- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3547
- نادىر
- 0
- يازما
- 155
ئۆسۈش
51.57%
|
بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىش ھەققىدىكى ئەندىشىسى
بىر زامانلاردا دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر بوۋاق بولغان ئىكەن .بىر كۈنى ئۇ ئاللاھ دىن سوراپتۇ :
-ئى ئاللاھ!!! پەرىشتىلەر ئەتە مېنى دۇنياغا ئېۋەرتىدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئەمما مەن بەكمۇ كىچىك ۋە زەئىپ،بۇ ھالىتىم بىلەن ئۇ يەردە قانداقمۇ ياشىيالارمەن ؟؟؟
-پەرىشتىلەر ئىچىدىن سېنىڭ ئۈچۈن بىر پەرىشتە تاللىدىم.ئۇسېنى دۇنيادا كۈتۈپ تۇرىدۇ ۋە سېنى ھىمايە قىلىدۇ. پەرىشتەڭ ھەركۈنى ساڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە كۈلۈمسىرەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلىسەن ۋە خوشال بولىسەن.
-ئۇنداقتا!!!...ئادەملەر ماڭا بىر نەرسە دىگىنىدە تىللىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئېيتقانلىرىنى قانداق چۈشىنەلەيمەن؟؟؟
-پەرىشتەڭ ساڭا دۇنيادا سەن چۈشىنەلەيدىغان ئەڭ گۈزەل ۋە شېرىن گەپلەرنى قىلىدۇ ھەم ساڭا گەپ قىلىشنى ئىخلاس ۋە مۇھەببەت بىلەن ئۈگىتىدۇ .
-ئۇنداقتا ئىلاھىم ، مەن سىز بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن ؟
- پەرىشتەڭ ساڭاقولىڭنى ئېچىپ ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۈگىتىدۇ.
-دۇنيادا ئەسكى ئادەملەر بارلىقىنى ئاڭلىدىم ، مېنى كىم قوغدايدۇ؟؟؟
-پەرىشتەڭ سېنى ئۆزىنىڭ ھايات بەدىلىگىمۇ قارىماستىن ھەردائىم قوغدايدۇ.
-پەقەت مەن سىزنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىمغا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن .
-پەرىشتەڭ ھەردائىم ساڭا مېنىڭ ھەققىمدە گەپ قىلىپ بېرىدۇ ۋە ماڭا كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئۈگىتىدۇ.
دەل بۇ ۋاقىتتا جەننەتتە بىر جىمجىتلىق ھاسىل بولدى ۋە دۇنيانىڭ ئاۋازلىرى جەننەتكىچە يىتىپ كەلدى.بوۋاق كىتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئاخىرقى بىر سوئالىنى سورىدى :
-ئىلاھىم !ئەگەر ھازىر كىتىش ئالدىدا تۇرغان بولسام ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ،مېنىڭ پەرىشتەمنىڭ ئىسمى نېمە ؟؟
- پەرىشتەڭنىڭ ئىسمى مۇھىم ئەمەس ،سەن ئۇنى « ئانا » دەپ چاقىرىسەن.
ھەدىسدە كۆرسىتىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر بالا ئىمان ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ،ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدى،يا ناسارا ،يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ».
ھەر بىر ئاتا –ئانا بولغىچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى ئىمان – ئىنساپلىق ، تەقۋادار ، پاك دىيانەتلىك تەربىيلەپ چىقىش ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى مەجبورىيەتتۇر.
بارلىق قىزلارنىڭ ،يەنى كەلگۈسىدىكى ئانىلارنىڭ ئىمانىنىڭ مۇستەھكەم ، ئەخلاقىنىڭ كامالەتكە يەتكەن بولىشى كېرەك ، چۈنكى ئانىلار بىرىنچى مۇئەللىمدۇر.
|
|