قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 1

«نەۋبەتى»دېگەن تەخەللۇسنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

137

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28298
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 22:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«نەۋبەتى»دېگەن تەخەللۇسنىڭ مەنىسى ھەققىدە




    كېلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى لۇتفى،ناۋايىلاردىن باشلانغان غەزەل شەكلىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،تېخىمۇ گۈزەل،شوخ،راۋان،لېرىكىلىق تۈسكە كىرگۈزگۈچى شائېرلارنىڭ بىرى-خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر لېرىك،رۇمانتىك شائېر نەۋبەتى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
  مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن مەلۇم بۇلۇشىچە،نەۋبەتىنىڭ شىئېرى دېۋانى يېقىنقى زامانلارغىچە،قەشقەر مەدرىسلىرىدە ناۋايى ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا دەرىسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلغانلىقى مەلۇم.بۇ پاكىت نەۋبەتىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك شئېرىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇننى ئېگەللىگەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.
  شائېرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمات ساقلانمىغان،ئەمما،ئۇنىڭ شېئرلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،نەۋبەتى 1697-1698-يىللىرى خوتەننىڭ لوپ ناھىيە جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان،ئەسلى ئىسمى ئۆمەر قارىم،«نەۋبەتى»ئۇنىڭ ئەدەبى تەخەللۇسى.ئۇ كىيىنچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوتەن شەھرىنىڭ ئىلچى بازىرىغا كۆچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقان.دەسلەپكى مەلۇماتىنى خوتەندە ئالغاندىن كىيىن تەخمىنەن 15-16ياشلارغا كىرگەن مەزگىلدە كاشىغەرگە كىلىپ ئۆز زامانىسىدىكى داڭلىق مەدرىسلەردە ئوقۇغان.كىيىن خوتەنگە قايتىپ كەتكەن ۋە تەخمىنەن مېلادى 1760-يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن.
  «دېۋان نەۋبەتى»نامىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ئىككى خىل قوليازما ئەسەر دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن.بىرى رەسمى دېۋان بۇلۇپ،مېلادى 1746-،1747-يىللىرى تۈزۈلگەن.ئۇنىڭغا 107مۇسەددەس،31 رۇبائىي ۋە 18-ئەسىردىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى شائېر ھۇۋەيدانىڭ 69پارچە شىئېرى كىرگۈزۈلگەن.يەنە بىرى،خوتەنلىك موللا ئەھمەد دېگەن كىشى تەرىپىدىن تۈپلەنگەن توپلام بۇلۇپ،ئۇنىڭدا 1600مىسرادىن ئارتۇق غەزەل بار.
  شائېر نەۋبەتىنىڭ ھاياتى پائالىيىتى،ئەسەرلىرى ھەققىدىكى كۆزقاراشلار تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئاساسەن بىردەكلىككە ئېگە بولدى.ئەمما،«نەۋبەتى»دېگەن تەخەللۇسنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى قاراشلار بىردەكلىككە ئېگە ئەمەس.ھازىر ئالى مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك ماتىرىيالى قىلىپ قوللىنىلىۋاتقان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق كىتاپنىڭ 2-قىسمىدا مۇنداق بايانلار بار:
1.«كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىرادىن باشلانغان ئاغرىق-سىلاق نەۋبەتى ئائىلىسىگىمۇ پاجىئە ئېلىپ كەلگەن،يەنى نەۋبەتىنىڭ تۆت ئىنىسى شۇ قېتىملىق ئاغرىق-سىلاقتا ئۆلۈپ كەتكەن.بۇ ئىشلار شائىرغا قاتتىق تەسىر قىلغان،ئۇ ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى بولغاي دەپ ئويلىغان.كىيىن نەۋبەتى بۇ قېتىملىق ئاغرىق-سىلاقتىن ئامان قالغان.مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن شائېر ئۆزىگە ‹نەۋبەتى›دېگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن».
2.يەنە شۇ كىتاپتا:«شائىېرنىڭ قارىشىچە،شئېرىيەت ساھەسىدە ئىلگىرى نەۋائىي،ئاتائىي،سەككاكىي،لۇتفىلار شۆھرەت قازانغان.ئەمدى بۇنداق ۋەزىپە ۋە نۆۋەت ماڭا كەلدى دەپ ئويلاپ ‹نەۋبەتى›دېگەن سۆزنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن،مەنىسى:نەۋبەت،نۆۋەتچى،دىجۇرنى،دۆرەم،ئىش ئۆتكۈزىۋالغۇچى دېگەنلەردىن ئىبارەت».
  يۇقۇرقى بايانلاردا،شائېرنىڭ تەخەللۇسى بولغان«نەۋبەت»سۆزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «نۆۋەت» سۆزى بىلەن ئوخشاش مەنىدە،دەپ چۈشىنىلگەن.
   ئەمما قاراخانىلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئىككى بۆيۈك قامۇس «تۈركى تىللار دېۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك»تىكى «نەۋبەت»سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىزنى شائېرنىڭ تەخەللۇسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە باشقىچە كۆزقاراشتا بۇلۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
  «دېۋان»نىڭ 3-توم 175-بىتىدە مۇنداق بايانلار بار:تۇغ-دۇمباق-خاننىڭ ھۇزۇرىدا چېلىنىدىغان دۇمباق،شۇنىڭ ئۈچۈن«خان تۇغ ئۇردى دىيىلىدۇ،بۇ ھۆكۈمدار نەۋبەت ئۇردى»دېگەنلىكتۇر.
  يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «قۇتادغۇبىلىك»داستانىنىڭ 86-بىيىتىدا «نەۋبەت» ئىبارىسىگە مۇناسىۋەتلىك  مۇنداق ئۇچۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان:

