قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ساياھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

216

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27250
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-31 19:25:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا ساياھەت
  

قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە ئارخىئولوگىيلىك ئىزدەنىش، ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنىڭ راۋاجىلنىش ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ ئېزدەنشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
     ئاچىقۇچلۇق سۆزلەر:ئۇيغۇر؛ مەدەنىيەت؛ ساياھەت؛ تارىخ
     مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپكارلاردىن بولغان ئاتاقلىق تىلشۇناس ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى ئېيتىدۇرلەركى: «يول ـــــ بىراۋنىڭ قەدەم ئىزى» ھەققىدە نۇرغۇنلغان دۆلەتلەردىكى مەشھۇر مەدەنىيەتشۇناس كېشىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە، ھەقىقىي تۈردە ئىزدەنمەكتە. بۇ ئېزدەنىش «خەلقئارا ئۇيغۇرتىل تەتقىقاتچىسى-ئۇيغۇرشۇناسلار جەمئىيىتي؛ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى قوشۇن[1]» دەپ ئاتالدى.
    ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مەنبەسىنىڭ قەيەردەلكىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن مەدەنىيەت ئۇقۇمنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك. بىز مەدەنىيەتنى ئادەتتە رادىئو-تېلېۋىزۇر ۋە ياكى گېزىت – ژورنالدىن يازما ئارقىلىق كاللىمىزدا شەكلەنگەن ئۇقۇم جەھەتتىن ئايرىمىز ۋە بىلەلەيىمىز. بىراق بىز ئېيىتىپ ئۆتىۋاتقان، بىز ئىزدەپ كېلۋاتقان، ھەقىقىي ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ماددىي ياكى مەنۋىي مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ قەيەردىن باشىلانغانلىقنى بىلىش، ھەققىي ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ قايسى بىر قەۋىمىدىن قايسى بىر قەۋىمىگە تارالغانلىقنى ئارخىئولوگىيىلىك ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىز ئىرىشكەن ئارخىئولوگىيلىك بويۇملارنىڭ قايسى قەۋىمدىن قايسىغا ئۇدۇم قالغانلىقىنى بىلىش، ئۆزىمىز ئېيتىۋاتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈش ۋە ئىزدەنىپ  تەتىقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ ياراتقان ئەڭ ئۈلۈغ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى كىيىنكىلەر     بىزلەرگە قالدۇرغان مىراس سۈپتىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
       پامىر ئىگىزلىكى، خانتەڭرى چۇققىسى، بۇغدا چوققىلىرىدىن تەكلىماكان باغرىغا سۈزۈلۈپ ياتقان قۇم باغرىغا، ۋە سوزۈلۇپ ياتقان تارىم ساھىلىغا نەزەر سالساق ئېھىتىمال ئۆز-ئۈزىمىزدىن «بىزنىڭ بۇ دىيارىمىزدىكى مەدەنىيىتىمىزنىڭ سەلتەنەت بۆشىكى نەدە؟» دەپ سورشىمىز مۇمكىن. بىز پەقەت بۇ 21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ ئىزدەنگۈچىسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىسى ـ خالاس!!!.
     12ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتتلار ئىلگىرى ھازىرقى تاشىقى مۇڭغۇلىيە، روسىيە، جۇڭگۇ چېگىرالىرى ئەتىراپىدا ھونلار، كۆكتۈرك ئۇيغۇر خاندانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئاتاقلىق قاغانلىرىنىڭ مەڭگۈ تاشلىرى تاشىقى مۇڭغۇليەدىكى يايلاقلارغا قايتا – قايتا تىكلىنىپ جەڭگىۋارلىق نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. ئۇلار شۇ مۇڭغۇل يايلاقلىرىدا ئات چاپتۈرۈپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاجايىپ ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرشىنى بىلىپ، ھەر يىل بېشىنى يەنە 3-ئاينىڭ 21-كۇنى كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈنى يېڭى يىلى قىلىپ، نۇرۇز بايرىمىنى باشىلىغان ئىدى.
     بىراق يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىردىن بويان ئاندىن بىزنىڭ ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىش، تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇتەپپەككۇرلارنىڭ تاش ئابىدىلەرگە يازغان ماتىرىياللارنىڭ توغرالىقىنى جەزملەشتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەدەنىيەتشۇناش كېشىلەرنىڭ ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئورال تاغ تىزمىلىرى، ئالتاي، پامىر،  تەڭرىتاغ،  تەكلىماكان،  تارىم،  مۇڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردىن قەدىمكى قەبىرىلەرنى قىزىپ ھەمدە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ ئىسىم قويدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكى كېشىلەر بولسا ھەر قايسى جايلاردىن قىزىلىپ چىقىۋاتىقان قەدىمكى قەبىرىلەردىن ئۇيغۇر خاندانلىقىغا ئالاقىدار بولغان ماددىي بويۇملار ۋە ماتىرىياللار، قىزىلما بويۇملارنى «مۇشۇ دۆلەتتە ئولتۇراقلاشىقان، مۇشۇ رايۇندىكى ئاساسلىق مىللەتلەر دەپ قارىدى ياكى بۇ جايدا ئۇنداق قەدىمكى قەبىرلەر يوق، بۇ بىر خاتا قاراش ھەم ئەخمەقلىق دەپ قارىدى.[2]»
     گەرچە ئارخىئولوگلار بىردەك قەدىمكى قەبىرلەردىن چىققان قىزىلما بويۇملارنىڭ مەنبەسىنىڭ ئەسىلي مەنبەسى ھون تىلغا ئالاقىدار بولغان ماتىرىياللار بىلەن ياكى باشىقا قىزىلما بويۇملىرى بولۇپ، كىيىنچە بىزگە ئومۇملاشىقان دەپ ھېسابلىسىمۇ بۇنىڭغا كاربۇن14تىن ئىبارەت بۇ خېمىيىلىك ئاتالغۇ بىلەن DNA لارنىڭ ئىتىنىڭ مەنبەس بىر بولۇش، سېلىشىتۇرماشۇناسلىقنىڭ ئاساسى دەپ قارالسا بۇ تولىمۇ ئەخمىقانلىق ھېسابلىندۇ.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ يۆنۈلىشى تارىملا ئەمەس!.بەلكى تاشىقى مۇڭغۇلىيە، روسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەتلەر ۋە رايۇنلاردىن چىققان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بولغان قەدىمكى قەبىرلەردۇر...
       ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرنىڭ ياشاش سەنئەتى ئارقىلىق ئاتلىق مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق مەنبەسى بولغان قەدىمكى شامانىزىم ۋە ئاتەشپەرەس دېنىنى ئۆزىگە سىمول قىلىپ ئۆز-ئۈزىگە ئاق كۆڭۈللۈك، مېھىرىبانلىق، سەمىمىيىلىك، ئېغىر-بېسىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋلاتىن-ئەۋلاتىقا مىراس قالدۇرۈشىنى ئەڭ ئىزچىل داۋاملاشىتۇرغان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى قەبىرلەردىكى ئارخىئولوگىيلىك بايقاشىنىڭ ھەقىقەتەن يىراق ئۆتمۈشىنىڭ تارىخىنى سۆزلەيدىغانلىق خاتىرسىگە ئىشەنسەك،ئۇنداقىتا ئارخىئولوگلار ئىزدەنگەن بەزى بىر قىسىم قەدىمىكى قەبىرلەر بەزى تارىخىتىكى سەلتەنەتلىك ئىمپىراتورىدا ياشىغان شەخىسلەرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بىر قىسىم ھادسلەرنى كۆرسۈتۈپ چىقارغان يىگانە تۇقۇنۇش ۋە شۇ زامانىنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە ئۆتمۈشىتىن بىزنى نەچچە ھەسىسە چۇڭقۇر ۋە مۇككەممەل خىزمەتكە چاقۇرغۇسى...
      بىز يەنە ئارخىئولوگىيەگە مۇناسىۋەتىلىك ھازىر ۋە ئۆتمۈشكە بولغان زامان ھەققىدە توخىتالساق: ئارخىئولوگلار قىزىپ چىققان قەبىرلەردىن كىيىن ئوتتۇرغا قويغان زامان توغراسىدىكى تۈرلۈك چۈشەنچىلەر، زاماننىڭ ۋە ئۆتمۈشىنىڭ ۋاقىت مەۋجۇتلۇقىغا تايىندىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىز بۇنىڭدىن بىلەلەيىمىزكى: ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى جەھەتتە تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيە تەرەپكە ئىتىبار قىلدىغان بولساق، يىراق شەرقىتە ياشىغان ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ جەڭگۋارلىق تىراگىدىيەسىدىن بىر نەچچە ئەسىردىن كىيىنكى سولاللىششى ۋە قۇدۇلۇشۇش، شەھەرلىشىشى خاراكتىردىكى ياتلىششى شەرتى بارا-بارا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرنى شەكلەندۇرمەكىتە ئىدى....
مىسلىسىز شانلىق تارىخىنى ئاچقان خەلق - ھونلاردۇر! ھونلار بىز ياشاپ ئۆتىۋاتقان مۇشۇ ئاسىيانىڭ بىپايان يايلىقىدىكى كۆچىمەنچى قەبىلىلەرنىڭ قاينام بۇلاق چەشىمىسى!. مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر مۇقەددەم باش كۆتۈرگەن. ئۆز ئەۋلاتلىرىنى تىلغا ئېلىشىقا ئەيىمىندىغان بۇ ئاجايىپ ھون قەبىلىلەر ئىتىپاقى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئۈچ ئەسىر،  مىلادىيەدىن كىيىنكى بەش ئەسىر ئىچىدە كونا قۇر تارىخىغا ئۇچۇقتىن ئوچۇق ئىزناسى،  ئەدىبىيلىك يۇشۇرۇن تەسىر قالدۇرۇپ ھەر قايسى مىللەتلەرگە سېڭىپ كەتتى...
     قەدىمكى ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ پىرى بولغان ھونلار سىنىپى جەھەتتە تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيەت مىراس قالدۇرىدىغان ھاكىمىيەت شەكلىنى قۇرۇپ، تەڭرىقۇتنىڭ ھۆكۈمى مۇقەددەس قانۇن ھېسابلىنىدىغان، ھون جەمئىيىتىدە ئاقساقاللار كېڭىشى تەسىس قىلىنىدىغان، بۇ كېڭەشكە ھەر قايسى يېزا – قىشلاق (ئاۋۇل ياكى ئايماق) ئاقساقاللىرىدىن تەركىب تاپقان تەڭرىقۇت ئىخىتىيارىدا خېلى مۇرەككەپ دۆلەت ئاپپاراتى قۇرۇلغان بولاتتى.
تەڭرىقۇت - پۈتكۈل دۆلەت بويىچە ئالىي ھۆكۈمىران بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا سۈيرۈغالىق تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن. قەدىمكى زاماندا تارىم بويلىرىدا كۆپ ئىلاھلىق دىن تازا ئەۋجە ئالغان مەزگلەردە «تەڭرىقۇت» ھونلارنى چاقىرىشقا دەۋەت قىلىپ ئۆز ئاسىتىغا يىغىقان ئىدى. شامانىزىم ئىتقادىدا تۆت تۈرلۈك رەڭلەر ئارقىلىق تۆت تەرەپنى بەلگىلەپ، يەنى كۈلرەڭ شەرقنى، قىزىل رەڭ جەنۇب، ئاق رەڭ غەرب، قارا رەڭ شىمالنى كۆرسىتەتتى.
«مىلادىيەدىن 2000 يىل بۇرۇن باتۇر تەڭرىقۇت خەن گاۋزۇ (لىيۇباڭ) نى ھازىرقى داتۇڭ شەھىرى يېنىدا يەتتە كېچە – كۈندۈز قورشاۋغا ئالغان. خەن گاۋزۇ باشچىلىقىدىكى بىر نەچچە يۈز مىڭ خەن قوشۇنلىرىنىڭ شەرق تەرەپنى كۆك ئاتلىق،  غەرب تەرەپنى ئاز بوز ئاتلىق، شىمال تەرەپنى قارا ئاتلىق، جەنۇب تەرەپنى قىزىل تورۇق ئاتلىقتىن ئىبارەت 400 مىڭ ھون ئاتلىق قوشۇنلىرى قورشىۋالغان».
قەدىمكى زاماندا ھونلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىر قەدەر تاپقان بولۇپ، ھونلارنىڭ تېرتورىيەسىدىكى ھېنگان تاغلىرى، نويان تاغلىرى، خانگەي تاغلىرى (ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدە)، ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتاغلىرى، گەنسۇدىكى تېلەۋ تاغلىرى، ئالچى تاغلىرى (ھازىرقى چىلىيەنشەن تېغى) قاتارلىق تاغلارنىڭ ئېتەكلىرىدە، چەكسىز يايلاقلاردا، سىبىرىيەدىكى لىنا دەرياسى، يىنسەي دەرياسى، ئانفارا دەرياسى، قۇرلۇن دەرياسى، سېلىنگان دەرياسى، ئالتۇن ئۇنۇن دەرياسى، ئېرىتىش دەرياسى، ئېلى بويلىرىدىكى ياپيېشىل ئوتلاقلار، تاشقى مۇڭغۇلىيەدىكى ئۆتۈگۈن يايلىقى، كۆكخۇت يايلىقى (چىڭخەي كۆلىنىڭ بويلىرى)، ئىرەن يايلىقى (تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدا)، بار كۆل يايلىقى قاتارلىق يايلاقلاردا ھونلارنىڭ مەشھۇر چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، بۇ مەيدانلاردا ئەينى دەۋىرلەردە مىليونلىغان ئاتلار، نەچچە ئون مىليون قوي، تۆگىلەر رەڭمۇرەڭ بولۇتتەك ئۈزۈپ يۈرەتتى. تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىيەدىن 2000 يىللار ئىلگىرى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 400 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇننى تەشكىل قىلغانلىقى مەلۇم.
