- تىزىملاتقان
- 2013-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2217
- نادىر
- 0
- يازما
- 28
ئۆسۈش
  7.23%
|
بىز كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنى بىلمىگەچكە،ئۆگەنمىگەچكە ئۆز تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى بىلمىدۇق،ئەجدادلىرىمىزنى تۇنىمىدۇق.نەتىجىدە مىللى كىملىكىمىزدىن يىراقلاپ قالدۇق.يالتىراپ تۇرغان تارىخىمىزنى توپا باسقاچقا بۈگۈن روھىيىتىمىز چاڭ-تۇزاڭ ئىچىدە قالدى.كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنى بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات دىسەك يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى غەيرى-رەسمى تارىخ دىيىشكە بولىدۇ.كىشىلەر ‹ناۋبەيجىننىڭ ئىچىدە كېسەك ئالتۇن بار›دەپ توۋلىسا،مېنىڭ ‹كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىچىدە كېسەك ئالتۇن بار› دەپ توۋلىغۇم كېلىدۇ.ناۋبەيجىننىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى بىلمەيمەن،ئەمما كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىچىدە كېسەك ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسە بار.بۇ نەرسە دەل-دۇنياغا مەدەنىيەت ئۆگەتكەن ۋە تارقاتقان،قانداق ياشاشنى بىلگەن ۋە باشقىلارغا بىلدۈرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى ۋە يىمىرىلمەس روھىدۇر.كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلگەن كۈنىمىز ئېھتىمال دەۋرىمىزدىمۇ پارابى،مەھمۇد قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ...تەك ئالەمشۇمۇل پىشىۋالىرىمىز چىقىشى مۈمكىن........ |
|