- تىزىملاتقان
- 2012-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6347
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
  26.94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apandim111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-11 21:13
‹‹ قارابالاساغۇن شەھەر خارابىلىكلىرى شۇ قەدەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغانكى خارابىلىكنى كېسىپ ئوتكەن چىغىر يوللار ياكى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ شەھەر خارابىلىكلىرى ئىچىدە قوي-كالا بېقىپ قالدۇرغان ۋەيرانچىلىقلىرى ۋەياكى كەلگۈندى تەۋەككۈلچى ئېكىسپېدىيەچىلەرنىڭ ئاسارە-ئەتىقىلەر ئىزدەپ قالايمىقان كولاپ قالدۇرغان ئازگاللار قەدەمدە دېگەندەك ئۇچراپ تۇراتتى. ھەتتا بۇ يەرنىڭ نام نىشانىمۇ رەسمىي شەكىلدە بىرەر يەرگە يېزىلمىغان بولۇپ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى شەھەر خارابىلىكىگە كىرىدىغان بىر يەرگە بۇ يەرنىڭ “ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇن شەھەر خارابىسى” ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر تاختاي ياساپ بېكىتىشكىمۇ قۇربى يەتمىگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرغا ۋەتەنسىزلىك ھەر-بىر قەدەملەردە شۇنداق روشەن بىلىنىدىكى ھەتتا 1300 يىللار ئىلگىرى قۇرۇلغان دۆلىتىمىز پايتەختىنىڭ جىسمانىي ئورنىنى رەسمىي بىر شەكلىدە ئاتىلىشقا ۋە قوغدىلىنىشقا ئىگە بولالماپتۇ.››_____ بۇ مەسىلە جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئىكەن.ئەلكۇن ئەپەندى، سىز باشلامچى بولسىڭىز بۇ ئىش ھەل بولۇشى مۇمكىن.ئەجداتلىرىمىز ياراتقان شۇ بۈيۈك تارىخنى ساقلاپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.بىلسەك ئۇيغۇرنى ساقلاپ قالغان،ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان شۇ مەڭگۈ تاشلار،شۇ قەدىمقى شەھەر خارابىسى ،شۇ بۆلەك تارىخ .ھازىقى ئۇيغۇر دىگەن بۇ ناممۇ شۇ تارىخى ئىزلار بولغاچقىلا، ئابدۇللا زوزىباقۇيۇڧ قاتارلىق بۈيۈكلىرىمىز 1930-يىللىرى ئۇيغۇر دىگەن نامنى ، مىللىتىمىزنىڭ نامى قىلىپ بەلگىلىگەن.بولمىسا تارىختا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان بۇ مىللەت،قايسى قىرىنداش مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن بولاتۇق كىم بىلىدۇ.
|
|