- تىزىملاتقان
- 2013-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5297
- نادىر
- 1
- يازما
- 348
ئۆسۈش
  5.94%
|
ئون بەتتىن ئاشقان تېمىدا ئاران بىر ئادەم گىتلېرغا مەدھىيە ئوقۇماپتۇ. باغداشتىن ئىبارەت خېلى كاللىسى ئوچۇق زىيالىيلار يىغىلغان دەپ قارىلىدىغان تور بەتتە مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشى تازا ياخشى ئەھۋال ئەمەس.
گىتلېرنىڭ گېرمان مىللىتىگە كەلتۈرگەن ئاقىۋەتلىرى تازا ياخشى ئەمەس.
گىتلېر 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇپ بولغانلىقىدەك ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا 2-سەپتە ئۇرۇش قىلىشتەك خاتالىقنى تەكرارلاپ گېرمانىيەنى بالاغا تىقتى. بۇنى گېرمان مىللىتىگە پايدىلىق ئەمەس زىيانلىق ئىش دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئايرىلمىغان شەرقىي پىرۇسسىيەدىن ئايرىلىپ بىرمۇنچە گېرمانلار باشقا دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق قىلغىنىغا مىللىتىگە ياخشى ئىش قىلدى دەپ مەدھىيە ئوقۇساڭلار تازا توغرا بولماسمىكىن. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە كەلسەك، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىكى ئادەم بولسىلا جاندارلارغا نىسبەتەن كۆڭلىدە مېھرىبانلىق بولىدۇ، بىراق دىنسىزلاردا ئۇنداق چۈشەنچىلەر كەمچىل، ئادەملىك تەبىئىتىدىن يىراقراق بولىدۇ. شۇڭلاشقا گىتلېردىن ئىبارەت بۇ ئۈزۈل-كېسىل ئاتىزىمچىنىڭ قىلغانلىرى نورمال ئادەمنىڭ ئەمەس، ئەسەبىي ساراڭنىڭ قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. بىراق گىتلېرنىڭ مېھرىبانلىق قىلغان يەرلىرىمۇ بار يەنى جازا لاگىرىدا ئادەم ئۆلتۈرگەندە ئوق بىلەن ئاتقاندىن ئۇخلاپ قالغاندەك سېزىم بىلەن ئۆلۈپ قالىدىغان زەھەرلىك گازنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىپتىكەن. ئوق بىلەن ئاتسا بەك رەھىمسىزلىك بولارمىش.
بۇ مۇنبەردە نېمىشقا دائىم گىتلېرگە مەدھىيە ئوقۇلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي قالىمەن. بەش مو پارتىيەسى پۇل تاپماقچى بولۇپ قىلىۋاتقان ئىشلارمۇ ياكى مۇنبەردىكى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ كاللىسى شۇنچىۋالا يۇيۇلۇپ ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ؟ |
|