ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
نادان خەق بار ، قالاق خەق بار ، ئارقىدا قالغىنى ھەم بار . ھاراقكەش بار ،خوتۇنپەز بار ، زەھەرگە بولغىنى يەم بار . قىمارۋاز بار ، قىزىل كۆز بار ، ئالدامچى ،ھىلىگەر جەم بار . كىسەللەر بار، بىشەملەر بار ، ھارامدىن تېتىغان تەم بار . چاپلىسۇن قانچىلىك ئىللەت،ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئەسەردە تىللىدى مەزگىل چاۋىنى بىر يېيپ چىتقا ، ئۇيغۇر دەپ ئالدى ئىلھاملار يوتقاندا ئۇچرىسا پىتقا . سۆڭەك يىسە يەنە بىرسى« ئۇيغۇرۇم ئوخشىدى ئىتقا» . ياخشىلار بولدى بىر بېلىق ،يامانلار تەسۋىرى كىتقا . تۆھمەتكە چىداملىق مىللەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئالىمىڭ ئالدى شۆھرەتنى ئالدىڭغا باققىنە قاراپ، ئۆز كىشىڭ بەردى خىزمەتنى دىيارغا ناملىرى تاراپ . ياشلىرىڭ تاپتى قۇدرەتنى دۇنيامۇ قىلدىلەر ئىتراپ . مۇشۇنداق تۇتسا پۇرسەتنى بىزگىمۇ تىگىدۇ مىھراب . ماختىسام كۆپ يەنە خىسلەت ،ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئۇچرىسا ئانچىكىن توسقۇن ، يانمىغىن كەينىگە تېزدىن ، غەيرەتتە يۆتكىلەر تاغمۇ ، ھەقنى سەن ئايرىما سۆزدىن . بېشىڭغا كەلسىمۇ دەتلەر ، ئەقىلدە ئازمىغىن ئىزدىن . تەر قانچە ئاقسىمۇ ئاقسۇن ، لىكىن ياش ئاقمىسۇن كۆزدىن . ھامان تارقايدۇ شۇم قىسمەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
بىلىمسىزلەر قەدىرسىزدۇر ،جاھانغا بىر قاراپ باققىن ، يۇيۇلماس دىل كىرى ھەتتا، مەيلى دەريادا ھەم ئاققىن . چۈشەن ئۇشبۇ ھېكمەتلىنى ، مىختەك دىلىڭغا بەك قاققىن . بىلىملىك ئۈلگمىز كۆپتۇر ، ھۆرمەتلەر بابىغا قاتقىن . شۇندا سەنمۇ يارات قىممەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
ئىللەتكە تىك ئۆتكۈر كۆزۈڭ ،كۆرسۇن ھەم ياخشنى قوشلاپ ، ئۈمىدسىز قويمىغىن دىلنى ، ئۈمىدلەر كەتمىسۇن تاشلاپ . نەدىن ،كىم بولمىغىن مەيلى ،روھلىرىڭ تۇرسا گەر ياشناپ ، ئىگەم ھامان بېرەر ئوڭلۇق ، ھىدايەت سۈيىنى باشلاپ . باردۇر ھەر ئىشتا بىر ھېكمەت ، ئۇيغۇرۇم سەندە ئۈمىد بار .
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىيەنجىن
|