قومۇل بوغاز-غوجام قۇم ساياھىتى
توخوتۇر
1.دوسلۇرۇمنىڭ شەنبە كۇنى ئەتتىگەندە جىددى تېلفۇن قىلىپ ، چاققان تەييارلىق قىل ، بالاڭنى ئېلىپ تەييار بول ،چۇشلۇك تاماقنى ئېلىۋال ، خوتۇنلارنى ئاپپارمايمىز دىگەن سوزلىرىدىن كىيىن يېرىم سائەتتە تەييارلىقنى پۇتكۇزۇپ قومۇل بوغازنىڭ ئايىقىدىكى مەن ئىلگىرى كۆرۇپ باقمىغان قوملۇققا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان راھەتباغ سانائەت رايۇنىدىن چىقىۋاتقان ئىس تۇتەك ، كېرەكسىز سۇ ، راھەتباغلىقلار ئۇچۇن قان ھىساپلىنىدىغان يەر ئاستى سۇيى دىگەنلەرنى كىچە كۇندۇز زوتالاپ ئىشلىتىۋاتقان سانائەت رايۇنىدىن كەيپىمىز ئۇچقان ھالدا ئۆتۇپ كەتتۇق ، بولۇپمۇ شامالچاھارباغ ۋە بوغازغا سېلىنغان ئوت ئېلىكتىر ئىستانىسى چوقۇمكى راھاتباغنىڭ ھەتتا پۇتۇن قومۇلنىڭ يەر ئاستى سۇيىنى كىچە كۇندۇز دەھشەت بىر سۇرئەتتە خورىتىدىغان قان ئىچەر ئالۋاستى ئىكەنلىكىگىنى تېخى ھىس قىلمايۋاتىمىز ، . بۇ پاسىق سۆڭەكلەردىن قومۇلغا قانچىلىك ۋاپا كىلەر ،
2. بوغازدىن ئۆتۇپ 62 كىلۇمىتىر دىگەن خەت بېىسىلغان تاش تاختىغا كەلگەندە ماشىنىمىزنى كۆرۇنۇپ تۇرغان غوجام قۇم دۆۋىسىگە قايرىپ ئازراق ئىچكىرلىدۇق ،
3. چۇشۇنەلمىگەن دوسلار ئەرك باللار بوستانىدىكى دوستۇم مەسئوتجاندىن سورىساڭلار بولىدۇ ، ئۇنىڭ دۇكۇنىدىن بىر قسىىم قۇمدا ئوينايدىغان گۇرجەك ، قۇم سېيرىلغۇچ ، لەگلەك ۋە باشقا ئويۇنچۇقلارنى ئالسىڭىز ، بۇ ئاقكۆڭۇل دوستۇم بالىسنى ئېلىپ ئۆزى يول باشلاپ بېرىشتىن يانمايدۇ .
قېنى ئەمىسە غوجام قۇمغا مۇناسىۋەتلىك بىر قسىم رەسىملەرنى يوللاپ قويدۇم كۆرۇپ بېقىڭىزلار
|