- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 319
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
9.5%
|
مەن كۆرگەن گېرمانىيە
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرى-850 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر بۇلۇپ، شەھەر مەركىزىدىكى مارىئان مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار ئىكەن. بىز بۇ يەردە 1525-يىلى ياسالغان 109 مېتىر ئىگىزلىكتىكى مەريەمئانا چىركاۋى، 1050-يىلى سېلىنىشقا باشلاپ 1294-يىلى پۈتكەن، 92 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ساينېت پېتىر چىركاۋى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سېلىنغان يېڭى شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى قاتارلىق بەلگە خاراكتىرلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق.2-دونيا ئورۇشىدا بۇ يەردىكى بىر قىسىم قەدىمىي ئىمارەتلەر مەلۇم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئورۇشتىن كىيىن ھۆكۈمەت زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئورۇشتا بۇزۇلغان قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ئەسلى ھالىتى بۇيىچە رىمۇنتلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە يول قۇرۇلۇشلىرىدىمۇ بۇ قەدىمىي ئىمارەتلەر ھىچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىماي، ئەسلى ھالىتى بۇيىچە بۇزۇلماي تۇرۇپتۇ. گېرمانىيەلىكلەرنىڭ قەدىمىيلىكنى قوغداش، تەبىئىيلىكنى ئۆزگەرتمەسلىك تەدبىرى بىلەن ساقلىنىپ قالغان بۇ قەدىمىي بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان مۇھىم ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپتۇ.
مارىئان مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى پىيادىلەر كوچىسىمۇ بىر ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بۇلۇپ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى پۈتۈنلەي ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. بىز بۇ كوچىنى ئارىلاپ كېتىۋىتىپ، ئۆزلىرىنى بەئەينى ھەيكەلگە ئوخشۇتۇپ گىرىم قىلىۋالغان تىلەمچىلەرنى ئۇچراتتۇق. ھەمراھلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەن. بەزى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئادەملىرىمۇ بۇ كوچىدا ئۇيۇن قويۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلايدىكەن.
بىز مەلۇم پۇرسەتتە، گېرمانىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان كۆلىن شەھرىدە قىسقا مەزگىل ساياھەتتە بولدۇق. ياۋروپا بۇيىچە ئەڭ ئىگىز بىر قەدىمىي چىركاۋ مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان ئىكەن. تەخمىنەن 15-20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىزلىگىدەك كېلىدىغان بۇ چىركاۋنىڭ سىرتىغا ئۇيۇلغان بىر بەلگىدىن بۇ چىركاۋ قۇرۇلۇشىنىڭ 1248-يىلى باشلىنىپ 1880-يىلى ئاخىرلاشقانلىقى خاتىرىلەنگەن ئىدى. 600 نەچچە يىلدا ئاران پۈتكەن بۇ قەدىمىي ئىمارەتنىڭ بەزى جايلىرى رىمۇنت قىلىنىۋىتىپتۇ. بۇ چىركاۋنىڭ يېنىدا 300 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە يەنە بىر قەدىمىي ئىمارەت قەد كۆتىرىپ تۇرۇپتۇ.
|
|