قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1427|ئىنكاس: 16

ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە(رومان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 22:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە

خېۋىر تومۈر

ئاپتۇردىن

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان غايەت ئۇزۇن يىللار شىنجاڭنى قاراڭغۇلۇق-جاھالەت قاپلىغان ۋاقىتلار ئىدى. سىياسىي تۈزۈمدە مۇستەبىتلىك، دىننىي ئىتىقادتا خۇراپاتلىك، بىدئەت ئەۋىج ئالغان ئىدى. خەلق خار- زەبۇنلۇققا، مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەندى. خەلق تۇرمۇشى كەمبەغەللىككە، مەنىۋى ھايات قەھەتچىلىككە ئۇچراپ، مىللىي ھايات قورقۇنۇچلۇق تەقدىرگە دۇچ كەلدى.

قاراڭغۇلۇقتا قالغانلار يۇرۇقلۇققا، ھالاكەت تەقدىرىگە دۇچ كەلگەنلەر ھايات ياشاشقا تەقەززا بولغاندەك، شۇيىللاردا مىللەت ماددىۋىي جەھەتتىكى قاششاقلىقتىن تەرەققىياتقا، مەنىۋىي جەھەتتىكى قەھەتچىلىكتىن مەرىپەتكە تەقەززا بولدى.

بۇ دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ جىددىي تەلىپى ئىدى، بۇنى پەقەت زامانىۋىي مائارىپ بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن 19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن ئىتىبارەن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىي ۋە شەرقىي رايۇنلىرىدا پەننىي دەرىسلىكلەرنى ئاساس قىلغان يېڭىچە (جەدىتى) مەكتەپلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك بىخ يېرىشقا باشلىدى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بولۇپمۇ شىنخەي ئىنقىلابى يىللىرىدىكى ئومۇمىي ئويغىنىش دەۋرىدە زامانىۋىي ئوقۇش – ئوقۇتۇشقا بولغان ئېھتىياج كۈچەيگەنلىكتىن، يېڭى مەكتەپلەر سان جەھەتتىن كۆپىيىپلا قالماستىن، سۈپەت جەھەتتىمۇ يۈكسەلدى.

قەشقەر، غۇلجا، تۇرپاننى مەركەز قىلغان مەرىپەتچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە چەتئەللەردىن ئوقۇتقۇچى زىيالىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتۇش ساپاسىنى يەنە بىر بالداق يوقىرى ئۆستۈردى ۋە ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلارنى كۆپلەپ يىتىشتۈرۈپ، دەۋر ئېھتىياجىنى تەمىنلەشكە ھەسسە قوشتى.

ئەپسۇسكى، بۇ يارقىن مەرىپەتچىلىك ئۆز تەرەققىياتدا تارىخى، ئىجتىمائى ۋە سىياسىي چەكلىمىلەر ۋە توسقۇنلۇقلاردىن خالىي بولالمىدى.

توسقۇنلۇق ئالدى بىلەن سىياسىي ھاكىمىيەتتىن كېلەتتى، شۇ دەۋىردىكى سىياسىي ھاكىمىيەت خەلقنى جاھالەت – نادانلىقتا قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكتىن، خەلقنىڭ ئويغۇنىشىنى، ئىلىم – بىلىم ئېلىپ دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى ياقتۇرمايىتتى، بولۇپمۇ ئىستىبدات ياڭزېشىن دەۋرىدە، توسقۇنلۇق چېكىدىن ئاشتى. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەرقايسى جايلاردا  قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنى تاقاتتى. ئاخىرقى قېتىمدا تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىپ ئومۇميۈزلۈك ئېلان چىقىرىپ، مەكتەپلەرنى ياپتۇرغاندىن تاشقىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى، مەرىپەتپەرۋەر زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلدى ۋە سۈرگۈنگە ھەيدىدى. ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بەزەن ئوقۇتقۇچىلارنى قەپەسكە سولاپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئالدۇرۇش چارىسى بىلەن يول بۇيى شەھەر- شەھەرلەردە سازايى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ۋىلايەت ناھىيلەردە خەنزۇچە ئوقۇيدىغان شىياۋتاڭ مەكتەپلىرى قۇرۇپ، «ئوقۇغۇچلار كەلسە شىياۋتاڭدا ئوقۇڭلار» دەپ يېڭىچە مىللىي مائارىپنى چەكلىدى.

توسقۇنلۇقنىڭ ئىككىنچىسى دىنىي مۇتئەسسسىپلەردىن كەلدى، دىنىي تونغا ئورىلىۋالغان بىر تۈركۈم بىدئەتچىلەر، خۇراپاتقا چۆمگەن روھانىيلار، ئىشان سوپىلار يېڭىچە پەننىي مائارىپقا جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇپ تۈرلۈك يوللار بىلەن توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار قانداقتۇر «ئۇسۇلى جېدىت ھارام، ئۇنى ئوقۇش دەھرىيلىك» دەيدىغان ئىغۋا خاراكتىرلىك ئاساسسىز بۆھتانلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ھاكىمىيەتكە قولچۇماق بولدى.

چەت ئەل مۇخالىپەتچىللىرىمۇ بىزنىڭ ئويغۇنىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى ياۋۇز كۈچ ئىدى. چۈنكى .ئۇلار ماددىۋيى ۋە مەنىۋيى جەھەتتىن پايدا تېپىش ئۈچۈن غەپلەتتە ياتقان ئەلنىڭ داۋاملىق نادان بولۇشىنى خالايىتتى.

يوقىرىقى ئۈچ خىل توسقۇنلۇق ئىچىدىن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئوت يۈرەك مەرىپەتچىلەر بۇ يولدا مىسلىسىز غەيرەت شىجائەت كۆرسىتىپ، قەھرىمانلارچە ئالغا باستى. تۈرمە ۋە زەنجىر- كىشەنلەردىن قورىقمىدى. ھەتتا بۇيولدا ئەزىز جانلىرىنى ئايىماي، پىداكارلارچە قۇربان بولدى. بۇخىل ھايات-ماماتلىق كۆرەش بولۇپمۇ قەشقەردە ماتىتەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە كەسكىنلىشىپ چېكىگە يەتتى. ئۈرۈمچىدە تۈمۈر خەلىپىگە سۈيقەسىت قىلىشتا خىزمەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە قەشقەرگە شىيەي بولۇپ كەلگەن مافۇشىڭ بىر قولىدا سىياسىي ھاكىمىيەت، بىر قولىدا دىنىي مەزھەپچىلىكنى تۇتۇپ، خەلققە دەھشەت زولۇم سالدى. خەلقنىڭ نادانلىقى ۋە خۇراپاتلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇزۇقچىلىق، ئەيشى-ئىشرەت، كەيپ – ساپاغا بېرىلدى، دىنىي مۇتئەسسىپلەرنى قوللاپ، خۇراپاتلىققا يول قۇيۇپ، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولغان مىللىي مائارىپقا چىش-تىرنىقى بىلەن قارشى تۇردى.

