قانلىق تاللاش
مىكرو ھېكايە
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
ئۈچ كېشى بىللە سەپەرگە چىققان ئىدى ، ئۇلار بىر ئات ھارۋىسى ھەيدەپ ماڭغان بولۇپ ، ئالدىغا ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارلىقىدىكى ئۇپۇق سىزىقىغا تۇتاشقان كەڭرى توپا يول سوزۇلغان ئىدى .
ئەپسۇس ، بىر تاغدىن ئۆتكەندە بىر كىشىنىڭ قولىدا بىر قانغا بويالغان توقماق تۇراتتى . ئالدىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولغا قاراپ ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىشكە باشلىدى.
يول ئاخىرىغا چىقمىغاندىن كېيىن ، بىرسى چۆچەك سۆزلىدى ، ئۇنىڭدا ئۈچ كىشىنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، ئۈچ ئاچا يولغا ئۇچراپ ئۈچكە بۆلۈنۈپ ماڭغانلىقى ، چۆچەكتىكىلەر قولىدىكى ئالتۇننى ئۈچكە بۆلۈپ يۈرۈپ كەتكەنلىكى سۆزلەنگەن ئىدى .
ئۈچ ئاكا - ئۇكا دادىسىدىن قالغان مۇشۇ بىردىنبىر ئات ھارۋىسىنى ئويلاشتى ، ئەگەر ئۈچ يول ئۇچىراپ قالسا ئات ھارۋىسىنى كىم ئالىدۇ ؟ ئۇلار تېخىمۇ ئويلاشقا باشلىدى . ئويلىغانسىرى كۆڭلى بۇرۇقتۇرما بولدى . تاڭ ئاتاي دىگەندە ،ئاخىرى كۆڭلىدىكىنى سۆزلەشتى ،كىلىشەلمەي تالاش-تارتىش قىلدى ،بىر -بىرىگە قايىل بولماي مۇش كۆتۈرۈشتى . ئۇرۇشتى ، ئىككىسى بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ، يەنە ئىككىسى بىر -بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى . ئاخىرى قولىدا توقماق بار بىرسى يەڭدى .
ھارۋىدا ئىككى جەسەت ياتاتتى ، لېكىن ئات ھارۋىسى شۇنچە مېڭىپمۇ ئۇلار تاللىماقچى بولغان ئۈچ ئاچا يولنى بايقىمىدى ، بەلكى يەنە ئىزچىل شۇ بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان يولدا كېتىپ باراتتى ...
تىيەنجىن
2014-04-26
|