قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 817|ئىنكاس: 0

سېمىز ئەرلەر ئاسان قېرىپ كېتىدىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 14:19:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]ئامېرىكا ماسسا – چۇستىس شىتاتى يېڭى ئېنگلاند تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئەرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئۇرۇقداننىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولغان توماس ماۋۇلارنى بىلدۈردى: ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇقداننىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بارا – بارا تۆۋەنلەيدۇ، بۇمۇ ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاسانلا قەنت كېسىلى، سۆڭەك ماددىسى بوشىشىش كېسىلى، مۇسكۇللار بوشىشىش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ئەرلەرنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. تەتقىقاتچىلار 40 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 1667 نەپەر ئەر پىدائىينى 15 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلغان. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان، جۆرىسى ئۆلۈپ كەتكەن، داۋاملىق دورا ئىچىپ تۇرغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا زور مىقداردا تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش دەرىجىسى ئۇلاردىن 10 ياش چوڭ كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن تەڭ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىتقاندا، تەتقىقاتقا قاتناشقان ئەرلەرنىڭ ھەر ئون يىل ئۆتكەندە ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى %14.5 تۆۋەنلەيدىكەن، تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە تەن سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى بولغان، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگەرمىگەن ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %10.5 ئەرتاپىدا بولغان. توماسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەتقىقاتتىن ئەگەر ئەرلەر ئۇرۇقدىنىنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى ئازايتماقچى بولسا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈشى، بولۇپمۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )