ئۇ يىلى،
مەن ئوقۇشقا كەلسەم ئاتۇشتىن،
ئۈرۈمچىگە كۈزكۆز ساپتىكەن.
مەن كۆرگەندە سەن تېخى بوۋاق،
ھەممە ساڭا قاراپ قاپتىكەن،
كۆچمەپتىكەن باھار ئۆيۈڭدىن،
سىنى سۆيۈپ باشقا ئاپتىكەن.
يىللار ئۆتتى،
رەڭگى ئۆڭدى سىرىق چاپاننىڭ،
تاشلىۋەتتىم كەپكە شەپكەمنى.
تەتىلىدىڭ، ماڭدىڭ، يۈگۈردىڭ،
"ئاكا" دىدىڭ ئۇتتۇڭ قەلبىمنى.
سىنىڭ ئۆيۈڭ - مىنىڭمۇ ئۆيۈم،
يىنىكلەتتى جاپا -دەردىمنى.
سۈلھەت - شۆھرەت ئاكا ئۇكىلار،
ئاھ، مېھىرگە تولغان ئۇ چاغلار.
ئۇكىلىرىم دەيتتىم سۆيەتتىم،
نەزىرىمدە بىر جۇپ شۇڭقارلار.
تۈگۈنەتتى ئاپاڭ تاماقنى:
"قەيسەر قاچان كىلىپ يەۋالار؟"
كۆيۈمى بار بىر-بىرىمىزگە،
بىز ئاشۇنداق تاتلىق تۇققانلار!
ئېسىمدە بار تۈنۈگۈنكىدەك،
سەن مەكتەپكە كىرگەن سىنتەبىر.
ئۆزۈڭ ئوماق، سۆزلىرىڭ چۈچۈك،
كەلگۈسۈڭگە ئىيتاتتىم تەگبىر:
يامانلارنىڭ كۆزىدىن ساقلا،
بەختى پارلاق ئىنسانلاردىن قىل!
دەيتتىم ساڭا: "سەن مىنىڭ ئۇكام،
چوقۇم ياخشى يىگىت بوپ يىتىل"!
بىر يىلى،
ئۇچۇپ كەتتىم ئوكيانلار ئاتلاپ،
ياخشىلارنى ۋاقتىنچە تاشلاپ.
نىيەت قىلغان قايتىپ كىلىشنى،
ئەمما قالدىم باشقا يول تاللاپ.
شۇنداقتىمۇ سىلەر كۆڭلۈمدە،
ياشاپ كەلدىم ھەر زامان ئويلاپ.
ئۈرۈمچىنىڭ ئوتلۇق مىھرىنى،
چۈشلىرىمدە نەچچە قۇچاقلاپ!
دەل بۈگۈن،
جامائەتنىڭ قۇتلىشى بىلەن،
تويۇڭ كۈلۈپ باقماقتا ئىنىم.
بولالمدىم يىنىڭدا شۇ تاپ،
كەم قالدى خەپ، زوق-شوق ئۇسۇلۇم.
قوبۇل كۆرگىن ئاددى سوۋغامنى،
ئارام تاپسۇن تۇققانلىق كۆڭلۈم!
گەرچە ئۆزۈم بارالمىساممۇ،
تىلىگىمنى مۇنداق يوللۇدۇم:
بەخت قۇچاق ئاچسۇن سىلەرگە،
ئىنىم شوھرەت، سىڭلىم زەينۇرە.
ئۈرۈمچىنىڭ باھار پەسلىدەك،
تۇرمۇشۇڭلار پۈركەنسۈن گۈلگە!
تەڭكەش قىلىپ ياشاڭلار خوشال،
سۆيگۈ بىلەن يىزىلغان كۈيگە!
ۋاپا، مېھر تۇرسۇن ئەركىلەپ،
ئۆيۈڭلەرگە قۇل بولسۇن كۈلكە!
2014-يىلى 30-ئاپرىل، ئامىرىكا بوستۇن