- تىزىملاتقان
- 2014-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 638
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  27.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-27 19:43
ھۆرمەتلىك زىيا ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «Sterile neutrino» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچەسىنى «ستىرىل نېترىنو» دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن. چۈنكى، «نېترىنو» ئاتالغۇسى، خەلقئارالىق سۆزدىن قۇبۇل قىلىنغاندەك قىلىدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن، «ستىرىل» سۆزىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ ئىككى سۆز قوشۇلسا، «ستىرىل نېترىنو» بولۇدۇ. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەناسى، جەزبە (تارتىش كۈچى دىيىشۋاتىمىز) لىك رولىغا قاتناشىشتىن باشقا ھېچقانداق رولغا قاتناشمايدىغان مۆتىدىل قارا ماددا دىگەننى بىلدىرەدى. بەزى ئىلىم ئاتالغۇلارىنىڭ قوشۇمچە مەنا بېرىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ھەم دۇنياۋى بىردەك بولۇشىنى (خۇددى كومپۇتېر دەپ ئاتالغانغا ئوخشاش) ئويلاشقاندا، دۇنيادا مۇنداق ئاتالغۇلارنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ قوللۇنىدىغان مىللەتلەر يوق دىيەرلىك بولۇشى مۇمكىن. |
|