- تىزىملاتقان
- 2012-5-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4923
- نادىر
- 0
- يازما
- 212
ئۆسۈش
  97.43%
|
رەھبەرمۇ ئادەم
خۇ كېچياڭ
فېلىيەتۇن
قاراسۇ تەرجىمىسى
جياڭشىلىق چوڭ خىيانەتچى خۇ چاڭچىڭ بىر قېتىم ئاشنىسى خۇموۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، خۇموۋ مەسخىرىلىك بىلەن: -سىز دېگەن شۇنچە چوڭ رەھبەر، دائىم يىغىنلاردا تەمكىن، دۇرۇسلۇق بىلەن دوكلاد، لېكسىيە سۆزلەيسىز، ئاياللارنى كۆرسىڭىز بۇنچە ئاچكۆزلىشىپ كېتىدىغىنىڭىزنى ئويلىماپتىمەن-، دېگەندە، خۇچاڭچىڭ بىردىنلا ھىجىيىپ، ئارقىدىنلا ھاياجانلىق بىلەن ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ: -رەھبەرمۇ ئادەم-دە-، دەيدۇ.
گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك شەنۋېي شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ما خۇڭمېي خىيانەتچىلىك بىلەن نۇرغۇن بايلىق توپلىۋالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆيىگە ئالغان مېۋە-چىۋە، تۇخۇم، ئۇن-گۈرۈچ، ماي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تالۇن كەستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئاتچوت قىلدۇرىدۇ. باشقىلار ئارقىسىدىن بەس-مۇنازىرە، سۆز-چۆچەك قىلىشقاندا، ئۇ ئاڭلاپ خىجىلمۇ بولماستىن: -رەھبەرمۇ ئادەمغۇ-، دەيدۇ.
شېنياڭ شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ما شياڭدۇڭ قۇرۇلۇش كومىتېتى مۇدىرى، مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقىنى ئېلىپ شياڭگاڭ، ئاۋمىن چوڭ قىمارخانىلىرىدا، چوڭچىلىق قىلىپ بىر قېتىمدىلا مىليۇنلاپ ئۇتتۇرىدۇ. قول ئاستىدىكى ئىككىسى بىر ئاز ئەنسىرەپ، خاتىرىجەم بولالماي سورايدۇ: -بىز ھەممىمىز رەھبەر، شەھەرگە ۋاكالىتەن ئىش بىجىرگىلى چىقتۇق، بۇ قىماردا ...
ماشياڭدۇڭ كۈلۈپ كېتىپ: -رەھبەرمۇ ئادەم-، دەيدۇ.
مەنبە: باش سۈرىتىمگە قاراڭ
|
|