- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11330
- نادىر
- 23
- يازما
- 363
ئۆسۈش
  100%
|
ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلانېتا سانى 1800 گە بارىدۇ. بۇنۇڭ ئىچىدە ھاياتلىق مۇمكىنچىلىكى بولغان رايون (Habitable zone) نىڭ ئىچىدە 20 پلانېتا بار. چوڭلۇقى يەر شارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغىنى 5 دانە بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەر شارىدىن خېلى يوغان. بىراق بۇ قېتىم تېپىلغان پلانېتا چوڭلۇقى ئاساسەن يەر شارى بىلەن ئوخشاش. ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۇ تېپىلغان پلانېتا ئانا يۇلتۇزىدىن يىراقمۇ ئەمەس ۋە يېقىنمۇ ئەمەس ئارىلىقىدا تۇرىدىكەن. پلانېتا يەر شارىدىن يوغانراق بولسا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھىدروگېن بىلەن گېلىي نىڭ قېلىن قاتلىمى تارتىلىپ سىرتقا كۆرۈنۈشى يۇپىتېر بىلەن ساتۇرنغا ئوخشاش زور گازلىق بولىدىكەن. شۇڭا بۇ تېپىلغان يېڭى پلانېتىدا سۇ ھەم ھاياتلىقنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭلاشقىمۇ بۇ خەۋەر ئاسترونومىيە ئالىملىرىنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى. |
|