مەن كۆرگەن گېرمانىيە ( 1 )
تۇرسۇن ياسىن
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇ بىزنىڭ گېرمانىيەدىكى تۇغقان يوقلاش ساياھىتىمىزنىڭ تۇنجى پەردىسى ئېچىلغان كۈن ئىدى. بىز ئايرۇپورتتىن چىقىپ، بۆك-باراقسان ئورمان، ياپيېشىل چىمەنزارلىق ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ 3-چوڭ شەھىرى-ميۇنخېن شەھەر رايونىغا قاراپ يول ئالدۇق.
يېشىللىق قاپلىغان بۇ شەھەرنىڭ مۇھىتى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، قەيەرگىلا قارىسا بۆك-باراقسان ئورمانلار، ياپيېشىل چىمەنزارلىقلار، رەڭگارەڭ گۈل-چىچەكلەرگە ئورالغان چىرايلىق ھويلا-ئاراملار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. شەھەر رايونىدا ئەتراپىنى ئورمانلار ئوراپ تۇرغان تەبىئىي كۆل ۋە سۇنئىي كۆللەر خېلى كۆپ بۇلۇپ، ئاققۇ، غاز، ئۆردەك قاتارلىق تۈرلۈك-تۈمەن سۇ قۇشلىرى بۇ كۆللەردە بەھۇزۇر، خاتىرجەم ياشايدىكەن. ياۋروپادىكى مەشھۇر دوناي دەرياسىنىڭ ميۇنخېن شەھرىنى كىسىپ ئۆتىدىغان تارماق ئېقىنى بولغان ئېسار دەرياسى قويۇق تەبىئىي ئورمانلار بىلەن ئورالغان ئىكەن. تەبىئىي ئورمانلار مەيلى شەھەر ئىچىدە ياكى شەھەر ئەتراپىدا بولسۇن، ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي ئەسلى ھالىتى بۇيىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئورمانلار كىشىلەرنىڭ سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، كىشىلەرگە ساغلاملىق ئاتا قىلىدىكەن. بىز بۇنىڭدىن گېرمانىيەلىكلەردىكى تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش كەيپىياتىنىڭ ناھايتى قويۇقلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇ شەھەرنىڭ ئورمانلاشقان، باغچىلاشقان، ساپ ھاۋالىق گۈزەل مۇھىتى ئادەمگە بەكمۇ يېقىشلىق ئىكەن.
تۆۋەندە مەن ئەشۇ چاغدا تارتىۋالغان بىر قىسىم سۈرەتلىرىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندۇم.
|