- تىزىملاتقان
- 2011-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11429
- نادىر
- 0
- يازما
- 563
ئۆسۈش
  3.57%
|
پەقەت شەنبە ، يەكشەنبىلەرنى ۋە ھېيت ، بايراملارنى تەرك قىلىپ ئىشلىسىلا چوقۇم ھىسداشلىق قىلىشىمىز كېرەكمۇ ، ھازىر دەم ئالماي ئىشلەيدىغان ھەر ساھە خىزمەتچىلىرى كۈرمىڭ . ئاق خالاتنى كىيىۋالسىلا دوختۇر ھىسابلىنامدۇ ؟ دىيارىمىزدا ھەقىقى مەسئۇلىيەتچان دوختۇردىن قانچىسى بار ؟ مېنىڭچە بولسا دوختۇر بولغۇچى باشقا كەسىپ ئىگىلىرىگە قارىغاندا تىنماي ئىزدىنىشى ، ھاردىم - تالدىم دىمەي بىلىم ئىگەللىشى كېرەك ، چۇنكى ئۇلارنىڭ ئېيتىشۋاتقىنى باشقا نەرسە بولماستىن ئادەمنىڭ جېنى ، ئازراقلا بىخەستەلىك قىلسا بىر جاندىن ئايرىلدىغان گەپ . موشۇ جاپا مۇشاقەتلەرگە چىدىيالىساڭ ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزەڭنى مەسئۇلىيەتچان دەپ مەيدەڭگە ئۇرالىساڭ دوختۇر بول ، بولمىسا ئەڭ ياخشىسى بۇ كەسىپكە يېققىن كەلمە ، ئەزرائىلغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىن .
سېستىرالارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بەكلا چوڭ ، چۇنكى دوختۇرغا قارىغاندا سېستىرالار بىمارلار بىلەن كۆپ ۋاقىت بىللە بولىدۇ ، سېستىرالارنىڭ ۋەزىپىسى بىمارغا دورا تارقىتىش ۋە ئوكۇل ئۇرۇشلا بولماستىن ، ئۆزى ھەر ۋاقىت خۇش چىراي بولۇش، كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەرنى قىلالايدىغان بولۇشى ، بىكار ۋاقىتلىرىدا تىلفۇن ئويناپ ئولتارماستىن ، يالغۇز قالغان كىسەللەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلالىشى ۋە بىمارلارغا كۆڭۈل ئازادىلىقى ھىس قىلدۇرالىشى كېرەك . چۇنكى بىمارلارغا دورىغا قارىغاندا روھى تەسەللى دورىدىن نەچچە ھەسسە تەسىر قىلىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاق خالاتلىق خىزمەتچى خادىملاردىن كۈتىدىغىنىمىز ، بارلىقىنى بىمارلارنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن بېغىشلىشى ، بىمارلارنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ، ئاكا - ئاچىسى ، ئىنى - سىڭلىسى قاتارىدا كۆرۈپ ، ئۇلار ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز . |
|