       قەدىمكى چاغلاردا «ھونلارنىڭ بۇغداي ئامبىرى» دەپ نام ئالغان ئەجدادلارنىڭ بۇنىڭدىن 7000 يىل بۇرۇن دېھقانچىلىق كەنىتلىرىنى بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم. ھونلار بۇغداينى تارىم ۋادىسىدىن كەلتۈرگەندىن تاشقىرى ئۆزلىرىمۇ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ھونلار مىلادىيەدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە بايقالنىڭ جەنۇبى قىسمىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئارخىئولوگىيىلىك قىزىشلار ئارقىلىق ھونلارنىڭ تۆت چاسا شەكىلدىكى تاش قەبىرىلەر تېپىلغان، بۇ قەبىرىلەر ئىچىدە تېپىلغان تاش-چاناقلىرى مىلادىيەدىن يەتتە ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا مەنسۇپ دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. يەنى تاشقى مۇڭغۇلىيەنىڭ نويان تاغلىرىدىن تېپىلغان 23-نومۇرلۇق ھون خانلىرىنىڭ قەبىرىلەرىدىن قارا زىرائەت ئۇرۇقى چىققان بولۇپ، ئۇ مىلادىيەدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى دەۋىرگە مەنسۇپ.
     1981- يىلى 2- ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ئۇيغۇرچە شىنجاڭ گېزىتىدە بىر پارچە ماقالە بېسىلغان. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىئولوگىيىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر ئىپتىدائى قەبىرىستانلىقىدىن ئىككى جەسەت تاپقانلىقىنى ئېيىتقان. جەسەتنىڭ بىرى ياش ئايال، يەنە بىرى كىچىك بالا بولۇپ، نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولىتىتنىڭ كاربون 14 ئوكسىد تەجىربىخانىسى قەبىرىستانلىقتىن قىزىۋېلىنغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلش ئارقىلىق جەھەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ جەسەتلەر دەپنە قىلىنغان قەبىرىلەردىن چىغ سىۋەت ئىچىدە ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىققان.
       قەدىمكى ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ پىرى بولغان ھونلار شەرقتە ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدىن تارتىپ غەربتە ياۋرۇپانىڭ ئەڭ غەربگىچە بولغان كەڭ زېىمىندا، ئاتلىرىنى دۈپۈرىلىتىپ، بۈيۈك، ئەڭ چوڭ «ھون چارۋىچىلىق ئىمپوراتورى» نى قۇرغان. باتۇر تەڭرىقۇت ھونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھون ئىمپىرىيىسىنى شەرقى ئاسىيادا قۇرۇپ «باتۇر تەڭرىقۇت[3]» دەپ ئاتالدى. ئاتتىللا بولسا ئاق ھونلارنى باشلاپ داۋاملىق تۈردە پاۋرۇپا زىمىنىغا قىستاپ كېلىپ، رىم ئىمپوراتورىغا تەھتىد  سېلىپ، شەرقى رىمنى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋرۇپادا سىرلىق بىز شەخىسكە «تەڭرىنىڭ قامچىسى ـــــ ئاتتىللا[4]» دېگەن نامنى ئېلىپ مەڭگۈ ئۆچمەس نامىنى قالدۈرۈپ كەتتى...
      بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ساياھەتىمىز يىراق ئۆتمۈشتىكى ھون ئىمپوراتورلىرىدىن كېيىنكى يەنە مۇشۇ مۇڭغۇل زېمىنىدا قۇرۇلغان كۆكتۈرۈك خاندانلىقى  ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى دەۋىرىگە ساياھەتىمىزنى باشلاپ، شۇ رايوندىكى مەڭگۈ تاشلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەك...
ئانا تەڭرى ـــــ ئوماينىڭ نامى قەدىمكى تۈرك خاتىرلىرىدە كۆپ تىلغا ئېلىنغان. مىلادىيە 712 - يىللىرىدىن 716 – يىللىرى ئارلىقىدا ھازىرقى مۇڭغۇلىيەنىڭ ئولانباتۇر شەھەرىدىن 62 كىلومىتېر يىراقلىقتىكى بايىن چۆكتۇ دېگەن جايغا ئورۇنىتىلغا «تۇنىيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ (1897 – يىلى بايقالغان) 38 – قۇرىدا «تەڭرى ئوماي، مۇقەددەس يەر، سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ. بىز يەنە نېمىشقا تىزىپ كېتىمىز»؟⑴
      مىلادىيەنىڭ 732-يىللىرى (1889-يىلى بايقالغان) كۆلتېگىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ جىيەنى يوللىغ تېگىن تەرەپىدىن ھازىرقى مۇڭغۇلىيەنىڭ كۆكىن ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدىكى خۇشۇ سايدا دېگەن جايغا تكلەنگەن «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ شەرقى تەرىپى 31 -قۇرىدا «ئومايدەك ئانام خانىشنىڭ دۆلىتىدە ئىنىم كۆلتېگىن ئەر ئاتالىدى.» كۆك تەڭرى قاتارىدا يەنە ئايال روھلاردىن «ئوماي ئىلاھى»مۇ قەدىمكى تۈرك ئىستىكامىدا ناھايىتى مەشھۇردۇر.⑵
    بىز سىرلىق بولغان بۇ مەڭگۈ تاشلار دىيارىدىن غەربكە داۋاملىق ئىچكىرلەپ ماڭساق، يەنىمۇ سىرلىق بولغان بىر دىيارغا قەدەم باسىمىز. بىزنىڭ باسقان مۇساپىمىزنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ «ھون ئىمپوراتورى»، «كۆكتۈرك ئۇيغۇر خاندانلىقى»، «ئۇرخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى» دەۋىرلىرىدە تىكلەنگەن مەڭگۈ تاشلاردىن ئاللىقاچان يىراقلاپ،  كۈن پېتىش تەرەپكە كۈچۈپ بارىمىز...
   بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ساياھەتىمىز بىزنى گەنسۇ (گەنجۈ ئۇيغۇر خاندانلىقى)، خېشى كاردۇرى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىق دەۋىرى، ئۇدۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى،  قاراخانلار ئۇيغۇر خاندانلىقى،  يەركەن خاندانلىقى ۋە سەمەرقەنت (ئۆزبىكىستان) قاتارلىق جايلارغا باشلاپ بارغۇسى...
بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ساياھەتىمىز ئەمدىلىكتە شامانىزىمدىن⑶ ئىسلامىيەت دەۋىرىگە قەدەم قويغان باسقۇچقا يۈزلىنىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ساياھەت ئىسلامىيەتىمىزدىن باشلايمىز.
