كىيىپ باقسۇن ژىگىت –قىزلار گۈزەللىشەر ئەجەپ ھەيۋەت ،
كىشىنىڭ مەسلىگى كېلۈر ، بولۇر ھەم شادىمان دوپپا.
گۈھەرىم سەن، گۈزەلىم سەن ، سېنىڭسىز ياشىماق زۇلمەت!
قاراڭغۇ تۈن كېچىلەرمۇ يۈرەك ئوينار جانان دوپپا !
سېنىڭدە بار ئەجەپ مەنا ، قىلىچ ، قورغان ، گۈلى رەنا،
چۈشەنگەنلەر بولۇر دانا ، ئېقىلغا پاسىۋان دوپپا .
سېنىڭ ئۆزگە سىياقىڭدىن ، ئەجەپ گۈزەل سىمارىڭدىن ،
ۋە بەلكى ئوت –پىراقىڭدىن كۈيەر ماھى تابان دوپپا .
ئاتا– ئانام كى ئەجدادىم بىلەتتى تۇتىيا سېنى ،
ئايرىلماس ئىدى ئەسلا دالايۇ ـ تاغ – داۋان ، دوپپا.
شۇڭا باشتىن چۈشۈرمەيمەن، دۇنياغا تىگىشمەيمەن ،
ھىكمىتىڭ كى خىسلىتىڭ ، كۈيلىسەم داستان دوپپا.
خەپ دەيمەن ئاشۇ گىلدىڭ چاكاندا باش سەتەڭلەرگە ،
قانداقمۇ ياشايدىكىن، سېنى تاشلاپ ھامان دوپپا .
گاھ بەكمۇ ئېچىنىمەن ، قايغۇغا چۆكۈپ ئاندىن ،
ۋاقرايمەن، ئۆزلۈك ئۆلسە ھالىمىز يامان دوپپا !!!
ئاگاھ بولغاي جېمى خەلقىم بۇ قىسمەتنىڭ ئازابىدىن.
كۇلاھۇ- جەندىدىن ئارتۇق كۆرۈلگەي ھەرزامان دوپپا.
تىلەيمەن ئەي ئۇلۇق ئاللاھ ! ئايرىما ئەبەت ئەسلا ،
قەدىردان مىللىتىم ئۈچۈن بولۇپ قالغاي ياران دوپپا..... !!!