- تىزىملاتقان
- 2014-4-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 545
- نادىر
- 0
- يازما
- 50
ئۆسۈش
  9%
|
ئىنسان تەن بىلەن روھتىن تۈزۈلگەن بىر مەخلۇقات. ئۇنىڭ تېنى ماددىيلىق ئېتىبارى بىلەن ماددىي نەرسە ۋە پاراغەتكە ئىنتىلسە، ئۇنىڭ روھىيىتى مەۋھۇملۇق سۈپىتىدە ئېتىقاد ۋە مەزمۇنغا تەلپۈنىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىياتىدا، شۇنچە كۆپ چوقۇنۇش ئوبىكىتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەنە شۇ روھنىڭ تېنىمسىز تاكامموللۇقنى ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇنى ئالدىراپ ئىنكار قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىش ئۆز تارىخى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ بىلىشلىرىگە قىلىنغان ئىنكار دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئىنكار قىلىنمىسا، يېڭى شەيئىلەر ۋە چۈشەنچىلەر بارلىققا كەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، يارىتىش، يېڭىلاش ئىنكار قىلىشقا قارىغاندا كۆپ قىيىن. نوھ ئۆزى ياسىغان كوزىنى چىقىشقا كۆزى قىيماي يىغلىغان بولسا، چېقىۋەتكەندىن كېيىن كېمە ياساپ « ئىككىنچى ئادەم » ئاتالدى. ئىجاد شۇڭا قىممەتلىك. ئىجاد ئاساسىغا قۇرۇلمىغان ئىنكار بىر سەپسەتە ياكى تەكەببۇرلۇق.
ئېتىقاد ھامان شەخىسكە تەۋە. شەخس ئېتىقادى قانچە كۈچلۈك ۋە يۈكسەك بولسا ئۇ شۇ شەخس ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ ئېتىقادىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بىراق، بۇ ئېتىقاد ئومۇملاشقان ھامان ئۆزىدىكى يۈكسەكلىكنى يوقىتىپ بارىدۇ. بۇ توپ ھامان بۇ ئېتىقادنىڭ ئۆزىدە بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇشۇ ئېتىقادنىڭ ئەسلى ئىگىىسى بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ياكى يېقىنلاشتۇرۇپ بارىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا يەنە نۇرغۇن ئوخشىمىغان نەتىجە يۈز بېرىدۇ. ئېتىقاد شۇ تەرىقىدە ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرىدا پارچىلىنىپ كېتىدۇ. پەقەت يىغىندى شەكىلدىلا ئاندىن ئەسلىي ئېتىقادقا يېقىنلىشىپ بارغان ئېتىقادنى ھېس قىلىش ۋە بىلىۋېلىش مۇمكىن. |
|