ناسا 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 7-ماي
ناسا 2014-يىلى 30-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان بىر يىغىندا ئۆزىنىڭ 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانى بىلەن بىر «ئۇچۇر خەرىتىسى» (infographic) نى دۇنياغا ئېلان قىلدى. بۇ ئۇچۇر خەرىتىسى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە بېرىلدى. ناسا نىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان يېڭى پىلانى تۆۋەندىكى قەدەم-باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1)خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇش.
(2) ئادەم ئولتۇرىدىغان «ئورىئون» (Orion) ناملىق بىر ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئۇنى ئالەم بوشلىقىغا چىقىرىدىغان راكېتادىن تەشكىل تاپقان بىر يېڭى تىپتىكى «ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش سىستېمىسى» (Space Launch System) نى ياساش.
(3) 2020-يىللىرى ماشىنىدىن ياسالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىر ئاستېرويد (asteroid) ياكى كائىنات ئۇچار تېشىنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇ تاشنى تۇتۇپ، ئۇنى ئاي شارىنىڭ ئوربىتىسىغا سۆرەپ ئەكىلىش، ئاندىن رەسمىي ئادەملەردىن تەركىپ تاپقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇ تاشنىڭ قېشىغا «ئورىئون» بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش. شۇنداقلا ئۇ تاشنىڭ نۇسخىلىرىنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چۈشۈش.
(4) تەتقىقات ۋە تەييارلىقلار ئاساسىدا 2030-يىللىرى مارس ۋە ئۇنىڭ ھەمرايىغا ئادەم چىقىرىش.
ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ناسا ئۈچۈن ئاجراتقان يىللىق پۇلى 17.65 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 0.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا 1969-يىلى ئايغا ئادەم چىقارغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللىق خام چوتىنىڭ 4 پىرسەنتىنى سەرپ قىلغانىدى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] First, capture an asteroid: NASA's wild path to Mars revealed for 2030 landing
http://www.pocket-لىنت.كوم/news/128669-first-capture-an-asteroid-nasa-s-wild-path-to-mars-revealed-for-2030-landing
[2] NASA’s human path to Mars
http://www.nasa.gov/content/nasa ... -mars/#.U2lmpvldU1I
رەسىم:
http://www.nasa.gov/content/nasa ... -mars/#.U2lmOvldU1I
|