مىڭ ئۆلۇم
بىر ئات ئالدىم مىنسۇن مەن دەپ بالامغا، ياراشتىمۇ بىلمەستىن ھەم زامانغا. ئۇنى قېتىش ئەمما ماڭا تەس كەلدى، جىمجىت يايلاپ يۈرگەن بىر توپ يىلقىغا.
قويۇپ بەرسەم بىسمىللاھ دەپ يايلاققا، كىشنىگەنچە گەپ تاشلىدى بايتالغا. بۇ خورلۇققا چىدالامدۇ «ئەر كىشى»؟ جەردە ئايغىر شۇئان چۈشتى دوئىلغا.
شۇنچە قاتتىق تۇتۇشتى ئۇ ئىككىسى، ئىگىز چاپچىپ بىر-بىرىنى تېپىشتى. چىشلەشتى ۋە يايلىرىنى يۇلۇشتى، پۈتۈن شەيئى ھەيران بولۇپ قېلىشتى.
دىگەن يەردىن چىقالمىدى بۇ ئېتىم، تاللىۋالدى دەرھال تېزدىن قېچىشنى. شۇندا جەردە مەغرۇرانە كىشنىدى، ھەممە بايتال بويۇن ئېگىپ مېڭىشتى.
ئاڭا قاراپ ئەركەككەن دەپ ئويلۇدۇم، شۇنچە شېرىن بىلىندى ھەم بۇ ئويۇم. دىمىسىمۇ قوغدالمىسا ئاياللار، ئەرگە لايىق بولۇر ھەر چاغ مىڭ ئۆلۈم.
تۇرغۇن نېرىنكىر
|