مەن كۆرگەن گېرمانىيە ( 3 )
بىز گېرمانىيەدە بولغان كۈنلىرىمىزدە، ميۇنخېن شەھرىدىن 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شتارېنبرگ كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ساياھەتتە بولدۇق. كۆلنىڭ كۈلىمى ناھايتى چوڭ بۇلۇپ، توغرىسىدىن قارىغاندا قارشى قىرغاقنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئۇزۇنىسىدىن قارىغاندا قارشى قىرغاق كۆرۈنمەيدىكەن. زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىدە ئۈچ-تۆت قەۋەتلىك سەيلە پاراخۇدلىرى، موتۇرلۇق، يەلكەنلىك كېمىلەر، كاتېرلار ئۇياقتىن بۇياققا توختىماي قاتناپ تۇرىدىكەن. بېلىقچى قۇشلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ يۈرۈيدىكەن.
بىز بارغان كۈنى يەكشەنبە بۇلۇپ، ھاۋا ئىنتاين ئوچۇق ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكىگە گەپ كەتمەيتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پاراخۇد، كېمىلەرگە چۈشۈپ كۆلنى سەيلە قىلسا، بەزىلىرى كۆل قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ بېلىقچى قۇش ۋە ئاققۇلارنى تاماشا قىلاتتى، بەزىلىرى كۆل بۇيىدىكى ياپيېشىل دەرەخزارلىق ئىچىدە يېتىشىپ ئاپتاپقا قاقلىناتتى. بىز تۆت قەۋەتلىك سەيلە پاراخۇدىغا چۈشۈپ، كۆلنى ئۈچ سائەت ئەتراپىدا ئايلىنىپ سەيلە قىلدۇق. پاراخۇدنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا، پۈتۈن ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى ناھايتى ئوچۇق كۆرگىلى بۇلىدىكەن. كۆل بۇيىدىكى بەزى جايلاردا ئەتراپىنى يېشىللىق قاپلىغان چىرايلىق داچىلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن، سىرتىدىن قارىغاندا تولىمۇ گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك كۆرىنىدىكەن. كۆلنىڭ پۈتۈن ئەتراپى ئورمانلىق بۇلۇپ، مەنزىرىسى ناھايتى گۈزەل ئىكەن.
|