ئىككى يۇمىلاق ھالقىسى بار كائىنات ئۇچار تېشى بايقالدى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 31-مارت
دۇنياغا داڭلىق «تەبىئەت» ژورنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا دېيىلىشىچە، بىر گۇرۇپپا ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا 1997-يىلى بايقالغان بىر كائىنات ئۇچار تېشى ياكى ئاستېرويد (asteroid) نىڭ 2 دانە چەمبىرەكسمان ھالقىسى بارلىقىنى بايقىغان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە جپل دىكى ئالىملارمۇ بار ئىكەن.
بۇ ئاستېرويد «Chariklo» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى ساتۇرن بىلەن ئۇراننىڭ ئارىلىقىدا قۇياشنى ئوربىتلايدىكەن. بۇ ئاستېرويدنىڭ كەڭلىكى ئاران 248 كىلومېتىر كەلىدىكەن. بۇ ئاستېرويدنىڭ ئىككى مۇز ھالقىسى بار بولۇپ، بىر ھالقىسىنىڭ كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، يەنە بىرى بولسا 3 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ ھالقىلارنىڭ «Chariklo» نىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 391 ۋە 405 كىلومېتىر ئىكەن.
بۇ خىلدىكى ئاستېرويدلار ئىنگلىزچىدە «centaur» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرچە ئاھاڭدا «سېنتور» دەپ ئوقۇلىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدا بۇنداق سېنتوردىن 100 دىن ئارتۇغى بار بولۇپ، ھالقىسى بار سېنتورنىڭ بايقىلىشى بۇ تۇنجى قېتىم ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى «Chariklo» نىڭ سىزىلغان رەسىمى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
First Asteroid With Rings Discovered
http://www.latimes.com/science/l ... with-rings-20140327,0,4086332.story#axzz2xU506ug5
|