مەرىپەتچىلىك توشقۇنلۇققا ئۇچراپ، مىللىي مائارىپ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان دەل ئاشۇ يىللاردا، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى ھىجرەتتىن ئەزىز ۋەتىنى قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. ئۇ بۇ قېتىم قايتىشىدا مىسىر، ئىستانبول، بۇخارا، تاشكەنت ئالىملىرىدىن «ئۇسۇل جېدىت ۋاجىپ، ئۇنى ئوقۇش زۆرۈر» دېگەن پەتىۋا ئېلىپ كىلىپ، مەرىپەتچىلىك ۋە ئىسلاھاتچىلىق بىلەن كەڭ شۇغۇللاندى، ئۇنىڭ يولى، مەسلىكى توغرا ئىدى، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن، ئەمەلىي ئېھتىياج تەلىپىگە باب كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇباشلىغان يول ناھايىتى تىزلىكتە شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىش ھەرىكىتىگە  ئايلاندى. ئۇنىڭ ئەمىلىي تەشۋىق – تەرغىباتى ئارقىلىق مىللىي ھاياتىمىزنىڭ دۈشمىنى بولۇپ كەلگەن ئىچكى – تاشقى دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرى رەھىمسىز پاش قىلىندى ۋە ئۇلارغا قارشى چارە تەدبىر كۆرۈشكە باشلىدى، بولۇپمۇ ئابدۇقادىر داموللا ۋە ئۇنىڭ مەسلەكداشلىرى پىداكارلىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، چەت ئەل مۇداخىلەتچىلىرىگە، ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە، ۋە دىنىي خۇراپاتقا قارشى تۇردى، بۇ خىل ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەركەتتىن شۇ زاماندىكى ھاكىمىيەت چەت ئەل مۇداخىلەتچىلىرى، بىر قىسىم بايلار ۋە دىنىي مۇتئەسسىپلەر ئالاقزادە بولۇپ، غەم ئەندىشىگە چۈشتى، ئاخىرى بۇ قارا كۈچلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەرىپەتچىلىك ۋە ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن سۈيقەست ئۇيۇشتۇرۇپ، مەرىپەتپەرۋەر ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرىنى شېھىت قىلدى.

قىسسىمىزنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى قىسقىچە ئەنە شۇلار ئىبارەت.


