- تىزىملاتقان
- 2013-4-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1272
- نادىر
- 0
- يازما
- 114
ئۆسۈش
  27.2%
|
بىز ئامىركىنىڭ ئاۋياماتكىسىدىن ياكى ياپوننىڭ سامورايلىرىدىن قورقمايمىز. بەلكى دەل مۇشۇنداق ئىچكى قىسىمدا زىدىيەت ئۇلغايتىش ئارقىلىق سوتسىيالىزىمنىڭ نېنى يەپ كاپىتالىزىمنىڭ كەتمىنى چېپىۋاتقان خائىنلاردىن قورقىمىز.
مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىسلاھات ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى باشلىدى. پۇقرا بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش خىزمىتى يولغا قويۇلدى. خەلق تۇرمۇشى ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلدى.
ئۇنۇتما، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەڭ مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بەلكىم سەن "پىرەنىك يەيدىغان مايمۇن" دىگەن تەمسىلنى ئوقۇمىغان بولىشىڭ مۇمكىن.بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ھەممە ئادەمنى دىبو قىلىش ئەمەس.
ياكى چاچلىرىنى كېسىپ، ساقاللىرىنى قىرىش ئەمەس.بەلكى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.بىز ئۇزۇن تارىخقا، مۇكەممەل مەدەنىيەتكە ۋە مۇستەھكەم دىنىي ئېتىقاتقا ئىگە مىللەتلەربىز.تارىختا بۇ قىياپىتىمىزنى مىليونلىغان قوشۇنمۇ ئۆزگەرتەلمىگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن دەريادەك ئاققان قانلىرىمىز بىلەن بەدەل تۆلىگەن.شۇڭا ئۈنۈمسىز قىلىقنى ئاز قىلىپ يەرلىك بىلەن مەركەز ئوتتۇرىسىدا ئارازلىق پەيدا قىلمايلى.دۈشمەنگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەيلى.ھەممىمىز بۇ زىمىندىكى ھەر-بىر مىللەتنىڭ ، ھەر-بىر ئادەمنىڭ بىر قېيىقتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايلى......
پۇغانىم ئۆرلەپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى قېرىندىشىم.....
ئويلاپ يەتكەن، ئەمما قانداق ئىپادە قىلىشىنى بىلەلمىگەن مەندەك بىر پۇقرانىڭ،ياق، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئەينەن يېزىپسىز!....ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي.... |
|