    ئەزان ـــــ قىران دەرياسى بويدىكى تەڭگە تاغدىن ياڭراپ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىتماقتا. بىزگە ئەڭ يېقىن تونۇش بولغان بۇ قاراخانلار خاندانلىقىدىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەزان ئېيىتقان جاي دەل -جايپەتچىمدۇر!
مىلادىيە 920-يىلاردىن ئىلگىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان جاي مەشھۇر بىر تارىخ ئۇرۇن باقۇدا (ھازىرقى ئالتىن ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىنىڭ غەربى جەنۇبىدا يەنى غەربى لەنگەر كەنتىگە جايلاشىقان.)⑷ ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ تەشەببۇس بىلەن ئىسلام دېنغا ئىتىقاد قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر قاغان بولۇپ قارخانلار خانلىقىنى ئىسلام دېنىغا دەۋەت قىلغان خان بولۇپ قالغان ئىدى.
قاراخانلار خاقاننى سولتان سۇتۇق بۇغراخان920-يىلدىن باشلاپ خان بولغاندىن تارتىپ  بوددىزىم ئۇيغۇرلىرىغا جازا يۈرۈش قىلىش، بوددىسىت ئۇيغۇرلىرىغا جازا يۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، بوددىسىت ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دېنىنى تارقىتىش ئۈچۈن غازات باشىلغان.نەتىجىدە سولتان سۇتۇق بۇغراخان باشىچىلقىدىكى خوتەن، كۈسەن، ئىدىقۇت قاتارلىق جايلاردىكى بوددىسىت ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان غازات جېڭى تارىختا «بۇغراخانلار جېڭى » دەپ ئاتالىدى⑸.
       مۇسا ئارسلانغان (956~958-يىللار) ۋە سۇلايمان بۇغراخان (مىلاىيەدىن 958~978-يىللار) نىڭ زامانىسىغىچە بولغان 40يىل ئىچىدە ئاساسەن مۇسۇلمان بولغان، سۇلايىمان بۇغراخان مىلادىيە960-يىلى ئىسلام دېنى دەپ جاكارىلغان. لىكىن خوتەنلىك بوددىسىت ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دېنىنى قۇبۇل قىلىشقا ئۇنىماي، قاراخانلار بىلەن ئۇزاققا سۇزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇرۇش بولۇپمۇ ئارسلانغان تېكىن (سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋىرىسى 978   ~998يىللار) زامانىسىدا ئىنتايىن كەسكەنلەشىكەن ئىدى⑹...
       مىلادىيە998-يىلى ئارسلانغان تېكىن باشچىلقىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن خوتەنلىك بوددىست ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئەنە شۇ «ئوردام» چۆلىدە توقۇنۇشۇپ، قانلىق جەڭ يۈز بەرگەن. ئۇرۇش ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋام قىلغان،. ئۇرۇش داۋامىدا ئارسلانغان تېكىن شېھىت بولغان.بېشى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن ھەمدە دۆلەتباغ يېزاسىغا دەپىنە قىلنغان. كېشىلەر ئۇنىڭ قەبىرىگاھىنى «ئارسلانخېنىم» دەپ ئاتايىدۇ⑺.
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دالا تەۋەككۇلچىسى- سېۋىن ھېندى.
      «سېۋىن ھېندى تارىخىدا ئەڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان، ئەڭ چوڭ تەۋەككۈلچىلىك «ھالاكەت دېڭىزى» نى كېزىش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كېشىلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكنى بىلىش ۋە ئۇلارننىڭ تۇرمۇش ئەھۋالنى چۈشۈنۈش يولدىكى ئىزدەنىشىتىن ئىبارەت.
تەسەۋۇر قىلىپ، ياشاش قىيىن بولغان، تەكىلماكان باغرىدىكى، تارىم بويغا جايلارشىقان كىچىكىنە ئەرزىمەس لوپنۇرىدا ياشاۋاتىقان بۇ خەلق، پۇتكۈل تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇر فولكلورنىڭ ئۈلگىسى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بىر نىشان تالىۋالغانلىقىدۇر....
بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كىچىكىنە كەنىتتە غايەت زور ئىككىنچى چوڭ كۆچىمە قۇملۇقىتىن قۇتۇلۇپ ھايات ياشاپ بۇ دىياردا مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالغانلىقىنىڭ نىشانى، بۇ خەلقنىڭ ئۆزنىڭ بۇ چۆللۈكنى بويسۇندۇرغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر ۋە ئۆزىگە ئىشىندىغانلىقىدۇر....»
ـــــ بۇغراخان
      سېۋىن ھېندى تارىم بويلىرىغا كىلىپ شۇ جايدا لوپنۇر كۆلنىڭ كەڭلىكى، سۇ مىقدارى، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كۆلنىڭ چۇڭقۇرلۇقى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ قايتىشىدا بىر قۇم دۆۋسىدە بىر قەدىمكى قەبىرنى بايقايدۇ...كىيىن ئۇ پۈتكۈل نىشانىنى ئارخىئولوگيەگە باغلايدۇ. بىز ئەمدى سېۋىن ھېندىنىڭ ئارخىئولوگىيلىك سەپىرنى سەيلە قىلىپ ئۆتەيلى:
      بىزنىڭ   قەدىمكى قەبىرىنى كۇلاپ ئۇنىڭدىن چىققان ماددىي بۇيۇملارنىڭ ۋە جەسەتلەرنىڭ  قايسى يىل دەۋىرىدە ياشىغانلىقىغا ۋە ياسالغانلىقىغا بىر نېمە دېمىكىمىز بىر ئاز تەسىرەك... شۇڭلاشىقا قىزىلىغان قەدىمكى قەبىرلەردىن چىققان قەدىمكى بۇيۇملارنىڭىكى  DNA مۇلكۇلسى ۋە كاربون 14ئوكسىدنى ئېنىق ئايىرشىمىز كېرەك...
      مىكرۇسكوپ ئارقلىق جانلىقلارنىڭ مىكرو دۇنيا ئىچىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر ھۈجەيرىنىڭ يادروسىغا  ئىچكىرلەپ كىرگەن ۋاقتىمىزدا،  ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ يىپيېڭى بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى، رادىئۇسىنىڭ ئاساسىدىكىدىن 10 ھەسسە كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ھۈجەيرە يادىروسىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەنىمىزدە بىر ھەيۋەتلىك تۈزۈلۈش كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.  بۇ ئۇزۇنچاق نەرسە دەل DNA مولىكۇللاسىدۇر.
       بۇ DNA دا خىمىيەلىك شىفىر بولىدۇ. يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلاردا مەيلى سۇ ئۆسۈملۈكلەر،  مەيلى ئادەم ، مەيلى پۈچەك گۈل بولسۇن ھەممىسىدە DNA بولىدۇ. ساياھەتىمىزنى داۋاملاشتۇرساق بىز كۆرگەن مولىكۇللا تېخىمۇ كىچىك بولغان ئاتومدىن تۈزۈلگۈنلىكىنى بايقايمىز.