بىرىنچى باب

بىلىم – ئىقتىدار ۋە ئىپتىخار

قەشقەر خانلىق مەدرىس.
غەربىي تەرىپى خانىقا، شىمال ۋە شەرق تەرەپلىرى كىچىك-كىچىك ھۇجرىلار بىلەن ئورالغان چاسا ھويلا بۈگۈن پىشىندىن كېيىن باشقىچە جانلانغانىدى.
ئىگىز ھەم ھەيۋەتلىك پىشايۋان ئاستىدا ئونغا يېقىن تالىپ بەئەينى شىرنىگە ئولاشقان ھەرىلەردەك غۇجمەكلىشىپ، قانداقتۇر بىر كىتابنى چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن قولدىن-قولغا ئېلىپ كۆرۈشەتتى، قىزغىن موھاكىمە قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ كىتابقا بولغا مۇھەببىتى، ئوتلۇق تەلمۈرۈشى ۋە ھاياجانلىنىشلار ھەرقانداق كىشىنىڭ زوقىنى قوزغاپ، ھەۋىسى كەلتۈرەتتى.
ئىلىم دەرىجىسى ئونۋېرستىتقا تەڭ بولغان ئالىي بىلىم يۇتتى – خانلىق مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان تالىپ خەلپەتلەرنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرى . سۆيگۈ –تىلەكلىرىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بىلىم ئېلىش، ئىلىمدا بىرەر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈش، بىرەر يېڭى پىكىرگە ئىگە بولۇش – پايدىغا ھېرىس تىجارەتچىنىڭ سەرلەرپ ئالتۇن، جىڭلاپ كۈمۈش پايدا تاپقىنىدىنمۇ ئارتۇق قىممەتلىك ۋە خۇشاللىنارلىق ھېسابلىناتتى، چۈنكى تالىپلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار، ئىلىمگە بەجاندىل مۇھەببەت باغلىغۇچىلار ئىدى. ئولار بىرەر كىتابقا ئىگە بولسا، كۈمۈش ئىگەرلىك شاھانە ئارغىماققا ئىگە بولغاندىنمۇ ئارتۇق خۇشال بولاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا خاس مۇھەببىتى، ئىشتىياقى، خۇسۇسىيتى. ئۇلار كىتابتىن لەززەت ئېلىپ ئىلىم بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. بىلىم بىلەن ياشىرىپ، باراقسان كۆكلەپ، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن تاتلىق مېۋە بەرمەكچى، سالقىن سايە تاشلاپ ھۇزۇر-ھالاۋەت بەخىش ئەتمەكچى.
سورۇن بارغانچە ئۇلغىيىپ، يېڭى-يېڭى تالىپلار بىلەن تولۇقلانماقتا، تۇرۇپلا مۇتائىيلە ۋە مۇنازىرە قىزىماقتا ئىدى.
تالىپلار نېمىدېگەن جۇشقۇن روھلۇق – ھە ! خۇددىي جۇش ئۇرۇپ ئۆرلەۋاتقان قۇياشقا ئوخشاش ... مۇھاكىمە باشلانسىلا ئۇلار بەيگىگە چاپقان ئاتلاردەك، بىر – بىرىدىن قېلىشماسلىققا تىرىشىپ، ھەركىم ئۆز پىكىرىنى ئالغا سۈرۈپ، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشەتتى، پاساھەتلىك سۆز ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ، مۆجىزە ۋە سېھرىي قۇۋۋەتكە تولغان ھەشىمەتلىك ساراي ياكى تىلمسىماتتەك پۇختا قورغان ياساپ چىقاتتى. ئىككىنچى بىرى ئۇنىڭدىنمۇ يېڭى، چوڭقۇر پىكىر – ئۇقۇملارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئالدىنقى قورغاننى بۇزۇپ تاشلايىتتى ياكى ئالدىنقى پىكىرنى قۇۋۋەتلەپ تولۇقلايىتتى ۋە ياكى جۈملىگە چېكىت قويۇپ جان كىرگۈزگەندەك، ئالدىنقى پىكىرگە مەزمۇن ھەم مەنە قوشۇپ تېخىمۇ جانلاندۇراتتى.
تالىپلارنىڭ دىققىتى بىر كىتابقا – ھەممە كىشى ئورتاق قايىل بولۇشقان، ئۇزۇندىن بىرى كۆرۈش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلگەن «گۈلىستان » نىڭ تەرجىمىسى «شەۋقىي گۈلىستان مۇسەۋۋىرى» گە مەركەزلەشكەنىدى. سۆز- مۇنازىرىلەرمۇ بۇ مەركەزدىن چەتلەشمەيىتتى.
- نېمىدېگەن چرايلىق يېزىلغان –ھە ! – دېدى تالىپلاردىن بىرى قاتتىق چەملىك ماش رەڭ مۇھاۋىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا «شەۋقىي گۈلىستان مۇسەۋۋىرى» دەپ يېزىلغان ئويما خەتكە تويماستىن قاراپ.
دەرۋەقە كىتابنىڭ نامى چىرايلىق ۋە كۆركەم يېزىلغان، خەت نۇسخىسى ئوبدان تاللانغان بولۇپ، ھۆسىن خەتچىلىكتە كامالەتكە يەتكەنىدى.
- ئىسمى جىسمىغا لايىق، گۈلىستاندەك يېزىلىپتۇ.
-  چېكىتلەر خۇددى پەرىزات ھۆسنىگە گۈزەللىك بەخىش ئەتكەن خالدەك.
- قەلىمى پىشقان كاتىپكەن، كامالەتكە يەتكۈزۈپتۇ!
مۇقاۋا لايىھىسىدىكى گۈزەل سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچىدىن ھۇزۇرلارنغان تالىپلار تەرەپ-تەرەپتىن پىكىر بايان قىلىپ، تەھسىن ۋە ئاپرىن ئوقۇشتى.
- «گۈلىستان» نىڭ تۈركىي تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئىلىم دۇنياسىدا كىچىك ئىش ئەمەس، جۇما ! – دېدى ساقىلىنى يېڭىلا قىردۇرۇپ قايچىلاتقان ئاق پىشماق تالىپ كىتابنى ئېچىۋېتىپ.
- نېمە دىگەنلىرى ئۇ! بۇنداق ئۇلۇغ خىزمەت جاھاندا ئىككى تېپىلماس، - كىتابقا مىختەك قادىلىپ ئولتۇرغان يەنە بىر تالىپ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ سۆزلىگەچ، ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ قويدى، ئۇنىڭ چوڭ – چوڭ ئېچىلغان كۆزلىرىدىن ئۆز چۈشەنچىسىنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
- بۇ خىزمەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئىپادىلەپ چىقماق تەس! – دېدى ئۈچۈنچى بىر تالىپ سۆزگە ئارىلىشپ، ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن كۈچلۈك ھاياجانلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى، ئۇجىددىي قىياپەتتە داۋام قىلدى،- ئاۋۋالقىدەك گۈلىستاننىڭ پارس ئىبارىسىنى بىر ئوقۇپ، ئاندىن مىنىسىنى يېشىمىز، دەپ ئولتۇرىدىغان ھەرەج تۈگەپتۇ. مانا ئەمدى ھەرقانداق كىشى گۈلىستاننى ئېچىپلا ئوقۇيالايدىغان، مەنىسىگە چۈشىنەلەيدىغان بوپتۇ، شۇنداققۇ! خىزمەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى مانا شۇ يەردە ...
زامان-زاماندىن ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا دەرس ئوقۇپ رىيازەت چېكىپ كىلىۋاتقان تالىپلار گۈلىستاننىڭ تۈركىي تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىغا ئەنە شۇنداق خۇشال بولۇشقانىدى.
كىتاب ئېچىلدى. ئاجايىپ نەپىس گۈل – نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئىچ مۇقاۋا خۇددى پەردە ئېچىلغاندىن كېيىن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان سەھنە دېكوراتسىيىسىگە ئوخشاش تالىپلارنى ئۆزىگە تارىتقانىدى. سەھىپە چۆرىسىدىكى جەزىبدار گۈل – نەقىشلەر، ئاپتۇرنىڭ ئىسمى، ساددا، ئەمما كۆركەم چەمبىرەك ئىچىگە ھۆسىن خەت بىلەن يېزىلغان كىتاب ئىسمى، ئۇنىڭ ئاستىدىكى كىچىكلىتىپ يېزىلغان نەشىر قىلغان ئورۇن، يىل ۋاقتى قاتارلىقلار، ئومۇمەن موقاۋا لايىھىسىدىكى يۈكسەك ماھارەت نامايەن بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى.
«تەبەقى گۈل دىلىمنى قىلماس چاغ،
گۈلىستانىمدىن ئال بىر ياپراق.»
كىچىكلىتىپ يېزىلغان نەشىر قىلغان ئورۇن، يىل ۋاقتى قاتارلىقلار، ئومۇمەن موقاۋا لايىھىسىدىكى يۈكسەك ماھارەت نامايەن بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى.
تالىپلاردىن بىرى كىتاب نامى ئاستىغا كىچىكلىتىپ يېزىلغان بىرىنچى مەسنىۋىينى ئۈنلۈك ۋە جاراڭلىق ئوقۇدى.
- نېمىدىگەن تاتلىق، نېمىدېگەن جانلىق تىل ھە ! –دېدى بىر تالىپ تىللىرىنى تامشىپ، ئۇ بېشىنى بىلىنەر بىلىنمەس چايقاپ، قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى ئىپادە قىلاتتى.
- لىللا سۆزنى قىلغاندا، تەرجىمە تىلى ئەسلىدىكى پارس تىلىدىن نەچچە باراۋەر جانلىق ھەم تاتلىق چىققان ! – دېدى يەنە بىر تالىپ يۇقىرىقى سۆزنى قۇۋۋەتلەپ.
- گەپ تەرجىماندا .
- ئەلۋەتتە شۇنداق، ئەگەر تەرجىماننىڭ ئىلمى ۋە قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولمىغاندا ، تۈركىي تىلنىڭ جانلىقلىقى، تاتلىقلىقى، پاساھىتى بۇ قەدەر نامايەن بولمىغان بولاتتى.
- تەرجىمان كىم ئىكەن؟
- تاشكەنىتلىك مۇرات خۇجا ئىشان ھەزرەت.
- ئۇ كىشى ئۆزى تەرجىمە قىلغاندىن تاشقىرى، يەنە ئۆز خىراجىتى بىلەن نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتقان!
- بارىكاللا ! نېمىدىگەن زور ھىممەت بۇ !
- ئادەم باشقا گەپ ، ھىممەت باشقا گەپ ! – كۆرۈنۈشتە بىپەرۋادەك ئولتۇرغان كەڭ پېشانە، ئورا كۆز، قوۋۇزلىرى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ياداڭغۇ چىراي بىر تالىپ بىردىنلا سۆزگە ئارىلىشىپ داۋام قىلدى، - ئەگەر چەندە، مۇرات خوجا ئىشان ھەزرەتلىرى ھىممەت قىلمىغان بولسا، بۇ كىتاب تەرجىمە قىلىنمىغان بولاتتى، شۇنداقمۇ ؟ - ئۇ سۇئال نەزىرى بىلەن كۆپچىلىككە قاراپ قويدى.
بىپەرۋا، خامۇش كۇرۇنگەن بۇ تالىپنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ خىل ئۇرۇنلۇق پىكىر ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماسىتىن، بەلكى ھىممەت مەسىلىسىدە ئىلھام بېغىشلىدى.
- تارازىدا توختىغىدەك گەپ بولدى !
- ھىممەتسىزلىك مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشاش !
- ھىممەتسىز موللا يېپەك قۇسمىغان قۇرت بىلەن باراۋەر ! كۆپچىلىك تەرەپ-تەرەپتىن پىكىر بايان قىلىپ، ھىممەت ئېگىسى مۇرات خۇجا ئىشاننى كۆككە كۆتۈرۈۋاتقاندا، ھېلىقى كۆرۈمسىز تالىپ يەنە گەپ باشلىدى.
- مېۋە يېگەندە باغۋەننى، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمىغاندەك، كىتابنى چىغاتاي تىلىغا سۆزمۇ-سۆز مۇۋەپپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىققان مۇرات خۇجا ئىشان ھەزرەتلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك!
بۇ تېخىمۇ لىللاگەپ بولدى، - دېدى يەنە بىر تالىپ ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ، - ئەلۋەتتە ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك، چوڭ ئىشلاردا ھىممەت قىلالمىساقمۇ، دۇئادا ياد ئىتىپ، مۇرات خۇجا ئىشان ھەزرىتىمنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز لازىم.
گۈلىستاننىڭ تەرجىمىسىگە نىسبەتەن مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن بولۇۋاتقان قايناق سۆز-پىكىرلەر ئىچىدە كىتاب ۋاراقلاندى. ھەر بىر باب، سەھىپە قۇرلاردىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر ئاجايىپ قىسقا ئىبرەتلىك ھېكايەتلەر، نەزمىلەر، ئىزاھاتتىكى شەرھىي-چۈشەنچىلەر تالىپلارنى ئۆزىگە تارتىپ، گويا ئۇلارنى ھېكمەتلىك سۆز جەۋھەرلىرىدىن رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلغان بىر گۈلىستانغا باشلاپ كېتەتتى. تالىپلار سەئىدى شىرازنىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مېھنەت  خەزىنىسىگە شۇقەدەر مەپتۇن بولدىكى، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بىر ئىسكەتتە چىرايلىق يېزىلغان ھۆسىن خەتلەرگە، كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك ئىزاھاتلارغا، بەزەن سەھىپىلەرگە سىزىلغان ئاددىي، ئەمما مەزمۇنغا باي سىزما رەسىملەرگە قادىلىپ قاراپ، بەھۇزۇر سەيلە قىلىشتى.
كىتابىنىڭ ئاخىرقى سەھىپىللىرى مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرى يازغان تەقرىزلەر (بېغىشلىما) بىلەن تولغانىدى.
بۇنىڭ ئىچىدە ئابدۇقادىر داموللا يازغان تەقرىزنى كۆرسىتىپ ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلدى. دىققەت بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتى. بىر تالىپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇشقا كىرىشتى :

