسمى ئاتالغان دۆلەتلەردىن سىرىت،باشىقا دۆلەتلەردىكى ئىكىسپىدىسىيچىلەرنىڭ لوپنۇر توغۇرلۇق يازمىلىرى يوقمۇ؟ بۇ توغۇرلۇڭ ئۇچۇر بەرسىڭىز.

1

تېما

0

دوست

453

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   76.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20568
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 23:17:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى راس ئۇزۇن جۇمۇ

0

تېما

2

دوست

2814

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-8 23:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولىتىمىز ئاتۇم بومبىسنى لوپنۇردا سىناق قىلدۇ  دەپ ئاڭلىغان
ھازىر چەتئەلىكلەر كەلسە شۇ ئاتۇم بومبىسنىڭ پارتلىغاندىكى خارابىلىرنى  كورۇپ قانداق تۇيغىدا بولار

10

تېما

0

دوست

1468

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 11:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدا،ئىسمى ئاتالغان دۆلەتلەردىن سىرىت،باشىقا دۆلەتلەردىكى ئىكىسپىدىسىيچىلەرنىڭ لوپنۇر توغۇرلۇق يازمىلىرى يوقمۇ؟ بۇ توغۇرلۇڭ ئۇچۇر بەرسىڭىز.

ئەلۋەتتە بار، ئومۇمەن لوپنۇرغا ئاياغ باسقانلىكى سەيياھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان، مەن ماقالەمدە پەقەت ئۆزۈم ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارىغانلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مۇھىم دەپ قارىغان جايلارنىلا بەردىم.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ لوپنۇر توغرۇلۇق توم-توم ئەسەرلىرى بار. سىز نەشىردىن چىقىۋاتقان شىنجاڭ-غەربىي ئېكىسپېدىتسىيەسى ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىمكانىيىتىڭىز ياربەرسە چەتئەل تىللىرىدىكى ئەسەرلەرگە قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ.

0

تېما

1

دوست

435

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27558
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-9 11:38:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنۇر نۇرغۇن تىلسىماتلارغا تولغان سىرلىق بىر ماكان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )