- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14696
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
![](./media/expl.gif) ![](./media/expc.gif) 11.74%
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ھbu-faysal قېرىندىشىم،
بۇ تېمىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم ھەم خوشاللاندىم. ئەجرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىنى مەكتەپتىكى بىر دەرس تەرىقىسىدە سىستېمىلىق ئۆگىنىش پۇرسىتى بولىغاچقا، قىزىقىدىغان ياشلىرىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسلام بىلىملىرىنى تېپىش ۋە ئىگىلەش ئىشلىرىدا ناھايىتى زور قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت. شۇڭلاشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ ئويلايمەن. مۇمكىن بولسا بۇ جەھەتتىكى ساۋابلىق تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى بۇنىڭدىن كېيىممۇ داۋاملاشتۇرغان بولسىڭىز.
مەن مۇسۇلمانلارنىڭ 73 گۇرۇھقا بۆلىنىشى ھەققىدە ياسىر قازىنىڭ 2-3 لېكسىيە ۋە ئىلمىي دوكلاتىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ بىرسى ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چوڭ يىغىنىدا سۆزلەنگەن ئىكەن. مەن ئەسلىدە كېيىنكى تېما ئۈچۈن مۇشۇ مەزمۇننى تاللىغان. لېكىن، بۇنىڭدىن كېيىن زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بار بولغان مەزمۇنلارنى تېما قىلماسلىقنى ئويلاپ، ئۇ تېمىدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. سىزنىڭچە ياسىر قازىنىڭ بۇ لېكسىيە-دوكلاتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرسام مۇۋاپىق بولارمۇ؟ ياسىر قازى ئۇ دوكلاتلاردا سۈننى مۇسۇلمان زىيالىيلىرى ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن كۆز-قاراشلارنى بايان قىلىدۇ.
|
|