قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1642|ئىنكاس: 9

دوكتور ئابدۇلقادىر تاشنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

1910

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 23:51:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


دوكتور ئابدۇلقادىر تاشنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز

      2004 – يىلى 4- ئاپرېلدا ئەرەب ئاخبارات تارىخىدا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ھالدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن مۇھاجىر ئۇيغۇر پەرزەنتى دوكتور ئابدۇلقادىر تاشنى چوڭقۇر ئەسلەيمىز.

      بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم، يەنى 2004 - يىلى 4 - ئاپرېل كۈنى ئەرەب - ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى. ئۇ كۈندە ئاتاقلىق ژۇرنالىست، يازغۇچى، مۇتەپەككۇر ئابدۇلقادىر تاش ۋاپات بولغانىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يېزىلغان ماقالە، مەرسىيەلەر پۈتۈن ئەرەب مەتبۇئاتىدا خەۋەر قىلىندى.

       ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتى نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىگە يۇلتۇزلاردەك چېچىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سانسىزلىغان كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىز - دېرەكسىز ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، ئاز بىر قىسمى ئانچە - مۇنچە ئىقتىسادقا ئىگە بولۇپ، پۇلدارلارغا ئايلاندى. يەنە بىر بۆلىكى ئىلمىي ۋە سىياسىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى. سەرسانلىق – سەرگەردانلىق ۋە يوقسۇللۇق ئىچىدە  ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن كۆپلىگەن ئالىم - ئۆلىمالار، يازغۇچى شائىرلار، ئەدىبلەر، تارىخچىلار ۋە زىيالىيلار يېتىشىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا  تۇرىدىغان، ئىسلام ۋە ئەرەب ئەللىرىدە يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە يېگانە ئالىم - مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاشتۇر.

        ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دانا ئۇستازى، ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست ئابدۇلقادىر تاش ئەرەبىستان چۆللىكىدە بىر مۇھاجىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئەرەب مەدەنىيىتى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پىششىق ئۆگىنىش پۇرسىتىگە نائىل بولالمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى،  ئامېرىكىدا ئۇقۇپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئالىمى ئىدى. مەرھۇم ئابدۇلقادىر تاش ئەرەبىستاندا تۇغۇلۇپ، ئامېرىكىدا ئوقۇپ يېتىشكەن بولسىمۇ ئۆز ئانا ۋەتىنىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇمىغان دىن - دىيانەتلىك، تەقۋادار مۇسۇلمان، ئىنسانپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئالىم ئىدى.

        ئابدۇلقادىر تاش 1950 - يىلىدىن بۇرۇن  سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەجگە چىقىپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتالمىغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە، 1951 - يىلى مەككە شەھىرىگە 120 كىلو مېتىر يىراقلىققا جايلاشقان تاغلىق رايون - تائىفتا دۇنياغا كەلگەن.مەرھۇم  ئابدۇلقادىر تاش قىيىن شارائىت ئاستىدا 1963 - يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى، 1969 – يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تائىفتا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1975- يىلى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا دەرىجىدە تاماملاپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 1979 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا ژۇرنالىستلىق ساھەسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 1983 - يىلى ئامېرىكا جەنۇبى لىنىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

        1974 - 1979 - يىللىرى رىياد رادىيوسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پىروگرامما تەييارلاش، ئاڭلىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولسا، 1979 - يىلىدىن 1982 - يىلىغىچە (دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا) شىمالى ئامېرىكا ئەرەب مۇسۇلمان ياشلار بىرلىكىنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ئەلئەمەل» ناملىق ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

        ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،  1983 - يىلىدىن 1990 - يىلىغىچە رىياددىكى ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىدا دەرس بەرگەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنى تەسىس قىلىشقا مەرھۇم دوكتور ئۆزى قاتناشقان.

        1983 - يىلى بىرىنچى بولۇپ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ يۇرتىغا – ئۇيغۇر ئىلىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زىيارەت خاتىرىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلغۇزغان. 1990 ـ يىلىدىن باشلاپ «ئەددەئۋە» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىر ۋە باش تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1990 - يىلىدىن 1994- يىلىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەتقىقات ۋە نەشرىيات شىركىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان، ئىسلام دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر ھەپتىلىك ۋە خەلقئارالىق گېزىت - «مۇسۇلمانلار» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

        1980 ـ يىللاردىن كېيىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەرەب، ئىسلام ئەللىرىدە تەلىم - تەربىيە ئېلىشىغا، ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا ئازراق پۇرسەت تۇغۇلدى. 1984 - يىلى 12 ـ ئايدا مەرھۇم مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى ۋە يېتەكلىشى بىلەن تۇنجى تۈركۈم 10 بالا پاكىستاندىن ئۇزۇندىن بىرى نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئەل ئەزھەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقانىدى. 90- يىللارغا كەلگەندە بۇ سان 30 غا يېقىنلاشتى. 1993- يىلى ئەزھەردىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان تۇنجى تۈركۈم 10 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ ئالاھىدە ئىشتىراك قىلغانىدى.

