- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4494
- نادىر
- 10
- يازما
- 141
ئۆسۈش
83.13%
|
بىرىنچى،تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش:"
مەيلى بازارلىق ھۆكۈمەت بولسۇن ياكى ناھيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بولسۇن تېرىلغۇ يەرنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشتە دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسى قانۇنى»ھەم« يەر باشقۇرۇش قانۇنى »دىكى يەرنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى بەلگىلمە بۇيچە سىز ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش كېرەك.ئادەتتە ،تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ناھايىتى قاتتىق ئوتكەل بۇلۇپ ،يەرنىڭ كۈلىمىگە ئاساسەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى گۇۋۇيۇەن تەستىقلايدۇ.تەستىقلاش رەسمىيتى بېجىرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سىزنىڭ تېرىلغۇ يىرىڭىزنىڭ ئىشلىتىش خاراكتېرى ئۆزگەرتىلگەن بولسا ،بۇنىڭغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللىنىدۇ.شۇڭلاشقا سىز ئالدى بىلەن يۇقارقى تەستىقلاش رەسمىيتىنىڭ بېجىرىلگەن -بېجىرىلمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ بېقىڭ.
ئىككىنچى،يەرنى ھەقلىق ئېلىپ ئىشلىتىش:! [4 `- l# t: r l
2004-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ « ئاساسىي قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندە ئېنىق قىلىپ «دۆلەت جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يەرنى ئالسا ياكى ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە تولۇقلىما بېرىدۇ»-،دەپ بەلگىلەندى.ئاساسى قانۇندا دىيىلگەن يەر ھەر خىل خاراكتېردىكى يەرنى كۆرسىتىدۇ.سىزنىڭ 30يىللىق مۇددەت بىلەن ھۆددىگە ئالغان يىرىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
ئۈچىنچى،ئېلىنغان يەرگە تۆلەم بىرىش:
دۆلىتىمىزنىڭ «يەر باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 47 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:
«ئېلىنغان يەرگە شۇ يەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ.
ئېلىنغان تېرىلغۇ يەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم ھەققى يەر تۆلەم پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ھەمدە يەر ئۈستىدىكى نەرسىلەر ۋە مايسىلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىنغان تېرىلغۇ يەر تۆلەم پۇلى شۇ تېرىلغۇ يەر ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. ئېلىنغان تېرىلغۇ يەر ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا نوپۇس سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك يېزا نوپۇس سانى ئېلىنغان تېرىلغۇ يەر سانىنى يېرى ئېلىنغان ئورۇننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر سانىغا بۆلۈش بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ھەر بىر يېزا نوپۇسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمى شۇ تېرىلغۇ يەر ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئالتە ھەسسىسىگىچە بولىدۇ. لېكىن، ئېلىپ ئىشلىتىلگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ ھەر گېكتارىغا بېرىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئون بەش ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئېلىنغان باشقا يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلەيدۇ.
ئېلىنىدىغان يەر ئۈستىدىكى قوشۇمچە نەرسە ۋە مايسىغا تۆلەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەرىپىدىن بەلگىلەيدۇ.%
ئېلىنغان شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى كۆكتات يېرىگە يەر ئىشلىتىدىغان ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يېڭى كۆكتات يېرى ئېچىش قۇرۇلۇش فوندى تاپشۇرىدۇ.
بۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەر تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بەرگەندە، ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان دېھقانلار ئەسلىدىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ساقلاپ قالالمىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. لېكىن، يەر تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ يىغىندىسى يەر ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىلنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 30 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.-
گوۋۇيۈەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئېلىنىدىغان تېرىلغۇ يەر تۆلەم پۇلى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ |
|