ئالەم تېلېسكوپىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر يېڭى ئالگورىزم
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 18-ئاپرېل
مەن ئۆزەمنىڭ ناسا مەركىزى ج پ ل دىكى خىزمىتىم جەريانىدا ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئۆلچەش توغرۇلۇق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر ئالگورىزم (ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش قائىدىسى) نى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ كەشپىيات نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ناسا نىڭ «يېڭى كەشپىيات ۋە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپىتى» غا ئېرىشكەن ئىدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەن بۇ ئالگورىزمنىڭ تېخىمۇ ياخشىلانغان 2-نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۇ يېڭىلىق «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» (NASA Tech Briefs) ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى ئاپرېل سانىدا خەۋەر قىلىندى. تۆۋەندىكى رەسىمدە بېرىلگىنى مەزكۇر ژورنالنىڭ ژورنال تېشى ۋە مۇشۇ خەۋەر بېسىلغان ئىككى بەتنىڭ سۈرىتىدىن ئىبارەت. مەن يېڭى تېخنولوگىيە ۋە كائىنات ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان قېرىنداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن مەزكۇر ئۇچۇرنى تەييارلاپ يوللاپ قويدۇم.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ جورنالدىكى ئىنگلىزچە تېمىسى «Adaptiwe Periodic-Correlation Algorithm for Shakk-Hartmann Wavefront Sensing» دىن ئىبارەت.
مۇشۇنداق كەشپىياتلار ناسا دا «يېڭى تېخنولوگىيە دوكلاتى» (New Technology Report, NTR) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ناسا دا ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە بىردىن خاس نومۇر بېرىلىدۇ. ھەمدە ناسا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە «ئامېرىكا پاتېنتى» (US patent) ئالىدۇ. قالغانلىرىغا بولسا «نەشىر ھوقۇقى» (Copyright) ئالىدۇ. مەن ناسا غا كىرگەندىن بۇيان جەمى 12 پارچە «يېڭى تېخنولوگىيە دوكلاتى» غا ئېرىشكەن بولۇپ، ناسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەشىر ھوقۇقى ئالدى، ھەمدە مۇشۇ دوكلاتنى قوشۇپ جەمى 5 پارچىنى «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا خەۋەر قىلدى.
بۇرۇنقى تېخنىكا بويىچە بولغاندا، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ، بىرەر پلانېتىنىڭ ئۈستىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى رەسىمگە ئالىدىغان تېلېسكوپنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ تېلېسكوپنى بىر ناھايىتى يورۇق يۇلتۇزغا توغرىلاپ، تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن تېلېسكوپنى رەسىمگە ئالماقچى بولغان كۆرۈنۈشكە توغرىلاپ، رەسىمگە ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ قېتىم خەۋەر قىلىنغان تېخنىكىنى ئىشلەتكەندە، تېلېسكوپنى بىرەر يورۇق يۇلتۇزغا توغرىلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. يەنى تېلېسكوپنى بىر كۆرۈنۈشكە توغرىلاپ، بىر تەرەپتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشۇ كۆرۈنۈشنى رەسىمگە تارتسا بولىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تېخنىكا مەشغۇلات چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.
|