        مەرھۇم دوكتور 1994 - يىلىدىن 1998- يىلىغىچە «ئەرەب خەۋەرلىرى» ناملىق ئىنگلىزچە كۈنلۈك گېزىتنىڭ باش تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

        مەرھۇم دوكتور پەقەت ژۇرنالىستلىق ۋە يېزىقچىلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، 1998- يىلى «ئىقرەئ» ناملىق ئىسلامى تېلېۋىزور قانىلىنى تەسىس قىلىشقا قاتنىشىپ،  تېلېۋىزور پىروگراممىسى تەييارلاش، سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش، باشقا پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش جەھەتلەردە ئالاھىدە خىزمەت قىلغان ئىدى. 2000 - يىلىدىن كېيىن «ئەلمەدىنە» گېزىتىنىڭ قوشۇمچە ئىسلامىي بىتىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىش بىلەن بىرگە، «ئەررىسالە» ناملىق دىنىي  ژۇرنالنىڭ تۇنجى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۆزى تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2001 - 2002 - يىللىرى دۇنيا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتچىلىق ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىدارىسىنىڭ  ۋە قۇرۇلتايلار ئۇيۇشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئەينى ۋاقىتتا «ئىسلام دۇنياسى» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولۇپ خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە «ئەلبىلاد» ناملىق ئەرەبچە كۈندىلىك گېزىتنىڭ باش تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن. 2002 - يىلىدىن 2003 - يىلىغىچە سودا تېخنىكومى ئىلمىي مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. 2003 - يىلىدىن ۋاپات بولغان كۈنىگە قەدەر بىر تەرەپتىن ئۆزى تەسىس قىلغان «ئاخبارات تەتقىقاتى ۋە مەسلىھەت ئىدارىسى»نىڭ رەئىسى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن جىددە شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان «جىددە» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن.

         دوكتور ئابدۇلقادىر تاش ژۇرنالىستلىق، ئاخباراتچىلىق، ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقانلارغا دەرس بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا رىياسەتچىلىك  قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئۇ ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە مۇسۇلمان يازغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مۇسۇلمان تۈرك*ستان ۋە ئۇنتۇلغان ئاھالىسى» 1999 - يىلى نەشر قىلىنغان)، «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلار» (1991 - يىل)، «ئافغانىستان - پاجىئە ۋە ئۈمىد» (1988 – يىل نەشرى)، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامنىڭ رولى» (1991 - يىل)، «دەۋەت يولىغا بىر نەزەر» (1989 - يىل)،  «غەرب ئاخباراتىدا ئىسلامنىڭ رولى»، «ئاخبارات تەتقىقاتى» (1989 - يىلى نەشر قىلىنغان)، «ئامېرىكا ۋە ئىسلام - كېلىشىپ ئۆتۈش كېرەكمۇ؟ ياكى توقۇنۇشۇپمۇ؟» (1993 - يىلى نەشر قىلىنغان)، «ھۆرمىتىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزدا» (1994 - يىلى نەشر قىلىنغان)، «ئاخبارات ۋە ئىسلام ئالەمىنىڭ رېئال مەسىلىلىرى» (1995 - يىل نەشرى)، «ئاخبارات ۋە مەدەنىيەتنىڭ غەربلىشىشى» 1991 - يىل نەشرى)، «سۈنئىي ھەمراغا دائىر ئاخبارات نەزەرىيەسى » (نەشر قىلىنمىغان) قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ بىر تەرەپتىن مۇستەملىكە ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئىسلامىيلىشىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.   
        مەرھۇمنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادا نەشر قىلىنىدىغان ئەرەبچە، ئىنگلىزچە گېزىت -  ژۇرناللاردا ھەمدە لوندوننى مەركەز قىلغان، 38 دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» ناملىق ئەرەبچە گېزىت ، قاھىرەدە چىقىدىغان «ئەلئەھرام» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئەلجەزىرە»، «ئەلمەدىنە»، «ئەلبىلاد»، «ئۇكاز»، «ئەلۋەتەن» قاتارلىق ئەرەبچە ۋە «ئەرەب خەۋەرلىرى» ناملىق ئىنگلىزچە گېزىتلەردە ھەمدە «دەۋەت»، «مۇسۇلمانلار»، «جەمئىيەت»، «يەمامە»، «ھەج» ۋە «ئاخباراتچىلىق» قاتارلىق  ژۇرناللاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەرتۈرلۈك ماۋزۇلار ۋە ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردىكى ماقالىلىرى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى.