ئەلۋەتتە ئادەتتىكى ئاتومنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئاجايىپ-غارايىپ،  ئۇنىڭ ئېلىكتىرونى ھەر تەرەپكە ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ.
كاربون14- ئوكسىدىدە يەر شاردىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ تاشىقا ئايلانغان تاش قاتلىمسىنىڭ يىلنى ئېنىقلاپ چىقىشىتا گەپ كەتمەيدۇ. قەبىرە يەر ئاسىتىغا جايلاشىقان بىر مەڭگۈلۈك ماكان. بىز بۇ ماكاندا مەڭگۈ ئورۇن ئالغۇچىمىز ۋە ئاللاھقا يۈزلەنگۈچىدۇرمىز. قەبىرلەرگە قوشۇپ دەپىنە قىلغان ھەر خىل بويۇملارنى كۆرگەنىمىزدە قەبىرسىتانلىق ئىچىنى ھاياتلىق دۇنياسىدىكى بىر ئائىلە ئىكەنلىكنى بايقايمىز. شۇڭا بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ساياھەتىمىزنى داۋاملاشتۇرساق كاربون 14ئوكسىد ئارقىلىق قىزۋېلىنغان «قەدىمكى قەبىرە» دىكى جەسەتلارنىڭ يىل دەۋىرنى، مىللىتىنى، ئېرقىنى، يېشىنى، جىنسىنى، قايسى يىل دەۋىرىدە ياشىغانلىقىنى ۋە تارىخىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولىدۇ.
      غايەت زور بىر ۋاقىت تونىلى بىزنى چاقىرماقىتا-ئۇ بولسا شەھەردۇر! شەھەرلىشىش-يېزلاردىكى ئۆرۈپ ئادەتىنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ بار-بارا يوقۇلۇشىنىڭ مەنبەسى. شەھەرلىشىشى مەدەنىيىتىدە يېزلاردىكى ناماز بامداتتىن چىقىپ جامائەت بىلەن بىللە بىر قاتارىدا تۇرۇپ قول ئېلشىپ كۆرۈشۈش، ئۆيلەرگە مېھمان چاقىرتىپ قولغا سۇ بېرىش، تائام تەييارلاش سەنئەتىنىڭ بارغانسىرى زامانىۋلىشىپ، جامائەت ۋە قۇلۇم-قوشىنا، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن ئىزدەشىمەيدىغان، ئىشىك ئالدىدىكى قوشنلارنى تۇنماي، توردىن دوسىت ئىزلەيدىغان، ۋاقىت قوغلىشىدىغان قىلىپ تەربىيلەيدىغان ۋاقىت تونىلدىكى بىر لاگىردىن ئىبارەت.
     يېزا - دېھقانلار كەڭ تۈرىدە توپلشىىپ ئولتۇراقلاشىقان، ئۆرۈپ –ئادەت، مەدەنىيەت كۆپ ساقلانغان، يەرلىك شېۋىلەر، ۋە ئۆرۈپ –ئادەتنى شەكلەندۇردىغان مەركىزى، مەدەنىيەتنىڭ شەكلىنىشىنىڭ يادىروسى.
     بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ساياھەتىمىز بىزنى ھون ئېمپۇراتۇرى قۇرۇلۇپ تاكى كۆكتۈرك ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت خانلىقى، ئۇدۇن خانلىقى، قاراخانلار خانلىقى، كۆسەن خانلىقى، يەركەن خانلىقى قۇرۇلۇپ ھەققىقى تۇردىكى «ئۇيغۇر» دېگەن ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئىسىمنى تېپىپ كەلگىچە تەخمىنەن ئىككى يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ئۆتتى.
     بىزنىڭ مىللەتڭنىڭ ئىسىمى نېمە دەپ سورسا ئۆز مىللەتىنىمۇ بىلمەي بەلكى مەن ئىبرايىم ئۇرۇقى،  مەن مۇھاممەت ئۇرۇقى، مەن بۇستانچى دەپ يۈرۈپ ھەققىقى «ئۇيغۇر» دېگەن ئۆز مىللەتىمىزنىڭ ئىسمىنمۇ ئۇنتۇلغاندۇق. سوۋىتىكى ئۇيغۇرلار سودىگەر ئابدۇللا دېگەن زاتىنىڭ چاقىرىشىدا ئېچىلغان سوۋىتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا (1924-يىلى چاقىرىلغان.) «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ ئىسىمىنى ھەققىقىي توغرا قوللۇنۇش توغراسىنى بىز ئەمدىلىكتە تۇنۇپ يەتتۇق⑻.
    بىز دەسلەپتە ئات ئۈسىتدە «ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ-پىرى» دەپ مۇڭغۇل يايلاقلادا يۈرگەن بولساق، كىيىن ئىمارەت سېلىش، تېخنىكاچلىقىنى، قەغەز ياساش، مىلتىق دوراسى، مىخ مەتبەئەت، راكىتا ياساش، مېڭە ئوپراتىسىيە قېلىش، تائام مەدەنىيىتى، كېيىم-كېچەك، نەققاشلىق، ئات تاقلاش، يېڭنە بىلەن كېسەل داۋالاش[5]، تېبابەتچىلىك، يىمەكلىك ئارقىلىق كېسەل داۋالاش، موزدوزلۇق، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچلۈك، پىچاقچىلىقتىن تاكى يېپەك يولدىكى كارۋان بولغان بولساق، نەچچە مىڭ يىلدىن كىيىن بىز شۇنچە ئەسىرلەر ئىلگىرى يېزىپ  قالدۇرۇلغان قامۇسلارنى رەتلەش،  قايتىدىن نەشىرى قلىدۇرۇش ئارقىلىق «قۇتاتغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دېۋانى»، «ئون ئىككى موقام» قاتارلىقلارنى نەشىرى قىلىش يولغا باشلاپ كىرىدى.
«تۈركىي تىللار دېۋانى» نى رەتلەپ نەشىر قلىدۇرۇپ 2008-يىلىنى مەقىمۇدىيە يىلى قلىىپ بىكىتتۇق[6]، قۇتاتغۇبىلىك قاتارلىق دىلداكىتىلىك كاتتا ئەسەرنى قايتىدىن ئاۋازلىق ۋە كىتاب شەكىلدە نەشىر قىلدۇق، يەنى 1954-يىلىدىن[7] باشلاپ جۇڭگۇنىڭ ئالتىدىن بىرنى تەشكىل قىلدىغان ئۈچ تاغ ئىككى ئويمانلىقتىن ئىبارەت بۇ كاتتا، بايلىقى مول بولغان، چوڭ بىر زېمىنغا ئۆزىمىزنى ئەركىن تاشلاپ تەڭرىتاغ ۋە ئالتاي، قاراقۇرۇم تاغ بالاياتقۇسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قىلىپ قۇرۇپ چىقتۇق. كومپىيوتىر ساھەسىدە بىز يەنمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا «ئۇيغۇر سوفىت»[8]نى ئىشلەش ۋە كۆپ تىرشچانلىق بىلەن ئىزدەنىش ئارقىلىق مىكرو سوفىت شىرىكەتىنىڭ ياردىمى بىلەن تور دۇنياسىدا ئانا تىل يېزىقىمىزنى كومپىيوتىر ساھەسىدە كەڭ تۈرىدە جاھان ئەينەكىدە نامايەن قىلىپ ئىشىلتەلەيدىغان بولىدۇق. جۇڭگۈدا ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى خەلق پۇل ئۈسىتىگە باسىتۇرۇپ چىقىرىپ جۇڭگۇدىكى ئالتە چوڭ يېزىقنىڭ قاتارىدا ئۇرۇن ئالدۇردۇق[9]. «ئون ئىككى موقام»[10]نى دۇنيا ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسى سۈپتىدە-دۇنيا ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسلىقى دەپ بېكىتۇق
.
      ئارخىئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ۋە يېقىنقى پەن-تېخنىكا نەتىجىلەر ئارقىلىق قىزىۋېلىنغان ھەر قايسى جايلاردىكى قەبىرلەردىن چىققان كومزەك ۋە باشىقا ماددى بويۇملارنى تەكشۈرۈپ قايتىدىن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كاربون14ئوكسىد تەكشۈرۈش نەتىجسىدە بىزلەرگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرۇپ نامايەن قىلىپ بەردى.
     بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەنشىمىزنىڭ ۋە ئەڭ چوڭ تەۋەككۇلچىلىقى بىزنى يىراق ئۆتمۈشتىكى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى»[11]گە يەنە مۇڭغۇل دالسىدىكى كۆچىمەن چارۋىچىلىقىتا شۇغۇلىندىغان ھونلار، كۆكتۈرۈك ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە چىڭىگىزخانلانىڭ ماكانغان ئاپىرىش، بۇ يەرلەردە ئۆتكەن مەشھۇر قاغانلارنىڭ تۇلپارلاردا مىنىپ بۈيۈك ئېمپراتۇر قۇرغانلقىنى،  مەڭگۈ تاشلاردىن ئاسىتا-ئاسىتا ئورۇن ئېلىپ تۇپراق قاتلىمغا جەم بولماقتا...ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى مۇڭغۇل يايلاق دالسغا تارقىلىپ كىيىنكى قايسى ھاكىمىيەتنىڭ مەنبەسى بولغاندۇر؟.
      ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە،  مۇڭغۇل دالسىدا ھون ئېمپۇراتۇرى قۇرۇلۇپ تاكى كۆكتۈرك ئۇيغۇر خانلىقى،  ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،  ۋە چىڭگىزخان خانلىقى مۇڭغۇل يايلىقىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ شۇ جايلاردا ھاكىمىيەت يۇرگۈزگەن ئىدى. ئارخىئولوگيىلىك ئالىملار تاشىقى مۇڭغۇل دالسىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا زېمىندا يەنە قانچلىغان ھون ئېمپۇراتۇرى قۇرۇلۇپ تاكى كۆكتۈرك ئۇيغۇر خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ۋە چىڭگىزخان خانلىقىدەك داڭلىق ئېمپۇراتۇرنىڭ مەركىزى بولغاندۇر؟  ئەگەر بۇ جاي دەل ئىنسانلار مەدەنىيەتگە تۆھپە قوشىقان رايۇن بولغان بولسا ئۇنىڭ ئىستىتىك ھەققىقىي مەدەنىيەت مەنبەسى زادى قايسى قەۋىم؟ ھونلارمۇ؟ تۈركلەرمۇ؟ مۇڭغۇلارمۇ ۋە ياكى ئۇيغۇرلارمۇ؟
     ھازىر ئارخىئولوگ ئالىملار قەدىمكى قەبىرلەرنى قىزىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسىنىڭ سېرنى يەشىمەكتە. بۇ بىر مۈشكۈل ۋەزىپە.  بىراق بىر كۈنلەردە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولغان قەۋىم بولۇپ قالساق، بۇ بايقاش نەزەر دائىرىمزنى ھەم ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى دۇنيايىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋىتدۇ-ئەلۋەتتە!
...
      قەدىمكى قەبىرە! مەسىلەن: «ئاتۇش ئادىمى» نىڭ باش سۆڭكى 1982-يىلى ئاتۇش شەھەرنىڭ ئارغۇ يېزىسى ئاچچىق كەنتى قاراياردىن تېپىلغان ئىدى. بۇ باش سۆڭكىنى جۇڭگۇ ئىجىتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىسىدىكى يولداشلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ باش سۆڭكىنىڭ 30~40مىڭ يىللار ئىلگىرىكى 18ياشلىق بىر ئەرنىڭ باش سۆڭكى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىتى. ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھمەتئىمن ئەپەندىمۇ مۇنداق دېدى:«يەككە –يىگانە ئەجداتسىز ئەۋلاتسىز ئەمەس. بۇ بىر ئارىيان ئۇيغۇر ساكلىرى - ئارغۇ –ياغىما قەبىلىسىدىن» دەپ يەكۇن چىقارىغان ئىدى⑼...
      بىز بۇنداق كۆپ قېتىم بايقالغان قەدىمكى تاشىقا ئايلانغان باش سۆڭىكى ۋە جەسەتلەر ئۇزاق يىللىق تارىخنى بېسىپ  بىزىگە يىتىپ كەلگەنلىكىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. بىز ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى قانچكى ئىچكىرلەپ كۈزەتسەك، ئارخىئولوگلارنىڭ ۋە مەدەنىيەتشۇناشلارنىڭ چۈشۈنۈشىممۇ شۇنچە چۇڭقۇرلىشىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنى قانچىكى كۆپ چۈشەنسەك «ھەققىقي ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخغا ساياھەت» قىلغان بولىمىز...
تېخىممۇ كۆپ قەدىمكى قەبىرلەرنىڭ سېرىنى يېشىش كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ جەمىئيىتى دۇنيادا يىلدىن-يىلغا قۇرۇلۇپ[12] بارغۇسى، ئىزدەنگۈچىلەر ئەۋلاتىن-ئەۋلاتقا مىراس سۈپىتىدە قالغۇسى.