زەھى مىژكى  دىل ئائىنەسىنى،
مۇسەپپا قىلدى بۇ شەرھى گۈلىستان.
دىماغ ئەھلى مەنا بولدى ئاندىن،
سەراسەر  ئەترە – زارۇ سۇنبۇلىستان.

مائارىپ مەتلىئى ئەۋراقى ئۇنىڭ،
كېلىپ ئەلپازى گويا بۇلبۇلىستان.
سۇۋات خەتلىرى چون زۇلفى دىلدار،
قىلۇر تالىپ خىيالىنى شەبىستان.

نەقاتى دەستىگا زىبۇ ۋە زىننەت،
مەزامىنى  سەرەپا شەككەرىستان.
ئەجەب گۈلشەنكى، دائىمدۇر باھارى،
تۇمۇز بولسۇن، كۈز بولسۇن يا زىمىستان.

تەئەججۈپ قىلما بۇ گۈلشەن مۇرادى،
ئىلاج دەردى مەخمۇران ۋە مەستان.
ئەگەر شەھباز پىكرى قىلسا جەۋلان،
بولۇر شەرراھلار تەپىل دەبىستان.

مۇرات بۇلبۇلان دېسەم سازادۇر،
بەلا لايىق ئاڭا شەۋقى گۈلىستان.
ۋەلى مەدھىيدە قاسىردۇر ئىبارەت،
گۈل تەرىپىنى قىل مەتلۇبىستان.

بۇ مىسرا غۇنچە ئېچىلدى تارىخ،
مۇراد بۇلبۇلان شەۋقى گۈلىستان.


داموللا ئابدۇقادىر     1327- ھىجرى.