         1985- يىلىدىن 1999 - يىلىغىچە 14 يىل ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېلېۋىزورى 1- قانىلىدا «ئىسلام ژۇرنىلى» ناملىق ھەپتىلىك پىروگراممىنى ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى سۇناتتى.  1993 - يىلىدىن 1997 - يىلىغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدە «ئەرەب خەۋەرلىرى» ناملىق ئىنگلىزچە گېزىتتە «توغرىدىن توغرا سۆزلە» ماۋزۇلۇق ھەپتىلىك ماقالىسى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان. 1994- يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە بولغان 7 يىل جەرياندا «ئەلمەدىنە» گېزىتى بىلەن «ئەلبىلاد» گېزىتىنىڭ كۈندىلىك سىتون ماقالىسنى يازغان.  2002 - يىلىدىن ئېتىبارەن «ئۇكاز» گېزىتىنىڭ سىتونلىرىدا ھەپتىلىك  ماقالىسىنى يېزىشقا ، 2003 - يىلىدىن كېيىن «ئەلۋەتەن» گېزىتىنىڭ پىكىرلەر ۋە كۆز قاراشلار بىتىدە ئىزچىل  ھالدا پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىغان. 1997 - 2001 - يىللىرى «ئىقرەئ» تېلېۋىزور قانىلىدىكى ۋەقەلىكلەر ئۈستىدە تەھلىللەر ناملىق ھەپتىلىك  پروگراممىىسىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇلاردىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد رادىيوسىدا ئۇنىڭ ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى سۇنىدىغان  بىرنەچچە تۈرلۈك ھەپتىلىك پىروگراممىلىرى بار ئىدى.

        ئۇ مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار سۆھبەت يىغىنلىرىدا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغىنى ئۈچۈن چەتئەل رادىيو ، تېلېۋىزۇرلىرى ھەر دائىم ئۇنىڭ بىلەن ھەرخىل تېمىلار ئۈستىدە بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى.

        مەرھۇم دوكتور تونۇلغان ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھ، ۋەزىر ۋە شاھزادىلىرى بىلەن كۆرۈشكەننىڭ سىرتىدا پاكىستان دۆلەت باشلىقى بىنەزىر بۇتتو، سۇدان دۆلەت باشلىقى ئۆمەرىل بەشىر، مىسىر دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن ئەمر مۇسا، ئەلئەزھە ر ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ شەيخى ئىمام جادۇلھەق، مىسىر ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلھەلىم مۇسا، ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمانلار ئالاقىلىشىش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى نىھاد ئىۋەز ۋە ئافغانىستان ئىسلام پارتىيەسى رەئىسى ئابدۇرۇسۇل سەيياپ قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

        ئۇنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى «ئىستىقبال» ناملىق خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال گېزىت چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىدى. «ئىستىقبال» گېزىتىنىڭ مەركىزىنى مىسىر پايتەختى قاھىرەگە قۇرغان ۋە ۋاپاتىدىن بىر ئاي بۇرۇن تەجرىبە ئۈچۈن  2 ساننى نەشردىن چىقىرىپ سىناپ كۆرگەن بولسىمۇ ئۈنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۆمرى قىسقا كەلدى.

        دوكتور تاش سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىرنەچچە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىلمى ماقالىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغاننىڭ سىرتىدا بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە ئىلمى ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ھاكىملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

        20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن يۈزلەرچە قورۇلتايلارغا، ئىسلامى ۋە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر - كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

        يۇقىرىقى پائالىيەتلەردىن باشقا مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش يېقىندىلا تەسىس قىلىنغان «سەئۇدى ئەرەبىستان كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى»نىڭ، مەككە مۇكەررىمە رايونى «تەلىم - تەربىيە ھەيئىتى»نىڭ، دۇبەيدىكى «ئەرەب ئاخباراتچىلىق جەمئىيىتى»نىڭ، ئىسلام دۇنيا بىرلىكى تەشكىلاتى «خەلقئارالىق ئىسلامى تەلىم - تەربىيە ھەيئىتى»نىڭ، «جىددە شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ھەيئىتى»نىڭ، «سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنى يادىكارلىقلار كېڭەش ھەيئىتى»نىڭ، «خەلقئارالىق ئىسلام ئاخباراتچىلىقى ھەيئىتى» قاتارلىق تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى ئىدى.

        مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش ئاز ياشىغان، ئەمما ساز ياشىغان كىشىدۇر. «ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس» دېيىلىدۇ . دوكتور تاش ھەم ئالىم بولغان ھەم ئادەم بولغان كىشى ئىدى.

        ئابدۇلقادىر تاش 2004 - يىلى  4 - ئاپرېل كۈنى كەچتە راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى. 2004 - يىلى  5 - ئاپرېل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پۈتۈن گېزىتلىرى، باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرى، «ئىسلام دۇنياسى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پەرزەنتى دوكتور ئابدۇلقادىر تاشتىن ئايرىلدى»، «دوكتور تاشنىڭ ۋاپاتى ئەرەب ئاخباراتىغا ئېغىر قايغۇ ئىلىپ كەلدى»، «ئاخباراتچى، مۇتەپەككۇر دوكتور تاش ئالەمدىن ئۆتتى»، دېگەندەك دوكتورنىڭ ۋاپات خەۋىرى، ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالە، ئەسلىمە ۋە مەرسىيەلەر بىلەن توشۇپ كەتتى.

         دوكتورنىڭ ۋاپات خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان مۇئاۋىن ئاخبارات مىنىستىرى شاھزادە تۈركى سۇلتان  ئابدۇلئەزىز، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئەرەب ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى ئۇستاز ھەمد ئەلقازى، ئىقتىساد گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئۇستاز خالىد سۇھەيىل، «ئەلمەدىنە» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى دوكتور فەھد ئەقران، «ئەلمەدىنە» گېزىتىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى مۇدىرى ئابدۇلئەزىز مۇھەممەد قاسىم، يازغۇچى ھەلىمە مۇزەففەر خانىم، «ئەلبىلاد» ژۇرنالىستلىق ۋە ئاخباراتچىلىق شىركىتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدۇلئەزىز ھەنەفى قاتارلىق ئىنتايىن تەسىرلىك ئەسلىمە ۋە ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ماھىيىتىدىكى تەكلىپلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ گېزىتلىرى ئارقىلىق ئىزھار قىلدى.

         دوكتور ئابدۇلقادىر تاش تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ، ھەر جۈمە كۈنى بالىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ  قۇرئان ئوقۇيتتى، ئۇندىن كېيىن  بالىلىرىغا دىنىي ۋەز - نەسىھەت قىلاتتى. بۇ ئادەت ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇ ۋەسىيەت قىلغاندىمۇ شۇ ئادەتنى دۋاملاشتۇرۇشنى جاكارلىغان. ئۇ ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغان، راستچىل مۇسۇلمان، ئالى پەزىلەتلىك كىشى ئىدى.

19

تېما

4

دوست

7423

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1495
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 11:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ،مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپىرەك مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

3

دوست

2964

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16783
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 858
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 12:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ،  ئامىن

0

تېما

0

دوست

4220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1340
توردىكى ۋاقتى: 491
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 12:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ   ئالىم    پۇتۇن    دۇنيا   مۇسۇمانلىرى   ئۇچۇن    نۇرغۇن    تۆھپىلەرنى    قوشۇپتىكەن   ،  ئۇلۇغ    ئاللا    ئالىمنىڭ   ياتقان   يىرنى   جەننەتتە   قىلغاي    .   

3

تېما

0

دوست

1910

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 13:16:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.....تېببىي دورىشۇناسلىق پەنلىرى ئىلمى دوكتورى رىشات ئابباس بورھاندېن ئون يىل بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دانا ئۇستازى، ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست ئابدۇلقادىر تاش1979 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا ژۇرنالىستلىق ساھەسى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 1983 - يىلى ئامېرىكا جەنۇبى لىنىۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن

2

تېما

3

دوست

4680

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1440
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 13:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

1316

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 21:17:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  مەرھۇمنىڭ  ئەجىر - ئەمگەقلىرىنى تېخىمۇ كۆكلەتسۇن ،  ئۈمدلىرىنى  چېچەكلەتسۇن ،  ئاخىرەتلىكىنى خەيرلىك قىلسۇن ، ئامىن .

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 08:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىنداشلارقۇلىدىن كىلىدىغانلار بۇلسا مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نادىىر ئەسەرلىردىن تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يۇللىۋەتمەمسىلە، ھەممىمىز ئۇرتاقلاسساق ، ئالىمىمىزنىڭ نامىنى ئاڭلىدۇق، يازغان ئەسەرلىرنىمۇ ئۇقۇيلى مۇندا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )