- تىزىملاتقان
- 2013-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19657
- نادىر
- 0
- يازما
- 250
ئۆسۈش
  24.14%
|
ziya يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 22:41 
نەزەريىۋى جەھەتتىن قارىغاندا ياسىغىنى بولىدۇ.لىكىن ي ...
مەن بېشىدا سىزدىن سورىغىنىم بىزگە ھەم يەرگە نىسبەتەن تىنىچ تۇرىۋاتقان توپ ھاۋاغا نىسبەتەن ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن توپتا ئېغىش يۈز بېرەمدۇ ؟ دىگەن سۇئال بولغان ، مەن بۇنىڭ تەجرىبىسى ئىشلىگەن ھەم پەن - تېخنىكا موزىيىدا مۇشۇنىڭغا مىسال بۇلالايدىغان بىر تەجرىبە قۇرۇلمىسىنىمۇ كۆرگەن ، ئەمما يىپىق مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىرقىسىم قوشۇمچە شەرتلەر قۇشۇلۇپ قالغان ، ئىشقىلىپ ھازىرغىچە قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم ، مەكتىپىمىزدىكى پىراففىسورلارلا ئەمەس ، نۇتۇق سۆزلەپ كەلگەن جۇڭگودىكى ئاتالمىش ئەڭ قالتىسلار قاتارىدىكى تەتقىقاتچىلارمۇ ماڭا لازىملىق جۋابنى بېرەلمىدى ......... مەن قايىل قىلارلىق تەجرىبە ئىشلەي دىسەم خېلى ئىقتىسادىي چىقىم كىتىدۇ ، شۇڭا ئامالسىز بولۇپ قالدىم ! ئەمما ئۆزۈم ۋاقتىنچە ئىشلىگەن تەجرىبە قۇرۇلمىسى بىر ئېلىكتىرونلۇق ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ ئۈستىدە بولغان ئىدى ، تەجرىبە جەريانىدا ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ كۆرسەتكەن سان كىچىكلىدى ، دىمەك قۇرۇلمىدا ۋېرتىكال يۇقىرىغا بولغان كۆتۈرۈلۈش كۈچى شەكىللەندى دىگەن گەپ ... بۇمۇ سىز دىگەندەك ئېغىشنىڭ بىر تەجرىبىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ... ئەمما بۇيەردە ۋاقتىنچە قىلغان تەجرىبەمنى تۇلۇق سۆزلىسەم نىمە ياساۋاتقىنىم ئاشكارىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا توغرا چۈشىنەرسىز !!!! |
|