-- يارانلار ، بۇرادەرلەر ! – دېدى تالىپلاردىن بىرى دەس ئورنىدىن تۇرۇپ، - ئىسلام ئالىملىرى قاتارىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن تۇتۇپ، ئىلىم ئاسمىنىدا چولپاندەك چاقنىغان داموللا ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرىنىڭ بىلىم ئىقتىدارىغا بارىكاللا توۋلاپ، بىر دەۋر ساما سالساق قانداق!
- توغرا پىكىر!
- ساما سالايلى، بېشىمىز ئاسمانغا تاقاشسۇن!
تالىپلار تەرەپ-تەرەپتىن ئاۋاز قوشتى، كىمدۇر بىرى ئېغىزچە شادىيانە چالدى. ساما باشلاندى، ھەممە تالىپنىڭ كەيپى چاغ، چېھرى ئوچۇق، بۇيى يەڭگىل ئىدى، خۇددى ئىچىگە ئىسسىق يەل قاچىلانغان شاردەك سەكرىشەتتى. ساما بەش مىنۇتچە دااۋام قىلىپ ئاندىن بېسىلدى.
چۆلنىڭ باغرى يامغۇرغا تويۇنغاندەك، بۈگۈن كۆكىس-قارنىم ئىپتىخارغا تويۇندى، - دېدى ھېلىقى ساقىلى قايچىلانغان ئاق يۈزلۈك تالىپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىپتىخار نۇرلىرى يامغۇردەك قۇيۇلۇپ تۇراتتى.
دۇنيادا ئۆز ئىچىدىن چىققان دانىشمەن، ئالىملىرى بىلەن پەخىرلەنمەيدىغان ئەل بولمىغىنىدەك، تالىپلارنىڭ بۈگۈنكى تەنتەنىسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.
لېكىن، تالىپلار ئىلىمدە ئالغا ئىنتىلگۈچى، ھەر ئىشنىڭ تېگىگە يېتىشنى ئىزدىگۈچى كېلەتتى. ئۇلار مەۋجۇت ھالەتكە ھېچقانداق ۋاقىتتا قانائەت قىلغان ئەمەس، ئۇلار دەلىللەرنى تولۇقلاپ، پاكىتلارنى تاكاممۇللاشتۇرۇشنى دائىم ئارزۇ قىلاتتى.
- يارانلار، تۇزۇپ كەتمەي بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭلار، سىلەرگە بىر پاكىت كۆرسىتەي، - بىر تالىپ ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، ھۇجرا تەرەپكە ئالدىراپ يۇرغىلاپ كەتتى. بۇ تالىپ يېشى قىرىقلارغا بېرىپ قالغان كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق، ئوقۇشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خەلپەتلەردىن ئىدى. تالىپلار ئۇنىڭ ھۇجرىغا مۇنداق قىزغىن كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ھەر خىل گۇمانلاردا بولۇشقان بولسىمۇ، ھەر ھالدا بىر يېڭىلىق كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنەتتى.
خەلپەت ئانچە ھايال بولمايلا ھۇجرىدىن قايتىپ چىقتى، قۇلىدا قانداقتۇر بىر نەرسە باردەك قىلاتتى.
- «شورا»، - دېدى ئۆتكۈر كۆزلۈك تالىپلاردىن بىرى يېنىدىكىلەرگە شىۋىڭلاپ.
- يېڭى سانلىرىدىن بولسا كېرەك.
«شورا» تاتارىستان مەركىزى قازاندا ئۇزۇن يىل نەشىر قىلىنىپ، كەڭ تارقالغان يېرىم ئايلىق ئىلمىي ژورنال بولۇپ، ئۇنىڭغا تارىخ، پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە باشقا ئىلمىي ماقالىلەر بېسىلىپ تۇراتتى، مەشھۇر ئالىملار، پروفېسسورلار، دوكتۇرلار، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ ژورنالدا ئېلان قىلىناتتى، شۇڭا ژورنالنىڭ مۇشتىرى ئىخلاسمەنلىرى كۆپ بولۇپ، قىزىقىپ ئوقۇيتتى، بولۇپمۇ تالىپلار ئوتتۇررىسىدا گۆھەرگە ئوخشاش ئەتىۋارلىنىپ قولدىن – قولغا ئۆتەتتى.
ئۆزئارا شىۋىڭلىشىپ تەقەززالىق بىلەن تەلمۈرۈپ ئولتۇرغانلارنىڭ يېنىغا كەلگەن خەلپەت ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۆكتى-دە، «شورا» مەجمۇئەسىنى ۋاراقلاشقا باشلىدى.
- سىلەرگە بىر ماقالىنى كۆرسەرتمەكچىمەن!- دېدى ئۇ جىددىيلىشىپ، ئۇنىڭ قوللىرى تىتىرەيتتى، گاھى ۋاراقلارنى ئاجرىتالماي تىترەپ تۇرۇپ قالغاندا، بۇيانقى تالىپلار تىت-تىت بولاتتى، ھەممە ئادەمنى تەقەززالىق قاپلىغانىدى.
- قانداق ماقالە ؟ ئاپتۇرى كىم ؟
- يېڭى كەلگەن ژورنالمۇ ؟
- كىم ئالغاچ كەپتۇ !
ژورنال ئىگىسى يۇقىرىقى سۇئاللارنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب قىلماستىن ۋاراقلاشنى داۋاملاشتۇردى. بىر ھازادىن كېيىن توختاپ، بەت بېشىدىن باشلانغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى كۆرسەتتى-دە :
-دىققەت، بىز مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇيمىز! دەپ ئېلان قىلىپ، جاراڭلىق ئوقۇشقا باشلىدى:
ئەدەبىي بىر مۇساھىبە
1915- يىلى 23- سان «شورا» مەجمۇئەسىدە «بايانى ھەقىقەت» ساھىبىنىڭ «جاۋاھىرىل ھىقان» ئەسىرىنى ئاۋۋال كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، ئاپتۇرنىڭ شام ياكى مىسىر ئۆلىمالىرىدىن بولۇشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم قىلغانىدۇق، «بۇخارادا ئوقۇغان بىر ئادەمنىڭ ئەرەب تىلىدا بۇ دەرىجىدە پەسىھ ۋە تەبئىي قەسىدە سۆزلەشكە قۇدرىتى يېتىدىغانلىقى خاتىرىمىزگە كەلمىگەنىدى.» دەپ مېنى شايان ۋە ئىپتىخار قىلغانىكەن. 1916- يىلى 7- سان «شورا» دا، ئالما ئاتالىق سابىرجان شاكىر ئەپەندى «<بايانى ھەقىقەت» ماقالىسىنى يازغۇچى داموللا ئابدۇقادىرنى شورا ئىدارىسى بۇخارادا ئوقۇغان ئادەم دەپ كۆرسىتىپتۇ. مېنىڭچە بولغاندا، شورا ئىدارىسىنىڭ بۇرۇنقى كۆز قارىشى بويىچە، مەزۆۇرنى مىسىر ئۆلىماسى دەپ ھېسابلىشىمىز توغرا ئىكەن، ئەگەر خاتالاشمىغان بولساق، ئۇ كىشىنى مىسىردا سەككىز يىل ئوقۇغان بىر زات» دەيدۇ.
سابىرجان ئەپەندى «شورا» ئىدارىسى خاتالاشتى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆزى تېخىمۇ چوڭ خاتالاشتى، چۈنكى تەھسىلىم (ئوقۇشۇم) بۇخارادا بولغىنىغا «بايانى ھەقىقەت» سەرلەۋھىلىك ماقالەم ئەدلى دەلىل دە ئەدلى شاھىت بولۇشنى بىلىدۇ. بۇ ھۆكۈملەر مېنىڭ توغرامدا بولغىنى ئۈچۈن بىر ئاز ئىزاھ بەرمەككە مەجبۇر بولدۇم.
سابىرجان ئەپەندى بۇخارادىكى تەھسىل-تەرتىپلەردىن تولۇق خەۋەردار بولسا كېرەك. ھازىرقى زاماندا بۇخارادىن ئۇنداق زاتلار چىقمايلا قويسۇن دېمەكچى بولىدۇ. مېنىڭ ئوقۇشۇم بۇخارادا بولغىنى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك بۇخارادىكى تەرتىپ ۋە تەدىرىسلىرىسىن (ئوقۇتۇش تەرتىپلىرىدىن) تولۇق ۋاقىپ بولغىنىم ئۈچۈن بىر ئاز بايان قىلىش ھاجەتلىكتۇر.
دەسلەپ ئوقۇشۇم قەشقەر ناھىيسى ئۆز ۋەتىنىم ئارتۇچ (ئاتۇش) قەسبەسىندە بولدى. كېيىن قوقەندە ئىككى يىل ئوقۇپ، ھېجرىيە 1309- يىللاردا بۇخاراغا باردىم، بۇخارا ئادىتىچە ئىمتىھان بېرىپ ئۆز ۋەتىنىمگە قايتىپ كەلدىم. بۇخارادا يەتتە-سەككىز يىل ئوقۇغان بولساممۇ، ساپ ۋىجدانىم ۋە بەزى ھەقىقەتچى زاتلارنىڭ سۆز-سۆھبىتى ۋە يول كۆرسىتىشلىرى بۇخارا تەھسىلىمدىن ھاسىل بولغان خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخورلۇق زۇلۇماتىدىن ۋە مەنتىق كالام، پەلسەپە كىتابلىرىنىڭ شەرھ ۋە ھاشىيلىرى قاتمۇ قات، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتىلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات زەنجىر-كىشەنلىرىدىن ئەقىل – پىكىرىمنى ئازاد قىلدى.
