- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7772
- نادىر
- 1
- يازما
- 323
ئۆسۈش
  55.44%
|
ما گەپ قاملاشماي قېپتۇ.
بۇرۇن سەيپىدىن، ئىسمائىل ئەمەت، تۆمۈر داۋامەتلەرمۇ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يىغىنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەيتتى. چۈنكى دىيارىمىزنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بولۇپ، خەلقىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خەلق بولغاچقا ھەرقانداق چوڭ- كىچىك يىغىنلاردا، ھەرقانداق چوڭ- كىچىك رەھبەرلەر چوقۇم ئۇيغۇرچە سۆزلىشى كېرەك ئىدى.
خەن يولداشلارمۇ بۇنى ياخشى بىلەتتى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننى شۇلار قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇرچىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەرجىمان ئىشلىتەتتى.
جۇڭگۇلۇقلار نەگە بارسا ئالدى بىلەن شۇ يەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر باشلىقنىڭ ھەتتا خەنچىنى بىلگەن تەغدىردىمۇ خەنچە سۆزلىشى توغرا ئەمەس. ئۇ يىغىنغان قاتناشقان خەنلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنغا كەلگەن ھەرقانداق بىر خەننىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى شەرت. جۇڭگۇ ۋە باشقا ھەرقانداق دۆلەت ۋە رايۇنلارغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇ يەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشى شەرت. مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا توغرا بولغان بولىدۇ. ئۇ باشلىقنىڭ سەھنىگە چىقىپ خەنچە سۆزلىشى توغرا بولماپتۇ. سىزنىڭ كۆزقارىشىڭىزغا كەلسەك، تۈپ يىلتىزىدىن خاتا. |
|