بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-6 12:08
دوپپام بىلەن ئۇيغۇرمەن ئەبەت
-ئەركىم
قاغانلىرىم كەيگەن دوپپا ئۇ،
پالۋانلىرىم تاجى بولغان ھەم.
قەھرىمانىم جانىدىن ئەۋزەل،
دوپپا دېگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن.
ئۇندىن ئايان شانلىق ئەنئەنە،
ئۇدۇم قالغان ئوغۇزدىن مەڭگۈ.
ئۇ ئۇيغۇرغا ئايدۇر، قۇياشتۇر،
دوپپا بولغاچ داۋام بۇ سۆيگۈ...
ئۇندا ئايان چۆل ۋە گۈلىستان،
تاغۇ، دەريا، ئۈزۈلمەس سەنئەت.
ئۇ بىر قامۇس، تۈگىمەس داستان،
دوپپام بىلەن ئۇيغۇرمەن ئەبەت...
2014-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى قومۇل
دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى ئۇيغۇرلىرىمغا سالام... |