- تىزىملاتقان
- 2013-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2872
- نادىر
- 0
- يازما
- 187
ئۆسۈش
  29.07%
|
ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەسىنىڭ مەزمۇنىدا غەرب ئەركىنلىك قارىشى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ھەتتا نىكاھلىق ئەر-ئايالنىڭ نىكاھنىڭ سىرتىدىكىلەرگە بولغان ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىرادىسىنى شاۋقۇنغا ئوخشاتقانلىقى تۇلىمۇ كۈلكىلىك،ئەگەر ھەرقانداق ئادەم ئۆزى خالىغاننى قىلىپ ھاۋايى ھەۋەسنى تىزگىنلەشنى بىلمىسە بۇ جاھان بۇلۇپمۇ پۇتىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي چوڭ كەشكە ئېسىلىۋاتقان مۇشۇنداق جەمئىيەت بىزگە قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كىلىدۇ.بىزگە ھازىر لازىم بۇلىۋاتقىنى ئەلى مۇئەللىم دىگەندەك چەكسىز ئەركىنلىككە ئىگە مۇستەقىل قېلىپى يوق غايىۋى دۇنيا ئەمەس بەلكى مۇكەممەل مۇستەھكەم قېلىپتىن ياسالغان باشقا غەيرى نەرسىلەر ئاسانلىقچە سۇقۇنۇپ كىرىۋالالمايدىغان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەبەدى مەڭگۈساقلاپ مۇستەھكەم تۇرالايدىغان ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىرجەمىيەتكە مۇھتاج!مۇنداقچە دىگەندە ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئىددىيسى غەربنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆز كونتوروللىقىنى يۇقاتقان ئازغۇن ئىددىيە دەپ چۈشەنسەكمۇبۇلىدۇ.مەن لىكسىيەنى ئاڭلىغان مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇسسۇزلۇققا تەشنا قەلىبلەرنى شەبنەم تامچىسىدەك بولسىمۇئۇزۇقلاندۇرۇپ مەۋجۇتلۇققايىڭى ئۈمىد ئاتاقىلغان تىل ۋەپاساھەتتەئەقىدە ۋەئىتىقاددا تەڭ يىتىشكەن ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش زىيالىلىرىمىزنىڭ لىكسىيەلىرىنى شۇنداق سېغىندىم. |
|