ھازىرقى زاماندا بۇخارا تەھسىل تەرتىپلىرى ئېتىراپ قىلىپ يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ھاشىيە خانلىق، ساپ ئەقىدىلەرنى بۇزۇپ، ھۆر ۋە ئازاد ئەقىل پىكىرنى زەھەرلەندۈرمەكتىن باشقا ھېچ سەمەرىسى (پايدىسى) يوق دېسە خاتا بولماس.
ئىلىم يۈزىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇخارانىڭ «شەرىپ» بولۇشى، ئۇشبۇ بىمەنە، بىمەرەز، ھاشىيە ئوقۇغانلىقتىنمۇ، ياكى ئەسكى يۇنان خۇراپاتلىرىنى راۋاج قىلدۇرماق ئۈچۈنمۇ، ياكى كۆكۈلتاش، مىر ئەرەب، ھەۋزى دىۋان بېگى دېگەندەك ھەشىمەتلىك مەدرىس بىنالىرىنىڭ بولغانلىقىدىنمۇ ياكى ئىسلام ئالىملىرى، مۇخالىپلارنىڭ قىلغان تاجاۋۇز دەھشىتىدىن چارىسىز بولغان ھالدا ئىستىقبال ۋە ئاخىرەت ئەندىشىسىدىن ۋاز كېچىپ غەپلەت ۋە بىكارچىلىق بىلەن زايە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەتمۇ؟ ! ئەجەبا ! جانابىي ھەق پۈتۈن ئىسلام ئالىمىنىڭ ئۆلىمالىرىغا، بولۇپمۇ بۇخارا داموللىلىرىغا ئىنساب بەرسۇن!
مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇخارانىڭ «شەرىپ» لىكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بۇخارا ئىلىم چەشمىسى(بولىقى) مەئرىپەت مەتلۇئى(ئىلىم قايناپ چىققان جاي) بولۇشىدىن ئىدى.
ئەبۇ ھىفى كەبىر، ھەلۋانى، ماترىدى كەبى زاتى ئالىملارنى يتىشتۈرگەنىدى، ھىجرىيە 1324دە مۇبارەك ھەج بەيتۇللا سەپىرىگە نىيەت قىلىپ، ھەج ئادا بولغاندىن كېيىن ئىستانبولدا ئىككى ئاي تۇرۇپ مىسىرغا باردىم. ئۇ يەردە تاتار تالىبەلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن رىشىت رىزا جانابلىرى، «ئەللىۋا» مەجمۇئەسىنىڭ  ساھىبى ۋە مۇدىرى مۇستەپا كامىل، مەدرىس تەھزىيە كەبىرى مۇدىرى سىيىت مۇھەممەت ئەپەندى، فەرىد ۋە جەددى كەبى زاتى ئالىيجانابلارنىڭ مۇساھىبەلىرىدىن تەجدىت (يېڭىلىق) ۋە ئىسلاھ توغرىسىدىكى ئالىي پىكىرلەر كەسىپ قىلىپ، مىسىردا ئىككى ئاي ئىستىقامەت قىلدىم، بەس، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەتىنىمگە قايتىپ، ئاھالىنى تەرەققىياتقا ۋە تەجدىت ئىسلاھاتقا دالالەت قىلىشقا باشلىدىم.
ئاخىرى بۇ دالالىتىم ۋەتەندىن ئايرىلىشقا سەۋەب بولدى.
يەنە «قوقەند»، «بۇخارا» غا باردىم. بەختكە يارىشا، بۇخاراغا بارغان كۈنلىرىمدە «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئوقۇغۇچى دەھرى» دېگەن پەتىۋا ئورنىغا، بۈيۈك ئۇستازلىرىمدىن «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ، ئۇنى ئوقۇش زۆرۈر» دېگەن پەتىۋا مەيدانغا چىققانىدى.
بۇخارادا بىر ئاز تۇرۇپ، ھىجرىيە 1329 دە ئالمۇتا يولى بىلەن غولجىغا كېتىۋاتاتتىم، ھېلىقى سابىرجان ئەپەندى بىلەن «ئالمۇتا» دا ئۇچىرىشىپ قالدىم. شۇ سەپىرىمدە قوقەند شەھىرىدە «جاۋاھىرىل ئىقان»، «مۇپتاھىل ئەدەب» ئىسىملىك ئەسەرلىرىم مەيدانغا چىقتى. بۇ ئەسەرلەرنى بەزى دوسىتلىرىم شورا ئىدارىسىگە ئەۋەتىپ بەرگەن بولدى.
غولجىدىن ۋەتىنىمگە قايتىپ، ئاۋۋالقى مەسلەكتە داۋام ئېتىپ، تەرتىپ جەدىتى ئىسلاھ ۋە تەرەققىياتلارغا ئاھالىنى تەشۋىق ۋە تەرغىب ئەتتىم، 15- يىلى 23- سانلىق شورا دا «بايانى ھەقىقەت» دېگەن ماقالىدىكى ماجرالار پەيدا بولدى.
بۇخارادا خۇاشى خانلىقتىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋە پىكىرىمنىڭ شىپا تاپماقلىقىغا يەنە بىر سەۋەب: بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبنى شەميە ئىبنى قەييۇم جوزىيە، جامالىدىن ئەپغانى ۋە شەيىخ مۇھەممەت ئابدۇھەت ۋە... ھەزرەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇتائىلە ۋە مۇلاھىزە قىلماق ۋە زامانى ھازىردىكى «تەرجىمان»، «ۋاقىت»، «شورا» كەبى پايدىلىق گېزىت ژورنال مەسلەكلىرىگە مۇتابىئەت ئەيلىمەك (ئەگەشمەك) بولدى. ھال ھازىر پىشقەدەملىرىمىزگە مۇتابىئەت يۈزىسىدىن، بۇخارا تەرتىپلىرى ئىلە مەنتىق، كالام پەلسەپە، تەدىس ۋە مۇكالىمىلىرىگە مەشغۇل بولساممۇ، لېكىن زىيالىي شاگىرىتلارغا تەپسىر، ھەدىس، ئىلمۇ- ئەما بىيەلەردىن تەلىم بەرمەكتىمەن. بۇ شاگىرىتلار «شورا»، «ۋاقىت»، «تەرجىمان» قاتارلىق ژورناللارنى كامالى زوق – شەۋق ئىلە مۇتائىلە قىلماقتالار. بۇ پايدىلىق (موفىد) ئەسەرلەردىن بەھۋار بولغان كىشىنىڭ ۋىجدانى كونىلىقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئىسلاھات تەرەققىيات يولىدىن قايىتماس!
ئېھتىرام بىلەن : داموللا ئابدۇلقادىر مۇدەررىسى كاشىغەر
1916- يىلى 1- ئاپرىل.
-- ۋاي، ۋاي ۋاي ... – دېدى بەزەنلەر خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، بەزەنلەر «بارىكاللا» ئېيتىپ ئاسمانغا غۇلاچ ئېتىشتى. بەزەنلەر «ياشاپ كەت داموللا » دەپ شۇئار توۋلاشتى، بەزەنلەر تەسىراتتىن بوشىشىپ، ئۆزىنى ئوڭدىسىغا تاشلىۋەتتى. بۇ ماقالە ئۆز قۇدرىتى بىلەن شۇنچىلىك تەسىر قوزغىدىكى، ھاياجانلانغان تالىپلار خېلىغىچە ئۆزىنى باسالماي ياكى خۇشاللىقىنى قانداق ئىزھار قىلىش يولىنى تاپالماي ئوزۇنغىچە تېڭىرقاشتى.
-- تېخى ... «جاۋاھىرىل ھىقان» نى شام ياكى مىسىردا ئوقۇغان كىشى يازغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقان ئىكەن-دە!...—دېدى بىر تالىپ خېلىدىن كېيىن غەزەپ بىلەن چىشلىرىنى كىرىشتۈرۈپ. ئاخىردا «خىڭ» قىلىپ دىماغ قېقىپ قويدى. ئۇ دىماغ  قېقىشلا نۇرغۇن مەنە ۋە ئاچچىق ھېسياتلارنى چۈشەندۈرەتتى.
-- خالتا كوچىغا كىرىپ قالغان بىرىنىڭ كۆز قارىشىغۇ بۇ! – دېدى بىرى نارازى بولغان ئاھاڭدا.
-- بۇخارادا ئوقۇپ يېتىشكەن قەشقەرلىك ئالىمنىڭ «جاۋاھىرىل ھىقان» دەك بىر كىتابنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەندۇ! بەلكى ...
-- ئىلىمدا ئۇنداق تار قارايدىغان بولسا، ئالىم مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قويىدىغان ئورۇن تاپالماي قالمامدۇ !؟
-- دەلىللەر ئالدىدا بەرىبىر ئاغزى تۇۋاقلىنىدۇ!...
تالىپلار تەرەپ-تەرەپتىن پىكىر بايان قىلىشىپ، ئۇزۇنغىچە تەسىرات ۋە ھېسيات سۆزلەشتى.
بىلىم – ئىقتىدار ئىگىسى، نادىر ئەسەرلەر ساھىبى، مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، ئىسلاھاتچى ئالىم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى ئەنە شۇ تەقلىدتە كەڭ جامائەت ۋە تالىپلار قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئىپتىخارغا ئايلانغانىدى.


