ئالماتادا «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان
تۆھپىسى» ناملىق كىتاب يورۇق كۆردى
2014-04-23
يېقىندا ئالماتادىكى «مىر نەشرىيات ئۆيى» تەرىپىدىن «ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيامەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى.
مەزكۇر ئەمگەك 2008- يىلى ماھمۇت قەشقەرىنىڭ 1000 يىللىق تەۋەللۇدىمۇناسىۋىتى بىلەن ئەنە شۇ تېمىدا ئۆتكەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىماتېرىياللىرى ئاساسىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ قازاقىستان بىلىم ۋە پەنمىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرق شۇناسلىقئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى تەرىپىدىن تەييارلانغان. يىگىرمەباسما تاۋاققا يېقىن ھەجىمدىكى بۇ توپلامغا ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستانلىقئالىملارنىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلدى. توپلامنىڭ كىرىش قىسمىدا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى،پروفېسسور مېرۇئېرت ئابۇسېيىتوۋا ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئارسلانئابدۇللانىڭ نۇتۇقلىرى بېرىلگەن.
فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋا مەركەزخادىملىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشلار ھەمدە بۇ جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان بەزىقىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ئاخىرقى ئىككى يىل ئىچىدە بىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرىئۆزلىرى ئورۇندىغان بىر قانچە ئىلمىي لايىھىلەر ئاساسىدا تەييارلانغان ئىلمىيئەمگەكلىرىنى نەشر قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ دېسەم ئاشۇرۇپ ئېيتقانبولمايمەن. چۈنكى ھەقىقەتەنمۇ بىز مەركەز رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورىرىسالەت كەرىموۋانىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىقىدا يېقىندا ئىككى توپلام چىقاردۇق.
يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقدەپ ئويلايمەن، بىز ئۆز ئەمگەكلىرىمىزنى ۋە ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭماتېرىياللىرىنى نەشر قىلىشتا خىراجەت جەھەتتىن قىينىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگەكۆپىنچە جەمئىيەت بىرلەشمىلىرىگە، ئىقتىسادىي قوللىغۇچىلارغا مۇراجىئەت قىلىشقاتوغرا كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىلا بىز ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ سابىقرەھبىرى، پەلسەپەشۇناس كوممۇنار تالىپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىلمىيمۇھاكىمەنىڭ «ئېتنىكلار ۋە سىياسەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇق.ئۇنىڭدا ئاساسىي جەھەتتىن مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقلەر، دىنلار ئارىسىدىكى تارىخىيۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرگە بېغىشلانغان ماقالىلەر ئورۇن ئالغان.
ئەمدى مۇشۇ يېقىندىلا«ماھمۇت قەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى» ناملىق چوڭ ئىلمىيماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇق. ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، بىز بۇ كىتابنى خېلىكېچىكىش بىلەن چىقاردۇق، بۇ يەردە بىز يەنە شۇ خىراجەت مەسىلىسىگە تاقىلىپ قالغانئىدۇق. مەزكۇر توپلامنى چىقىرىشتا مەن ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ۋە پۈتكۈلشەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى كوللېكتىپى نامىدىن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي -مەدەنىيەت مەركىزى، خۇسۇسەن مىللەتپەرۋەر شەخسلەر ئەركىن توختىيېف ۋە سەنەمبېشىروۋاغا ھەم شۇنداقلا بىزگە دائىم يار - يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتقان «مىرنەشرىياتى» نىڭ مۇدىرى ئەلىشېر خەلىلوفقا چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى ئىزھار قىلىمەن.
"ماھمۇتقەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى" ماۋزۇلۇق كىتاب تارىخ،تىل، ئەدەبىيات ۋە باشقا ساھەلەردە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالىملار،شۇنداقلا ماھمۇت قەشقەرى ئىجادىيىتىگە قىزىققۇچى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغاسۇنۇلدى. مەزكۇر توپلامنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە خەلمىنەم مەسىموۋا يەنە مۇنداق دېدى:
مەزكۇر كىتابنىڭ بىرئارتۇقچىلىقى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئارسلان ئابدۇللا، نەبىجانتۇرسۇن قاتارلىق تارىخىي ۋەتىنىمىز ھەم ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ، شۇنداقلائۆزبېكىستانلىق ئابدۇخالىق ئايتبايېف، خەمىتخان ئىسلامى، قىرغىزىستانلىق ئەزىزنارىنبايېف كەبى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. توپلامدامەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدە ماھمۇت قەشقەرى مىراسىنىڭ تۇتقان ئورنىئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ چوڭ زېمىندىكى ھەر خىلمەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا باغلىنىشلىرى، ماھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللارلۇغىتى» ناملىق ئەمگىكىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ۋە كېلەچەكتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆزباھاسىنى بەرگەن.
"ماھمۇتقەشقەرىنىڭ دۇنيا مەدەنىي مىراسىغا قوشقان تۆھپىسى" ماۋزۇلۇق كىتاب ماقالىلەرتوپلىمى بولۇپ، بۇنىڭغا رۇس، ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدىكى مەخسۇس ئىلمىي ماقالىلەركىرگۈزۈلگەن. مەنبەسى، تور دۇنياسىدىن ئېلىندى.
|