مېنى چۈشەنسىڭىز نەقەدەر ئوبدان بولاتتى،-ھە ! مويەن
ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىر خالتا كوچىسى بولىدۇ، ئۆزى يېنىپ چىقالمايدىغان، ھەم باشقىلارمۇ كىرەلمەيدىغان، ئەڭ سىرلىق مەخپىيەتلىكىمنى ئۇيەرگە قويۇپ قويدۇم، مېنى چۈشەنمىسىڭىز،سىزدىن كۆرمەيمەن. ھەربىر ئادەمنىڭ بىر جاراھىتى بولىدۇ،چوڭقۇر ياكى تېيىز، داكا بىلەن ئورىۋېلىپلا،مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارايسىز، قىپقىزىل قانلىرىم بىلەن ئۇ يەرنى بويىدىم، مېنى چۈشەنمىسىڭىز،سىزدىن كۆرمەيمەن. ھەربىر ئادەمنىڭ بىر مەيدان مۇھەببەت تارىخى بولىدۇ، كۆڭۈل بەرگەن،ھېسياتلانغان،تىرىشقان،تەسىرلەنگەن،ھەسرەتلەنگەن، ئاچچىق-چۈچۈك ھېسلىرىمنى ئۇ يەرگە يوشۇردۇم، مېنى چۈشەنمىسىگىز،سىزدىن كۆرمەيمەن. ھەربىر ئادەمنىڭ يول-يول ئاققان كۆز يېشى بولىدۇ، سوغۇق سۇنى ئىچىپ،قىززىق يېشىنى تاۋلاپ چىققان، ئازاپلىق ئەلەملىرىمنى ئۇنۇڭغا يىغىپ قويدۇم، مېنى چۈشەنمىسىڭىز،سىزدىن كۆرمەيمەن. ھەربىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق شىكايەتلىرى بولىدۇ، دەككە-دۈككىدە بولسىمۇ،چىن يۈرىكى ۋە جاسارىتىنى مۇجەسسەملىگەن، لېرىك تىلنى ئاشۇ يەرگە ئىشلەتتىم، مېنى چۈشەنمىسىڭىز،سىزدىن كۆرمەيمەن. مەن سىزنى سۆيىدىغان چاغنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز، چۈنكى كۆرەلمىگەن ۋاقتىمدىلا سىزنى سۆيىمەن. يالغۇز چېغىمنىمۇ ھەم مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز، چۈنكى سىز كۆرەلمىگەن چاغدىلا يالغۇز قالىمەن. بەلكىم ئازاپلىرىمنى يوشۇرۇشنى بىلىمەن، بەلكىم جاراھەتلىرىمگە تەسەللى بېرەلەيمەن، قاراڭغۇ يامغۇردىن يورۇق قۇياشقىچە،پاتقاقتىن ئۆتتۈم، بۇ سەپەردە مېنى چۈشەنگەن بولسىڭىز نەقەدەر ئوبدان بولاتتى،-ھە ! |