ئىككىنچى باب

سالام قەشقەر!

باغرىڭغا ئىنتىلدىن ئەي ئانا ۋەتەن.
قوينۇڭدا ياشاشقا باستىممەن قەدەم،
ئۈمىدىم بولغاندا خەلقىم بىلىملىك،
تۈگەيدۇ قەلبىمدە ھەسرەتۇ ئەلەم.

-ئەلغازى


سالام ساڭا، ئەزىزانە قەشقەر!
سالام ساڭا، ئەي سۈيۈملۈك دىيارى قەشقەر!
ناتىۋان ئوغلۇڭ سېنى جاندىن سېغىنىپ، پىراقىڭدا ئۆرتىنىپ، يىلاندەك تولغىنىپ كەلدى !...
ھەج تاۋاب ئاداسىدىن سۇڭ، ئىستانبول، قازان، ئوفا، بۇخارا، ئالموتا، تاشكەنت... يەنە نۇرغۇن شەھەر-يۇرتلارنى زىيارەت ھەم ساياھەت قىلىپ، غولجا ئارقىلىق ئۆز يۇرتىغا قايىتقان داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى كنىدىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى قەشقەرگە شەھەر بوسۇغىسى قورغان – كىرەمباغ جەبھەسىگە كەلگەندە، ئاتتىن سەكرەپ چۈشتى-دە، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ، ئېھتىرام بىلەن سالام بەردى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ھاياجاندىن تىترەيتتى. يۇرتنىڭ مۇئەتتەر خۇش ھاۋاسىغا تويۇنماستىن چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئالاتتى. ئىنتىزارلىق بىلەن تەلمۈرۈپ ئەتراپلارغا ئوتلۇق نەزەر تاشلايتتى.
ئەنە ئۇنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ شېرىن جېنى، ھاياتىي قېنى ھېسابلىنىدىغان تارىخىي قەدىناس تۈمەن دەرياسى، قۇياش نۇرىدا بەرق ئۇرۇپ ئاقماقتا، مىڭ يىل، ئون مىڭ يىل، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق دەريا ئۆمرىنىڭ شاھىتى بولغان دەريا كاتىكى گويا چوڭقۇر قېزىلما قۇرلۇشتەك ئاجايىپ ۋە غارايىپ كۆرۈنسە، ئىككى تەرەپ ياداڭلىقلارنىڭ ئەگرى-توقاي تۇمشۇقلىرى خۇددى دەريا بويىدىكى ئوت چۆپلۈكلەر ئىچىدىن دەرياغا قارىتىپ چۆكتۈرۈپ قويغان نار تۆگىلەردەك قىزىقارلىق كۆرۈنەتتى.
دەريا كاتىكى نېمىدېگەن چوڭقۇر، نېمدېگەن كەڭرى-ھە! قورغان ياكى جان قورغان ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغاندا، قانچە ئون مېتىر تۆۋەن كۆرۈنىدىغان دەريا كاتىكى ئۆز چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلاتتى. ئۇنىڭ كەڭلىكىچۇ! ئېقىن ئىچىدە بەرپا قىلىنغان قويۇق مەھەللىلەر، باغ-ھويلىلار، تۈگمەنلەر، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇراتتى.
بۇ قەدەر چوڭقۇر ۋە كەڭرى دەريا كاتىكى، بۇقەدەر كۆپ باغ-ئېتىزلارنى بەرپا قىلىشتىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھېكمەت- مۇھەببەت زادى نېمە؟ - ئابدۇقادىر داموللا ئويلىنىپ ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلاتتى: بۇ بىر دەملىك ياكى بىر قانچە يىللىق مېھنەت مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن تارىخىي ئەسىرلەرنىڭ ئەمگەك مەھسۇلى. يەر مۇئەككىلى ھېسابلانغان دەريا سۈيى تارىخىي زامانلاردا بەلكى تۇپراقنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىنى باغ-باغ قىلىپ سۆيۈپ يالاپ ئاققان بولغىيدى! يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ دەريا يەر يىرتىپ، تەبىئەتنىڭ گىگانىت ھەرىسىدەك تىنماي ھەرىدەپ، تەلۋىلەرچە يار چېقىپ، قىرغاق سوقۇپ ئاندىن كىشىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى يەتمىگۈدەك بۈگۈنكى كەڭ ھەم چوڭقۇر دەريا قېنىنى ھاسىل قىلغان ئەمەسمۇ! بۇ نېمە دىگەن ئۇلۇغ قۇدرەت، نېمە دىگەن چوڭقۇر مۇھەببەت-ھە! ئەگەر شۇنداق بولمىسا، ئۇزۇن-ئۇزۇن تارىخىي ئەسىرلەرنىڭ قۇدرەتلىك ئەجرى سىڭمىگەن بولسا، بۇقەدەر كەڭ ۋە چوڭقۇر ئېقىن پەيدا بولمىغان، دەريامۇ ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ بۈگۈنگە قەدەر راۋان ئاقمىغان بولاتتى.
ئاھ تۈمەن، ھايات بولىقى قۇرۇماس، مېھىر-شەپقىتى ئۈزۈلمەس تۈمەن دەرياسى! سېنىڭ شۇقەدەر چوڭقۇر پۈتمەس-تۈگىمەس مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ۋاپا ئەقىدىلىرىڭگە جاۋابەن ئىنسان باللىرىمۇ جىم ياتقىنى يوق. ئۇلار سېنىڭ باغرىڭدا ئەسىرلەر بويى زەم-زەم سۇلىرىڭنى ئوتلاپ، يۈرىكىگە دەرمان ئېلىپ تىنىمسىز مېھنەت قىلدى، تەر تۆكتى. سېنىڭ قىسمىتىڭ، سېنىڭ خىسلىتىڭگە تايىنىپ بوز ئېچىپ يەر تېرىدى، سېنىڭ باغرىڭدا سەمەن-شامالباغ، قورغان-نەزەرباغ، دۆڭباغ- دۆلەتباغ يەنە قانداق سان-ساناقسىز مەھەللە-كەنىتلەرنى، مېۋىزار باغلارنى بەرپا قىلىپ، ھۆسنىڭگە ھۆسىن قوشتى، تاجىڭغا ئۇقا، لىباسىڭغا زەر چىلتەك تاقىدى، باغلاردا ئەتىر-رەيھان كۆكلىتىپ، پۈتۈن ۋاداڭنى يېقىملىق خۇش پۇراقلارغا تولدۇردى، بۇ نېمە دېگەن چوڭقۇر مۇھەببەت، نېمە دېگەن ئۇلۇغ ئەمگەك – ھەە! ئەزىزانە قەشقەرنىڭ بۈگۈنكى مىسلى جەننەتتەك ھۆسىن-جامالى ئۇلۇغ تەبىئەت ۋە ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مۇھەببىتى، ئورتاق ئىجادىي مېھنەتلىرىنىڭ مەھسۇلى، ئەلۋەتتە! بۇ نېمدىگەن ئۇلۇغ تۆھپە، نېمدىگەن ئۇلۇغ يادىكارلىق-ھە! ئەگەر شۇنداق بولمىسا، بۈگۈنكى قەشقەر قانداق شەكىللەنسۇن!
دەريا سۈيىنىڭ كۈمۈش ئېقىنىغا قاراپ چوڭقۇر خىيال سۈرگەن ئابدۇقادىر داموللا بىر ھازادىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا قارىۋىدى، ئۇنىڭ كۆز نۇرى شەھەرنى خۇددى ئەجدىھادەك ئوراپ ياتقان قېلىن ۋە ئېگىز سېپىل تاملىرىغا «جاق» قىلىپ ئۇرۇلدى-دە داموللىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتكەندەك بولۇپ،«لەنەت» دەپ قاتتىق ۋارقىراپ تاشلىدى، كەكە ساقىلى غەزەپتىن دىر-دىر تىترەيتتى:
- سەن ئەجدىھا، سەن بوغما يىلان! سەن قان ئىچكۈچى يالماۋۇز، بېشىمىزغا چۈشكەن ئاپەت، شەنىمىزگە داغ، تارىخىمىزغا نوقسان!
ھىجرەتتە زىيارەتكە بېرىپ كەلگەن داموللامدەك ھۈر پىكىرلىك، پەزلۇ كامالەتلىك ئادەملەرگە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ھېسار قورغانچىلىق نۇسخىلىرىنىڭ قالدۇق ساقىندىلىرىدىن بولغان بۇ سېپىل تاملىرىنىڭ شەھەرنى بوغۇپ، مۆمىن بەندىلەرنىڭ قېنىنى شوراپ ياتقان بوغما يىلاندەك كۆرۈنۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە!
ئەنە يار باغ دەرۋازىسى، تۆشۈك دەرۋازا، قۇم دەرۋازا، قارقى دەرۋازا، نور بېشى دەرۋازا، يۇمىلاق شەھەرنىڭ ئىككى دەرۋازىسى، ھەر بىرى ئەجدىھانىڭ قاپتەك ئېچىلغان ياۋۇز ئاغزى ۋە ياكى يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ يەتتە ئاغزى ئەمەسمۇ! بۇ دەرۋازىلار ھەركۈنى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى، ئات- ئۇلاغ، مال-ۋارانلارنى، ئوتۇنچى، بېدىچى، سامانچىلارنى، غەللە – پاراق قويغۇچىلارنى، بۇغداي – قۇناق، تۇز، گۈرۈچ ساتقۇچىلارنى، ئۈرۈك، شاپتۇل، قوغۇن، تاۋۇز ساتقۇچىلارنى، تۈرلۈك ھۈنەرۋەن كاسىپلارنى ئۆزىگە دەم تارتىپ يۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ گۆشىنى چايناپ، ئۇستىخىنىنى بوغۇزىدىن پۇرقۇپ، سۈيىنى شۇراپ شۆپۈك قىلىپ چىقىرىپ تۇرىدۇ، بۇ نېمدېگەن دەھشەتلىك، نېمدېگەن قۇرقۇنۇچلۇق تەقدىر-ھە!
ھاياتلىق ئۆزىگە تەۋە بولغان ئىمكان ئىچىدىكى چەكلىك تەقدىر يولىدا ئىختىيارسىز ئۆلۈم مەنزىلىگە كېتىۋاتقان كارۋان، ئېھتىياج ۋە مۇھتاجلىقنىڭ دەشىت باياۋانلىرىدا ساما سېلىپ چۆرگىلەۋاتقان دەرۋىش، شۇڭا بۈگۈن بۇ سېپىل ئونمىڭلارنىڭ قېنىنى شوراپ، ئۇستىخانلىرىنى بوغۇزىدىن پۇرقۇپ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەتىسى يەنە ئونمىڭىنى سېپىل دەرۋازىسىدىن كىرىپ تۇرىدۇ، ئېھتىياج ماللارنى قۇشخانىغا قانداق ھەيدەپ بارغان بولسا، مۇھتاجلىقنىڭ ئادەملەرنى شەھەرگە شۇنداق ھەيدەپ كېلىدۇ، بۇ ئېھتىياج بىلەن موھتاجلىق دەشتىدە ساما سېلىپ چۆرگىلەش بولماي نېمە؟ ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئەسلىدە قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنگەن دەھشەتلىك تەقدىر ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ، قورقۇنۇچلۇق سېزىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ – دە ، سېپىلدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق قانخور ئەجدىھامۇ قورقۇنۇچلۇق سېزىلمەيدىغان بولۇپ قالغان! بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك يەنە قانداق يېرى بولسۇن!
داۋامى بار ...

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3366
توردىكى ۋاقتى: 797
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 16:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلكىتاپ نۇسخىسى بولسا يوللاپ بەرسىڭىز ، بەك خۇرسەن بۇلاتتىم .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1654

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28150
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 21:12:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىن ۇلۇغ كىشىلەر ھەققەتەن كۆپچىققان،لىكىن يەر يۈتەر ساتقىنلار ۇلارغا زىيانكەشلىك قىلدى،ىچىم ۆرتىنىدۇ

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 21:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىۋىر تۆمۇر يازغان ‹ئابدۇقادىر داموللام›دىگەن كىتاپ ھەقىقەتەن ساقلاپ قويغىدەك  ئېسىل كىتاپ.
تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 22:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىقادىر دامۇللا .سابىت دامۇللا ،جىرجىس ھاجى بىر دەۋردە ياشىغان ھەم زامانىڭ ئالىدىن كورەر ئىلىم ئىگىلىرى ئىكەندۇق ،بىراق ھەمەيلەن ئارماندا كەتتى ،مەمتىلى ئەپەندى ،ئابدىخالىق ئۇيغۇر ،مەخسۇت مۇھىتى  قاتارلىقلارنىڭمۇ كوز قارشى بۇ ئۇچ ئولمالار بىلەن ئوخشاش ئىكەندۇق بۇلارمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلدى ،ئەپسۇس كاج تەغدىرمىز  ئىچكى دۇشمەن ھەم تاشقى دۇشمەن رۇسلارنىڭ ئارلىشى تۇپەيلى تالاي تالاي قان تۇكۇپ قىلغان كورەشلىرمىز جەڭدە غەلبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ،ھىلە مىكىرگە ئالدىنىپ قېىلىپ بۇ كورەشلەرمۇ مەغلۇبيەت بىلەن ئاخىرلاشتى ،بەلكىم شۇ رۇس چوشقىلىرى بولمىغان بولسا بۇ قانلارمۇ بىكار كەتمەس ئىدى

2

تېما

0

دوست

2942

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 908
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 22:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ياخشىدىن ئات قالۇر ،
      ياماندىن دات .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )