- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3452
- نادىر
- 0
- يازما
- 249
ئۆسۈش
  48.4%
|
پاھىشەگە
ئىشرەتنىڭ بازارىدا تەننى پۇلغا ساتقانسەن،
شەيتاننى يار تۇتقانسەن، لەنەتلەرگە پاتقانسەن،
مىجەزىڭ ھەم شەيتاندۇر، شەيتان بىلەن ياتقانسەن،
سەن ئايالمۇ ئېيتقىنچۇ، پاھىشەسەن پاھىشە.
ھالاللىقنى سۈپۈرۈپ ھارام لوقما يەۋەردىڭ
بەدبۇي تۆشەكتە نازىڭ، ھارام پۇل يىغىۋەردىڭ،
ھەق ئىگەڭنى تەرك ئەتتىڭ، شەيتاننى تۇتۇۋەردىڭ،
ئېيتقىنا سەن ئايالمۇ، پاھىشەسەن پاھىشە.
مۆمىنلەر باقماس ساڭا، ئىشرەتخورغا ياققانسەن،
ئىماندىن يۈز ئۆرۈدۈڭ، ھاراملارغا باققانسەن،
پاك ئانا بولالمايسەن، ھارامغا ئاشىناسەن،
ئۆز نامىڭنى ئۇنۇتما، پاھىشەسەن پاھىشە.
ھارام، ھالال، زىنا نە، ھېچھەم بۇنى بىلمەيسەن،
زىنا گۇناھ بىلىسەن، ئەمما ئامال قىلمايسەن،
ئۆمرۈڭ ھارام ئۆتكۈزۈپ، زىنا قىلىپ تىنمايسەن،
كىم سەن ئېيتقىن ئەي چىشى، پاھىشەسەن پاھىشە.
سەندەكلەر ئۆز تېنىنى ھايۋانلارغا ساتىدۇ،
تۈندە يېرىم يالىڭاچ، ھايۋان سېنى كۈتىدۇ،
يېقىن قالدى قىيامەت، دوزاخ سېنى يۇتىدۇ،
سەن ئىنسانمۇ ئېيتقىنا، پاھىشەسەن پاھىشە.
ياشلىقىڭ بازارىڭدۇر ، بىر كۈن قېرىپ قالىسەن،
چىرايىڭ باقىي ئەمەس، ھامان بىر كۈن سولىسەن،
ئۇنۇتما ئۆمرۈڭ قىسقا، بىر كۈن جەزمەن ئۆلىسەن،
دوزاخنى ياد ئەتمەيسەن، پاھىشەسەن پاھىشە.
رەڭدار تۆشەك ئىچىدە زىنادىن پۇل ئىشلەيسەن،
ھارامغۇ ھەتتا نېنىڭ، ئىشتىھادا چىشلەيسەن،
ھالال يۈرگەن قىزلارنى ھارام يولغا باشلايسەن،
زىنانى ھۈنەر قىلدىڭ، پاھىشەسەن پاھىشە.
|
|