- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1945
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
  94.5%
|
بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئىنىقلا مەملىكەت ئىچى ۋە ئەرەپ دۇنياسىدىن كەلگەن مەنبەگە تايىنىلغانلىقى ئوچۇقلا چىقىپ تۇرىدۇ.شۇنداق بولغانكەن ئىغىر دەرىجىدە بىتەتەپلىمىلىك مەۋجۇد. مەسلەن ھازىرقى تىلۋىزۇر ۋە گىزىت خەۋىرى شۇنداقلا بىسىشقا يول قويۇلغان كىتابلارغا قاراپلا غەرىپنى ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل ئەخلاق سىستىمىسىنى چۈشىنەلمەيسىز. سىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە چۇڭقۇر ھۆرمەتلەيدىغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىز ئويلىغاندەك مۇكەممەل ھەم ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرەلمەيسىز.ئۇيغۇرلارنىڭ مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بارلىق مۇسۇلمان خەلىقلىرىگە سىلىشتۇرغاندا ئىنسانىلىقى ۋە ئەخلاقىنى ئاسانلا كۆرۈپ چىقالايسىز،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى ئەخلاقى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ بىر-بىرىگە قۇيۇق ئارلىشىپ كەتكەنلىكىدىن كىيىن چىققان مۇكەممەللىك دىيىشكە ھەققىم بار.ھازىر يۇرتىمىزدا چەكلىك مەنبەگە تايىنىپ ئۆز -ئۆزىنى باشقىلارغا سىلىشتۇرۇپ ئۆزىنى ئىنكار قىلىش خائىشى بار.ئەلۋەتتە باشقىلار شۇنداق بولۇشنى ئويلايدۇ.دىمەكچى بولغىنىم شۇكى ئىسلام دىنى ھەق دىن ئىسلامدىن چەتنىمەيمىز.لىكىن ئىسلام ئۈممىتىگە يەنى ئەرەپ ۋە پاكىستانلىقلارغا ئەگەشسەك نامدا مۇسۇلمان ئەمەلىيەتتە باشقا بىرنىمە بولۇپ قالىمىز.ھازىرقى بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئىسلامنى ئەڭ ياخشى ئىلىپ كىتىۋاتقانلار ،ئۆز قىرىندىشىمىز تۈركىيە. تۈركىيە بارغانچە زامانىۋىلىق بىلەن دىن ئوتتۇرسىدىكى تارىختىن بۇيان ئۇزىراپ كەتكەن مۇساپىنى ئىسلام ئەقىدىسىدىن چەتنىمەي يىقىنلاشتۇرۋاتقان بىردىن بىر دۆلەت. تۈرۈك مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئۆزئارا تۇققان مەدىنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن مەنچە بىز ئۇيغۇرلار بەكرەك تۈرۈكلەرنىڭ ئىسلامغا بولغان پوزىتسىيەنى بەكرەك تەتقىق قىلساق، ۋە ئۆزىمىزگە سىڭدۈرسەك ھەقىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولۇپ چىقىمىز.جانابى ئاللاھ بىزنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قىلىپ ياراتتى .ئەرەپ ياكى خەن ئەمەس.مۇشۇ ھىكىمەتنى ئىزدەش ۋە تەتقىق قىلىش ھەممىمىزنىڭ بورچى. |
|