- تىزىملاتقان
- 2011-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2305
- نادىر
- 3
- يازما
- 76
ئۆسۈش
  10.17%
|
نېمىدىگەن قىزىقارلىق ھە بۇ ئەسەر! ئۇيغۇرچىسىغۇ ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغاندەك ئەمەسكەن. تىلى شۇنداق راۋان. تەرجىمە قىلىۋەتتىم دېگەندىن كۆرە، ئۇ ئەسىرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يېزىۋەتتىم دېسىڭىز بولغۇدەك مۇئەللىم.
ئېنگىلىزچىسىنىمۇ شۇنداق ئوقۇپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە كەسىپىمنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىزىقىشىم تۈپەيلى بەش خىل تىل ئۆگىنىۋېتىپتىمەن. لېكىن «بۇقىغا چاپلاشقان كانىدەك چاپلاشقانلىقتەك» دېگەندەك گەپلەرنى ئۇيغۇرچە يازغان ئەسەرلىرىمدە ئىشلەتكەن بولساممۇ، باشقا تىلدا يازغان ئەسەرلىرىمدە ئىشلىتىپ باقمىدىم. چۈنكى ئۇنى دەل ھەم ئۈنۈملۈك ئىپادىلىيەلمىگەنىدىم. ئەسىرىڭىزنىڭ ئېنگىلىزچىسىمۇ ئۇيغۇرچىسىدە تارتىشلىق، يومۇرغا تولغان ئىپادىلەندىمۇ يوق؟بۇنىڭغا بەك قىزىقىۋاتىمەن.
تىللارنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئىپادىلەش قابىلىيىتىم،ئۇسلۇبۇمغا يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تىللاردا يازغان ئەسەرلىرى تەسىر كۆرسىتىپ كەپتۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تىلدا يازغان ئەسەرلىرىنى بەكلا ئىچەكىشىپ چۈشەنگىلى بولىدىكەن، بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئوي- پىكىرلىرىنى باشقا تىلدا قانداق قىلغاندا دەل،توغرا ئىپادىلەپ بېرىدۇ دېگەننى ئۆگەنگىلى،ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىكەن.
مۇمكىن بولسا، ئېنگىلىزچىسىنىمۇ تەڭ يوللاپ قويسىڭىز، بەك سۆيۈنۈشلۈك ئىش بولاتتى. |
|