«بۇلىت كۆكرەدى ئۇردى نەۋبەت تۇغى،
ياشىن ياشنادى تارتتى خاقان تۇغى.»
(بۇلۇت گۈكىرەپ چالدى خان دۇمبىغىن،
چېقىن چاقنىدى،تارتتى خاقان تۇغىن.)
  
مەشھۇر تۈرك ئالىمى رېشات گەنجىمۇ ئۆزىنىڭ «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»دېگەن كىتاۋىدا مۇشۇ ئاتالغۇ ھەققىدە:«ئىسلام مەدەنىيىتى
دائىرىسى ئىچىگە كىرگەن قاراخانىلار تۈرۈكچە تۇغقا پاراللىل قىلىپ شۇ مەنىدىكى ‹نەۋبەت›سۆزىنىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان»دەپ ئېيتقان.
  يۇقۇرقى پاكىتلاردىن مەلۇم بۇلۇدۇكى،تارىخىمىزدا ئۆتكەن «نەۋبەتى»تەخەللۇسلۇق شائېر ئۆز تەخەللۇسىنى «نۆۋەتچى،دېجۇرنى،ئىش ئۆتكۈزىۋالغۇچى»دېگەن مەنىدە ئەمەس،بەلكى تۈركى خەلقلەرنىڭ سەلتەنەتلىك ھەربى يۈرۈشلىرىدە ئەركىنلىكنىڭ،غەلبىنىڭ سىمىۋولى سۈپۈتىدىكى «تۇغ،دۇمباق»مەنىسىدە قوللانغان.
  بۇ خىل كۆزقارىشىمىزنى يەنە نەۋبەتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر غەزەللىرىنىڭ بىرى بولغان «خوتەننى»دېگەن غەزەلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىيىتىدىكى:

«سەن ھەم نەۋبەتى سىياھ رۈي ئېلىگە،
رەقىپلەر يۈزىگە زاۋال ئەت خوتەننى»

(نەۋبەتى سەن خوتەننى قارا يۈزلەرگە،رەقىپلەر كۆزىگە زاۋال دەپ بىل.)دېگەن مىسرالىرىمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بىرىدۇ.
  قىسقىسى،شائېر خۇجىلار دەۋرىدىكى زامان زۇلمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ،ئۆزىنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنى نامايان قىلىش مەقسىدىدە «نەۋبەتى»دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4833
توردىكى ۋاقتى: 1406
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-1 15:46:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئىسىمنى نۆبىتى دەپ كۆرگەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )