كوللىكتىپقا تەۋە يەرگە بېرىلگەن تۆلەم ئەھۋالى كوللىكتىپقا ئاشكارلىنىشى كېرەك
باشقۇرغۇچىلاردىن ئەسكەرتىش : تېما ئىككىگە بۆلۈپ يوللانغان بولۇپ ، تورداشلارنىڭ پىكرىنىڭ چېچىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈپ قويدۇق ،چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز .
قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ئۆمىكىگە: كەنىتتىن ھۆددىگەئالغان يەر ۋە كەنىتكە تەۋە بىر قىسىم يەرلەر بۇلتۇر دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ئېلىنىپ،يەر تۆلەم ھەققى كەنىتنىڭ بىر تۇتاش كىرىم چىقىم قىلىشى ئۈچۈن ئاجىرتىلغانىدى.كەنىت كومىتىتىغا تۆلەم ھەققىنىڭ كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى ئاشكارلىشى توغۇرسىدا تەكلىپ بەرسەك بولامدۇ؟مەسلەھەت بېرىلسە.
مەلۇم ناھىيەدىن كوللىكتىپ
ياخشىمۇسىلەر ،يەر تۆلەم ھەققىنى كىرىم چىقىم قىلىش دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە بىۋاستە تەسىر كۆسىتىدۇ.بەزى ھەقلەرنى كەنىت كومىتىتىي.ياكى كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات بىر تۇتاش كىرىم-چىقىم قىلىدۇ،لېكىن يېزا يېرى دېھقانلارنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.كەنىت كومىتىتى ياكى كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەىشكىلاتى دېھقانلارنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ،شۇڭا دېھقانلار ئېلىپ ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ تۆلەم ھەققىنىڭ كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقاھوقۇقلۇق.يەرباشقۇرۇش قانۇنىمۇ :يېرى ئېلىنغان يېزا كوللىكتىپ تەشكىلاتى ئېلىنغانيەر تۆلەم ھەققىنىڭ كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى شۇ كوللىكتىپ تەشكىلات ئەزالىرىغائېلان قىلىشى،ئۇلارنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك ،دەپ بەلگىلەنگەن .يەر ئېلىپ ئىشلىتىش ئېلانى بېرىش چارىسىنىڭ 12-ماددىسىدا :ئالاقىدار شەھەرلىك،ناھىيەلىك خەلىق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر مەمۇرىي مەسئۇل خادىمىي ئېلىپ ئىشلىتىدىغان يەرگە تۆلەم بېرىش ،ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىنى يېرى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن يېزا كوللىكتىپ تەشكىلاتىغائاجرىتىپ بەرگەندىن كېيىن ،شۇ يېزا كوللىكتىپ تەشكىلاتىدىن مۇئەييەن سۈرۈك ئىچىدە چىقىم قىلىش تىزىملىكى ئېلىشقا ھوقوقلۇق .شەھەرلىك ناھىيەلىك خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يەرمەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار يېزا كوللىكتىپ تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا ئېلان قىلىپ ،يېرى ئېلىنغان يېزا كوللىكتىپ تەشكىلاتى، كەنىت ئاھالىلىرى ۋە باشقاھوقوقدارلارنىڭ سۈرۈشتۈرىشى ۋە نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى نازارەت قىلىشقا ھوقوقلۇق ،دەپ بەلگىلەنگەن . دېمەك كوللىكتىپقا تەۋە يەر ئېلىنىپ تۆلەم بېرىلگەن بولسا ،سىلەر كەنىت كومىتىتىغا تۆلەم ھەققىنىڭ كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى ئاشكارلاش توغۇرسىدا تەكلىپ پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ.
قانۇن مەسلەھەتچىلىرى ئۆمىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئوغۇرلۇقچە ھەيدەپ ھادىسە پەيدا قىلسا ،مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟
(قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ئۆمىكى)
بۇلتۇر 21-ئۆكتەبىر ئىككى چاقلىق موتوسىكىلتىمنى ھەيدەپ ناھىيە بازىرىغا كىرىۋاتقانىدىم ،تۇيۇقسىز بىر بالا ئىككى چاقلىق موتوسكلىتىنى تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ كەينىمدىن كېلىپ مېنى سوقۇۋەتتى ،نەتىجىدە پۇتۇم يارىلاندى،دوختۇرخانىدا 10مىڭ يۈەنلىك داۋالاندىم ،مېنى سوقۇۋەتكەن بالىنىڭ ئىسمى غەيرەت بولۇپ ،ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن ئىكەن .ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ موتوسكلىتنى ئوغۇرلۇقچە ھەيدەپ چىقىپتىكەن ،قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بارلىق مەسئۇلىيەتنى بۇ بالىغا ئارتىپتۇ .كېيىن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بېرىپ داۋالىنىش پۇلىنى تەلەپ قىلسام،ئۇلار رەت قىلدى.ئۇنداقتا داۋالىنىش چىقىمىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟مەسلەھەت بېرىلسە. بۈگۈردىنئاۋۇت ئاۋۇت ئەپەندى ھوقوققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇننىڭ 32- ماددىسىدا:ھەق تەلەپ ھەرىكەت5 ئىقتىدارى يوقلار ،ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلار باشقىلارغا زىيان سالسا،ھوقوققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى ۋەسىيىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.ۋەسىيلەردىن ۋەسىيلىك جاۋاپكارلىقىنى ئادا قىلغانلىرىنىڭ ھوقوققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ ،دەپ؛49-ماددىسىدا ،ئىجارەئارىيەتكە ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا موتورلۇق قاتناش ئىگىسى بىلەن ئۇنى ئىشلەتكۈچى بىر ئادەم بولماي قالغاندا ،قاتناش ھادىسسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جاۋاپكارلىق شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىگە ئارتىلسا،سۇغۇرتا شېركىتى موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋاپكارلىق سوممىسى بويىچە پۇل تۆلەيدۇ،يەتتمىگەن قىسمى ئۈچۈن موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؛موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئىگىللىرىنىڭ زىياننىڭ پىيىدا بولۇشىدا خاتالىق بارلىرى شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگەئالىدۇ ،دەپ بەلگىلەنگەن . بۇ دېلودا تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن غەيرەت موتوسكلىتنى ئوغۇرلۇقچە ھەيدەپ سىزنى سوقۇپ يارلاندۇرغان ،غەيرەتنىڭ ئاتا-ئانىسى موتوسكلىتنىڭ ئاچقۇچىنى ياخشى باشقۇرماي ،ۋەسىيلىك مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىغان شۇڭا غەيرەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ھادىسىدىكى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى غەيرەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەگەر موتو موتوسكلىت موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا ئېلىنغان بولسا،سۇغۇرتا شېركىتى تۆلەم دائىرىسى بويىچەجاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ،يەتمىگەن قىسمىنى غەيرىتنىڭ ئاتا –ئانىسى ئۆزئۈستىگە ئالىدۇ .موتوسكلىت سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغان بولسا ،سىز بىۋاستەغەيرەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن خەلىق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنسىڭىزبولىدۇ.
مەنبە: «قانۇنچىلى گېزىتى»
|