ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۆرىكىدە تاش چۈشۈپ قېلىشتىكى سەۋەپلەر
ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈش نىسپىتى باشقا مىللەت بالىلىرىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى، بولۇپمۇ بۇخىل ئەھۋاللار دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىدا ئىنتايىن ئېغىر.
قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر 115 نەپەر 7 ياشتىن تۆۋەن بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى باشقا تاش چۈشمىگەن بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغان. بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىغا جەدۋەل توشقۇزۇش ئارقىلىق بالىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئائىت ھەممە ئامىللارنى ئانالىزقىلغان. نەتىجىدە قەشقەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك دەپ يەكۈن چىقارغان.
ئۈچ ياشتىن تۆۋەن ئۇيغۇربالىلىرىنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى: 1. بوۋاق ۋاقتىدائوزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق. 2. بوۋاقلار 5 ئايلىق بولماي تۇرۇپلا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى بەرگەن. يەنى 5 ئايغا توشمىغان بالىلارغاكالا سۈتى بېرىش، بۇلماق بېرىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۆرەككە تاش چۈشۈش نىسپىتى 2.5 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ساپ ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىلارنىڭ تاش چۈشۈشنىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. 3. بالا 1 ياشقاكىرىشتىن بۇرۇن ئوزۇقلىنىش تەركىۋى ياخشى بولمىغان.
ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى: 2. دائىم تۇربا ياكى ئېرىق سۈيىنى قايناتماي ئىچىش، كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى 1 جىڭدىن تۆۋەن بولۇش،ۋە ئائىلىدە تۇزلۇق تاماقلارنى كۆپ يىيىش. بۇ خىل ئەھۋاللار بالىنىڭ بۆرىكىدە تاشچۈشۈش نىسپىتىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 7 ھەسسە يۇقۇرلىتىۋەتكەن. 3. بالىنى بەك قېلىن بېقىش ۋە تولا تەرلەش. بۇخىل بالىنىڭ بۆرىكىدە تاش چۈشۈش نىسپىتىنى 5 ھەسسە يۇقۇرلىتىۋەتكەن. 4. ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تۆۋەن بولۇش.ئاپىسىنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش ۋە خىزمىتى بولماسلىق.
|