- تىزىملاتقان
- 2013-10-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2365
- نادىر
- 0
- يازما
- 64
ئۆسۈش
  12.17%
|
پۈتۈن ئالەمنى ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان،ئالەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چوڭلىقىنى بىر ئاللاھدىن بۆلەك ھېچكىم بىلمەيدۇ .پۈتۈن كائىناتنى ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان ئاللاھ كائىناتنىڭ چوڭلىقىغاتەخمىنەن سېلىشتۇرغاندا تۇخۇمنىڭ چوڭلىقىچىلىك كەلمەيدىغان مۇشۇ يەرشارى ئۈچۈنلام يارىتىپ بەرگەنمىدۇ؟.ئالەمدىكى باشقا پلانىتلارنى \اللاھ قىلىدىغان ئىشى يوق بىكاردىن -بىكار يارىتىپ قويغانمىدۇ.ئۇيەرلەردە يەنە ئاللاھنىڭ بىزگە ئوخشاش بەندىلىرى يوقمىدۇ؟.ئۇلۇق ئاللائادەمنى ئاجايىپ ئەقىللىق ياراتقان،دۇنيادىكى ھەرقانداق ئەقىلي ئىقتىدارغائىگە نەرسىنڭ ئەقلى ئادەم مىڭىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تەڭلىشەلمەيدۇ.(يەتمەيدۇ).ئاللاھ ئىنسانلارغا بۇنداق كاتتا ئەقىلنى نىمە ئۈچۈن بەرگەن؟.بىر-بىرىنىڭ كۆتىنى كولاش،كىشىلەرنى نادانلىقتا قالدۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن بەرگەنما.بۇئەقىلنى ئاللاھ ياراتقان كائىناتنى كۆرۈش،بىلىش،ئۇنۇڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولمامدا.بەزىلەر كائىناتنىڭ سىرلىرى ئېچىلىپ كەتسە ئاللاھ نىڭ ئابرۇيى چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ قورقامدىغاندۇ-يە.مەنچە ئۇنداق ئەمەس.ئىنسانلار كائىناتنى قانچە كۆپ بىلسە ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىگەبولغان چۈشەنچىسى ئېشىپ،ئاللاھ قا بولغان ئېتىقاتى شۇنچە كۈچۈيۈدۇ.ئاتا-بوۋىلىرىمىز سوپىلىق دەۋرىدىن بېرى ئەقلىنى ئىشلىتىشنى بىلمەي،ساپاندا يەر ئاغدۇرۇپ،قولدا ئۇرۇق چېچىپ، ئوغاقتا ئورۇپ،سۇ تۈگمىنىدە ئۇن تارتىپ يەپ ئۆتەپتىكەن.ھازىرقى زاماندىمۇ بىز ئازراق تەرەققىيات يولىغاماڭغان ئادەمنى كاپىردەپ پەتىۋا چىقىرىپ ئۆتەمدۇق.ئۆزىنىڭ زىيالىلىرى ئۆزيۇرتىغا،ئۆزمىللىتىگە تۈزۇك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان بىرمىللەت،باشقىلارنىڭ 6يېرىم ياشلىق بالىسى ئۆزئىستىقبالىغا،دۆلىتىنىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنىنى كۆرگىنىمىزدە،بىز ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇشىمىز،ئۇلارنى قوللىشىمىز ئۇلاردىن ئۈگۈنىشىمىز لازىم ئەمەسمۇ.ئۆزى قىلالمىغاننى باشقىلارقىلسا ئۇنۇڭغائېگىز-پەس«پەتىۋا»لارنى چىقىرىپ،ئۇنى ھارامغا چىقىرىۋاتقانلارنى نادان دەيمىزمۇ،دۆت دەيمىزمۇ ياكى ئىچى يامان كۆرەلمەسلەر دەيمىزمۇ؟. |
|