      مەدەنىيەت- ئۇيغۇر مەدەنىيىتى زادى قانداق پەيدا بولغان؟ بىزنىڭ بۇ دىياردىكى مەدەنىيەتمىزنىڭ بىزگە ئوخشاش كارۋانچىلىقتىن تارتىپ باشىقا قۇشۇمچە كەسىپلەرگچە شۇغۇلىندىغان، كۆپ قېتىم يېزىق ئالماشتۇرۇپ، باشىقا قەۋىمگە يېزىق ئىجاد قىلىپ بىرىپ، يېزىق جەھەتتە كۆپ قېتىم يېزىقلارنى باشىقا قەۋىملەرنى مەدەنىيەتلىك سوۋغا سۈپتىدە بىرىپ ۋە ئۇلارنى بىلىملىك قىلغان مەدەنىيىتىلىك مىللەت بارمۇ؟  يەنە قايىسى بىر قەۋىملەرىدە ئەۋلاتىن -ئەۋلاتلارغا ئاق كۆڭۈللۈك، مېھىرىبانلىق، سەمىمىيىلىك، ئېغىر-بېسىقلىقنى ئۈزلۈكسىز نەچچە-نەچچە ئەسىردىن-ئەسىر ئۆتۈپ ئەۋلاتىن-ئەۋلاتقا مىراس  سۈپىتىدە قالدۇرۈشىنى ئەڭ ئىزچىل داۋاملاشىتۇرغان يەنە قايسى بىر قەۋىم بار؟  مانا مۇشۇنداق مەسىلەرگە جاۋاپ تېپىشىقا، مۇشۇنداق سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قۇيالشىنىڭمۇ ئۆزىمۇ بىر يۈكسەك ئىرادە!. ئەجدادىمىزنىڭ ياتقان قەبىرە تاشلىرىغا ساياھەتكە قەدەم باسىقان بىرىنچى قەدەمدىن تارتىپ نەزەر سالايلى!...بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى قانچىلىك ساياھەت قىلدۇق؟ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنى قانچىلىك چۈشەندۇق؟
«تۈركىي تىللار دېۋانى» نىڭ تېپىلىپ قايتىدىن نەشىر قىلىنىشى تېخىممۇ كۆپ ئالىملارنى تارىم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا قىزىقتۇردى،  ھەمدە ئۈلۈغ بوۋىمىز مەھىمۇد قەشقىرنىڭ يېزىپ قالدۇرغان پاكىتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركي ۋە باشىقا قەبىلىلەرنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىنى ياخىشى چۈشەندۇرۇلدى.  شۇڭلاشىقا تارىمنىڭ ھاياتى كۈچى دۇنيادىكى چوڭ تىللاردىكى مەتبۇئاتلاردا يىلدىن –يىلغا ھەر خىل يېزىقىقا ئېلىنىپ ئۇيغۇرچە، روسچە، ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە، ياپۇنچە، قازاقچە، تۈركچە، ۋېنگىرچە[13]...قاتارلىق تىللاردا بار-بارا نامايەن بولىدى. كۆپ ساندىكى ئالىملار «تۈركىي تىللار دېۋانى» نىنىڭ ئاساسى ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىدى. بۇرۇن چۈشەندۇرگىلى بولمغان كۆپ مەسسىللەر ۋە تالاش –تارتىشلار بارا-بارا ھەل بولۇشىقا باشىلىدى. ئۇنىڭ ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە، ئەڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان كىتاب-دەل «تۈركىي تىللار دېۋانى»ىدۇر...
      يىغىپ ئېيىتىقاندا، تاكى مەدەنىيەتشۇناس ئالىملىرى مەدەنىيەتنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلەلمىدى. يۇقۇرقى بايانلار پەقەت ئىنسانلارنىڭ تولۇق ئىسپاتىلىيالمىغىنى- خالاس. بىز شۇنىڭغا ئىشەنىمىزكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تومۇرى بىر.
     شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلدۇكى: بىز بۇ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخغا ساياھەت» دېگەن ماقالىدا باشىتىن ئاخىرى تىلغا ئېلىنغان بارلىق تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، تىل، يېزىق، شەھەر ...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ داشۆ نەشىرىياتى 1989-يىلى 9-ئايدىكى 1-بېسلىپ نەشىر قىلىپ تەييارلىغان ئابدۇكىرىم راخماننىڭ يازغان «ئۇيغۇر فولكلۇرى ھەققىدىكى ئۇمۇمىي بايان»، «تۈركىي تىللار دېۋانى» 2008-يىللىق10-ئايدىكى بېسىلشى، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھمەت ئىمنىنىڭ «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» قاتارلىق كىتابلاردىن پايدىلىنىپ يېزىلىدى.
      ھازىرغىچە بىر دەسىلەپتە يېزىق، دىن، تىل توغرىسىدا تەتقىقاتىمىزنى چۇڭقۇرلاشىتۇرۇپ تەھلىل قىلشىمىز كېرەك. بىز يېزىق ئۆزگەرتىمسەك، تىلىنى ياخشى قوغدىساق بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ» ىمىز ناھايىتى پارلاق نىشانغا يەتكۈسى.... ھازىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ۋە خەلقئارادىكى،  مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ»چىلار، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،  يېزىقى ۋە تىل قاتارلىقلارنى باش كۆتەرمەي قېتىرقىنىپ تەتىقىق قىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە بىزنىڭ بۇ دىيارىمىزىدا بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخشۇناسلىقتىكى جەمئيەت (ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر جەمىئيتى دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قۇرۇلغىلى يوق[14]. كەلگۈسدە قۇرۇلۇپ قېلىشى ئېھتىمالى بار...
ئىزاھاتلار:
[1] «خەلقئارا ئۇيغۇر تىل تەتىقىقاتچىسى-ئۇيغۇرشۇناسلار جەمىئيىتى: خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنى تەتىقىق قىلغۇچى قۇشۇن» :ئامىرىكا، تۈركىيە،ياپۇنىيە،كورىيە،گىرىمانىيە،قازاقىسىتان،جۇڭگۇ،روسىيە،ۋېنىگىرىيە...قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت توغرىسىدا ئىزدىنىشى ئۇمۇملاشىتۇرۇپ خەلقئارا ئۇيغۇر تىل تەتىقىقاچى قۇشۇن دەپ ئاتالىدى.شىنجاڭ تەزكىرسى 2012-يىللىق3سانغا قاراڭ.
[2] «مۇشۇ دۆلەتتە ئولتۇراقلاشىقان،مۇشۇ رايۇندىكى ئاساسىلىق مىللەتلەر دەپ قارىدى ياكى بۇ جايدا ئۇنداق قەدىمىقى قەبىرلەر يوق،بۇ بىر خاتا قاراش ھەم ئەخمەقلىق دەپ قارىدى.»:تاشىقى مۇڭغۇلىيەدە بىر چۆللۈكتە روسىيە ئامىرىكا ئارخىئولوگ ئالىملىرى كۆكتۈرۈك خاندانلىقىغا ئالاقىدار بىر قەدىمكى شەھەرننىڭ ئورنى مۇشۇ تۈزلەڭلىك ئاسىتىدا دېگەن خۇلاسە بىلەن تاشىقى مۇڭغۇلىيەدىكى بىر قاقاس چۆللۈكنى ئارخىئولۇگىيىلىك تەكشۈرگەندە مۇڭغۇلىيەدىكى خەلقلەرنىڭ دېگەن گىپى. سۇمرۇغ تورى خەۋىرى.
[3] «باتۇر تەڭرىقۇت»:ھۇنلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمدار بولغان ئاتىسىنى ئۆلتۇرۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ،خەن سۇلالىسىنى يېڭىپ ئۆزنى تەڭرىقۇت دەپ ئاتاپ ھاكمىيەتكە چىققان زات.شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنڭ باتۇر تەڭرىقۇت دېگەن كىتابقا قاراڭ.
[4] «تەڭرىنىڭ قامچىسى ـــــ ئاتتىللا»:ئاق ھونلارنىڭ باشىلامچىسى. ياۋرۇپا تەرەپكە ئۈزلۈكسىز ھۈجۈم قىلىپ شەرقى ياۋرۇپا ۋە غەربى ياۋرۇپا قاتارلىق رايۇنلارغا تەھتىت سالغان،ھەمدە باكىتىرىيە ...قاتارلىق رايۇنلارنى ئۆزنىڭ ھاكىمىيەت ئاسىتىغا ئالغان،قىلىچنى رىملىقنىڭ بوينغا تەڭلەنگەن زات ئاتتىللا،ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغىراسىدا مۇنداق رېۋايەت بار: 1.ئۇ زات بىر قېتىملىق چوڭ جەڭدە ئۆلگەن2.توي كىچىسى ئايالى تەرپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن3.توي قىلىپ ھاكىمىيەتكە چىقىپ بولغاندىن كىيىن ۋاپات بولغان دەپ قارالغان،يۈسۈپچان ياسىننىڭ تەڭرنىڭ قامچىسى ـــ ئاتتىللا دېگەن كىتابنىڭ تەپسىلاتىغا قاراڭ.
[5] ئات تاقلاش،يېڭنە بىلەن كېسەل داۋالاش:بۇ ئاتلىقلارنىڭ دەۋىرىدە ياشىغان تۈركي مىللەتلەرنىڭ بىرخىل تېخنىكىلىق ماھارتى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئات تاقلاش بىلەن يىڭنە بىلەن كىسەل داۋالاش تېخنىكىسى ئۇلارنىڭ ئىزچىل كىڭەيمىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندا باشىقا بىر قەۋىمگە تارالغانكەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بىكىتىگە قاراڭ.
[6] مەقىمۇدىيە يىلى: 2008-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان «تۈركىي تىللار دېۋانى»نى رەتلەپ نەشىر قلىدۇرۇش ۋە 2008-يىلىنى مەقىمۇدىيە يىلى قىلىپ بىكىتىش يىغىندا سۆزلەنگەن كۆرنۈش ۋە مىللەتلەر نەشىرىياتىنىڭ مىڭ يىل بۇرۇن مىڭ يىل كىيىن دېگەن كىتابقا قاراڭ.
[7]1954-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغان ۋاقىت.شىنجاڭ يەرلىك تارىخىغا قاراڭ .
[8] «ئۇيغۇر سوفىت»: ئەلكاتىپنىڭ ئىشىلتىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۇندە مىكرۇ سوفىت شىرىكىتنىڭ ياردەمدە ۋېندۋوس 8نى ئىشلەپ چىقىرىپ ئۇيغۇرچنى كومپىيوتىر ساھەسىدە بىزنىڭ يەنمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ كەڭ تۈرىدە ئىشىلتىشىمىزگە تۈرتكە بولغانلىقىنى دېمەكچى.
[9] جۇڭگۇدا ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى خەلق پۇل ئۈسىتگە باسىتۇرۇپ چىقىرىپ جۇڭگۇدىكى ئالتە چوڭ يېزىقنىڭ قاتارىدا ئۇرۇن ئالدۇردۇق:1956-يىلى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى خەلق پۇلغا پاسىتۇرۇپ چىقارغان ئەھۋالنى دېمەكچى.
[10] «ئون ئىككى مۇقام»:دۇنيا ماددىي ۋە مەنۋىي ئاغىزاكى مەنىۋي مىراسلىقىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ.
[11] «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى»:بۇ شەرقى ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ يۇقۇرى كەڭلىكىدە ياشىغان قەدىمكى ھونلار،قىپچاقلار،ساكلار،دېڭلار،دىلار،قاڭقلار،ئۇغۇزلار،ئۇيغۇرلار،تۈركلەر،توخىرلار،باشىقىرلار،خاكاسلار،مۇڭغۇللار...قاتارلىق شىمالدا ياشىغان ئاتلىق مىللەتلەرنى دېمەكچى.
[12] ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ جەمىئيىتى دۇنيادا يىلدىن-يىلغا قۇرۇلۇپ بارغۇسى: خەلقئارادا ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەتىقىق قىلۋاتىقان دۆلەتلەر خېلى كۆپ بولۇپ يەنىمۇ ئىلگىرلگەن ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى دۆلەتلەر يەنمۇ كۆپۈيۈش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت دېمەكچى مەنىدە قۇلۇنىدۇ.
[13] ئۇيغۇرچە، روسچە، ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە،قازاقىچە، ياپۇنچە، تۈركچە، ۋېنگىرچە:تۈركىي تىللار دېۋانى توغىراسىدا يېزىلغان ھەرخىل تىلدىكى ماقالىلارنى دېمەكچى.
[14] بىزنىڭ بۇ دىيارىمىزىدا بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخشۇناسلىقتىكى جەمىئيەت قۇرۇلغىلى يوق: بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخشۇناسىلىق دېگەن ژورنال بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دېگەن ژورنال يوق بولۇپ بىزدە ئاساسىلىق ئەدەبىي ژورنالنىڭ ۋە باشىقا تەرجىمە ژورنالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنى تەتىقىق قىلدىغان ئايىرىم جەمىئيەتنىڭ قۇرۇلمىغانلىقنى دېمەكچى.
پايدىلانما ماتىرىياللار:
1.. ①②③⑤⑥⑦⑧⑨⑩⑴⑵⑶⑸⑹⑺ئابدۇكىرىم راخمان: «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە ئۇمۇمىي بايان «شىنجاڭ داشۆ نەشىرىياتى 1989-يىلى 9-ئايدىكى 1-بېسىلىشى ۋە شۇ كىتاب ئىچىدىكى 102،103،110،111،305،306،431،432،433،451،قاتارلىق بەتلەردىن پايدىلاندى.
2..مەھمۇد قاشىقىرى «تۈركى تىللا دېۋانى» 2008 -يىللىق 10-ئايدىكى بېسىلشى.كىرىش سۆز قىسىمى.
3.④ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمن:«قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» .8بەت
4.⑼ئابىلەز مەخسۈم: «ئاتۇش پەرزەنتىلىرى»:ئاتۇش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە8.بەت
5.⑷ ئابدىرېھىم مەشھەدى ھاشىم: «ئاتۇش (2)» قەشىقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2012-يىللىق 5-ئاينىڭ1-بېسىلىشى.
6.⑻ئەسىئەت سۇلايمان: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى

0

تېما

0

دوست

1389

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 15:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارخنى  چۈشىنىش  ۋە  تەتقىق قىلىشتا  موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە  تېمىكەن ،  ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 09:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمكى ھۇنلار باشقا بىرنەچچە مىللەتلەرگە ئاتلىماتسىيە بۇلۇپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )