قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 923|ئىنكاس: 2

«قىرىق بىر يۈرەك»تىن ھېس قىلغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27304
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 02:26:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«قىرىق  بىر  يۈرەك»تىن   ھېس  قىلغانلىرىم



      ھەرقېتىم  چارچاپ   ياكى   تىل   ئىشلىتىش  تەسەۋۋۇر  قاتارلىق  جەھەتلەردە   ئۆزەمدە   چىكنىشنى   سەزگەن  ھامان  بىرەر  شائىرنىڭ   شېئىرنى   قۇلۇمغا  ئالمەن  -دە  ئۇنىڭدىن   ئۆزەممۇ   ئويلاپ   باقمىغان  تىل   ئىشلىتىشنىڭ  ئاجايىپ   پايانسىز  بوشلۇقنى  ۋە  تەسەۋۋۇر مۇمكىنچىلكىنى   سىزىمەن ھەم   باشقىچە   بىر  ئەدەبىي   دىتقا  ئىگە  بۇلۇپ   قالغاندەك   بولۇپ  روھلنىپ    قالمەن   .شېئىردىكى  بۇخىل   كۈچنى   مەنچە   ئەدەبىيەتنىڭ   باشقا  ژانىرلىرىدىن   تاپقىلى  بولمىسا   كېرەك  .
     ئەمما  يېقىندىن  بۇيان   ئۇيغۇر  شېئىرىيتىدە   بارلىققا  كەلگەن  بوغۇم  ياكى  ئارۇز  قائىدىللىرىگە  چۈشۈرۈلۈپ

يېزىلغان  شېئىرلار  ماڭا  بىرخىل  پۇت   قولى  بوغۇشلانغاندەك  ،نېمنىدۇر  دەپ   دېيىشنى   ئويلاپ   ئەمما  دېيەلمەي   قالغاندەك   بۇرۇقتۇرمىلىق   ھېس  قىلدۇرۇش  بىلەن   بىرگە  ،خۇددى   شەكلىگە  ئوخشاش  زورلاپ   بىر  رامكىغا  كىرگۈزۈلۈپ  قويۇلغاندەك  ،ئۇنىڭدىن   بوغوم   ،ۋەزىن   ،قاپيەدىن   باشقا   ھېچقانداق   بىر   شېئىر  ئۇقۇغاندا  بولدىغان   ھېسسي   كەيپىياتقا  باشلاپ كىرىدىغان   ئېلمىنىت   يوقتەك   ھېس  قىلاتتىم   .
بىراق ،يېقىندا  مۇئەللىمنىڭ   تۇنۇشتۇرشى   بىلەن  ۋاھىتجان   ئوسماننىڭ   "قىرىق  بىر يۈرەك "ناملىق   شېئىرلار  توپلىمنى   ئوقۇش  ئارقىلىق   ئادەتتە  مەن  "تۆت چاسا  شېئىر"دەپ   ئاتىۋالغان   بارماق   ۋەزىنلىك  ۋە   ئارۇز  ۋەزىنلىك   شېئىرلارغا  بولغان   قارىشىم   تامامەن   ئۆز گەردى  .
       ھەممىمىزگە   مەلۇمكى  ،بىر   شائىر    شېئىرنى   ئۆزى   ئۈچۈن   شۇنداقلا   خەلقى   ئۈچۈن   يازىدۇ   ،ئۇ   شېئىرنى   خەلقىگە    ياقسۇن   دەيدىكەن   چۇقۇم   زامانىۋىلىق   بىلەن   ئەنئەننىڭ   مۇناسىۋىتنى   ياخشى   ھەل   بەلگىلىك   دەرىجىدە  ساقلىيالىشى   زامانۋىلىشش  بورىنىغا  قارىغۇلاچە  ئەگشىپ   ئەسلىدىكى  ئۆزىدە   بار  بولغان   مەدەنىيەت   تەركىبلىرىنى  سەل   قارىماسلىق   كېرەك   .
ئەنە   شۇنداق   بولغاندىلا  شۇ   ئىجادىيەتچى  تەۋە   بولغان  خەلق   ئۇنى   ياخشى   ھەزىم   قىلالايدۇ   ھەم  شېئىردا  ئېلىپ   چىققان   مەزمۇن  ئىدىيە  بىلەن  ئۇقۇرمەن   ئوتتورىسىدا   ماسلىق   شەكللىندۇ  .ۋاھىتجان  ئاكا  بۇ   تەرەپنى   ناھايتى ياخشى   بىر  تەرەپ   قىلغان  بولۇپ   ئۇنىڭ    شېئىرلىرىدا   مەيلى   شەكىل   جەھەتتىكى  ئەنئەنىگە   ۋارىسلىق   قىلش   بولسۇن    ياكى   مەزمۇ ن  جەھەتتىكىى   ۋارىسلىق   بولسۇن   ناھايتى   ياخشى   ئورنىنى   تاپقان  ،مەسلەن   بىز  پەقەت   ئۇنىڭ   "ئۆزۈمدىكى  رەقىبلەر" ناملىق   شېئىرىدىكى   تۆۋەندىكى  تۆۋەندىكى    مىسراسىلا  بۇ   نوقتىنى   ناھايتى   ياخشى   تۇنۇپ   يىتەلەيمىز  :
ئەي   تىلىم
سېنى  ماڭا  ھامىي  بولار دەپ  ،
ئاسىرىغاندىم .
بىر  مىدىرلىدىڭ  بېشىم  يەتتى  ئاسمانغا ،
بىر مىدىرلىدىڭ  قەدەم   ئالدىم  زىندانغا .
       بىزدە "ئادەم   تىلنىڭ   ئاستىغا  يۇشۇرۇنغان  "دېگەن   ھېكمەتلك  سۆز   ناھايتى   كەڭ   ئۇمۇملاشقان ،مەيلى   شائىرلار  بولسۇن  ياكى   يازغۇچى   پەيلاسوپلار  بولسۇن  بۇ   توغرىدا  توختىماي قەلەم   تەۋرىتىپ   تىلنىڭ   قۇدرىتى  ،ئۇنى   جايدا ئىشلىتىش  توغرىسدا   تالاي   ئۈگۈتلەرنى   قىلىپ   كەلدى  .بۇ  خىل   ئىديەلەر   ۋاھىتجان   ئاكنىڭ شېئىرىدا    ئۆزتىلغا  خىتاب  قىلىش  شەكلىدە   ناھايتى   ياخشى   ئۆز  ئىپادىسنى   تاپقان   بۇلۇپ  ،بۇ  خىل  ئىدىيە  جەھەتتىن   ۋارىسلىقنى   كۆرسىتىپ   بېرىدىغان   مىسرالار   ئۇنىڭ   شېئىرىدا   قەدەمدە   بىر  ئۇچراپ   تۇرىدۇ   .
ئۇنىڭ   ئۈستىگە   بۇ پىكىرلەر   بەك   ئۇچۇق   ياكى   بەك   غۇۋا   ئەمەس   بۇلۇپ   ،ئۇقۇرمەن   قۇبۇل   قىلالىغىدەك   دائىرىدە  بولۇپ   ،شېئىرىي   ھېسيات  بىلەن   يۇغۇرۇلغان   مىسرالاردىن   ئاسانلا   ئايرىپ   چۈشنىۋالالايدۇ  .
شېئىردا  ئشلىتىلگەن  ئوبرازلار ئېنىق  بۇلۇپ  ،بىزنىڭ   تەسەۋۋۇر  قىلىش   دائىرىمىزدىن   ھالقىپ   كەتمىگەن     .شۇڭا  ئۇقغان   ئادەم   ھېچقانداق   غۇۋالىق   ھېس  قىلمايدۇ   ھەم   قەدىمكى   ئەجداتلىرمىز  باشقا  مىللەرتلەر  بىلەن   بولغان   مەدەنيەت   ئالاقسى   تەسىردە  سىڭىپ   كىرگەن   بىرقىسىم   بىز  ئىسمنى   تولا  ئاڭلىغان   ئەمما  ،كۆرۈپ   باقمىغان تەسەۋۋۇر  قىلىش  قىيىن   بولغان   "بۇلبۇل"،"سەرۋ"قاتارلىق   تەسەۋۋۇردا   غۇۋالىق  شەكىللەندۈردىغان   چەتتىن  كىرگەن   بىرقىسىم  شەيئىلەر  نامنى    ئوبراز ئورنىدا   قارىغۇلارچە   ئىشلەتمەي  ،بىزگە   تۇنۇش  بولغان  ،كۆزئالىمىزغا   كەلتۈرگىلى  بولدىغان   تۇنۇش  شەيئىلەرنى   ئوبراز  ئورنىدا   ئىشلەتكەن   .بۇلار   پىكىرنىڭ   يارقىنلىقنى   ئاشۇرۇپ   ،شېئىرنى تېخمۇ   ئېنىق   ھېس  قىلپ قۇبۇل   قىلشىمىزغا  ئاسانلىق   تۇغدۇرغان  .
.بەدئىي   سەنئەتلەر  رەڭگارەڭ ۋە   جايدا   قوللىنىلغان  
        بىزگە   مەلۇمكى  ،شېئىردا   شەكىل   بىلەن   مەزمۇننىڭ   مۇناسۋىتىنى   توغرا   بىر  تەرەپ   قىلىش  بەك   مۇھىم    ،ئەگەر  مەزمۇن   بەك   مول   بۇلۇپ   كېتىپ   ،شەكىل   جەھەتتىن يەنى  بەدئىي   ۋاستىلەر  يىتەرلىك   بولمىسا   ،  ئۇ   پەلسەپە   ئەسەرلىرىگە  ئوخشاپ  قېلىپ   ئۇقغان   كىشگە   ئىستىتىك   گۈزەللىك   ئاتا  قىلالمايدۇ  -دە ،ئۇقۇرمەننى   زېرىكتۈرۈپ  قويدۇ   .ئەگەر  بەدىئيلىككە  ئەھمىيەت   بېرىپ  ،  مەزمۇن   تاشلاپ   قۇيۇلسا   ياكى   ئىدىيۋىلىكى   جەھەتتىن   تۆۋەن  بولۇپ   قالسا   ئۇ   ئىچى   زىننەتلەنمىگەن   ھەيۋەت   قەسىردەك  تېشدىن   ئېسىل   كۆرۈنگەن   بىلەن   بىردەملىك   زوقلىنىشتىن   كېيىن   ئادەمدە   ھېچقانداق   ئەسلىمە  قالدۇرالمايدۇ   ،كىشگە   قۇرغاق  تۇيغۇ  بېرىدۇ   ھەم   مەنۋى   تەشنالقنى   قاندۇرالماي   ئاسانلا  ئەستىن   كۆتۈرلۇپ   كېتىدۇ  .   بىز   شائىرنىڭ   بۇ  توپلامنى   ئۇقغاندا   ئۇنىڭدىكى   باشقا   شائىرلارغا ئوخشىمايدىغان   بىر  خىل   ئۆزگىچلىكنى    ھېس  قىلمىز   يەنى   ئۇنىڭ    ئىستىلىتىكىلىك    ۋاستىلەردىن   يەنى   بەدئىي   ۋاستىلەردىن(مۇبالغە ،ئوخشىتىش ....)  تولمۇ   ئەپچىللىك   بىلەن   پايدىلانغانلىقنى   ھېس  قىلىپ  يېتمىز   . ئۇندىن   باشقا   شېئىردا   يەنە   رادىف،باش  قاپيە( Alliteration )  قاتارلىقلار  قوللىنىش  بىلەن   بىرگە   ،"بەختىيارلىق"قاتارلىق   شېئىرلىردا   خېلى   مول   بولغان   قاپيە  سەنئەتلىرمۇ   كۆزىمىزگە   چېلقىدۇ  ،بىز  بۇنىڭدىن  شائىرنىڭ  بەدىئىي   سەنئەتلەر   توغرىسىدىكى  بىلمىنىڭ   خېلى   يۇقرى  ئىكەنلىكنى   كۆرۈپ   يىتىش  بىلەن   بىرگە ،شەكىل   جەھەتتىكى   ۋارىسلقنى   ھېس  قىلىپ   يىتەلەيمىز  .بۇخىل   سەنئەتلەردىن   پايدىلنىشتا  ئاپتۇر  زورلاپ   قىستۇرۇپ   ئىدىيۋىلىككە  تەسىر  يەتكۈزۈشتىن   ساقلانغان   بۇلۇپ   ،ئوقوغان   كىشگە   بىرخىل   تەبىئىيلىك   تۇيغۇسى   بېرىش  بىلەن  بىرگە  ،پات-پات ئۇچرايدىغان   بۇ  خىل   كۈچلۈك   رېتىمدارلىق   ھېسياتىمىزدا   بىرخىل  داۋالغۇش   ،سەكرەتمە   ھاسىل   قىلىپ   بىزنى   زېرىكىش  ،باشتىن   ئاخىر  بىرخلدەك   ھېس  قىلىپ   قېلىش ھېسياتىدىن   قۇتۇلىشمىزغىمۇ   زور   رول   ئوينىغان   .
       ئۇنىڭدىن   بۆلەك  ،شائىرنىڭ  شېئىرلىرى   ھەجىمنىڭ   كىچىكلىكى  بىلەن   ئالاھىدە   دىققىتىمىزنى   تارتىدۇ   ،توپلامدىكى  شېئىرلار  ئاساسەن  4-5كۇبلىتلەردىن   تۈزۈلگەن   ھەم   بۇغۇم  سانمۇ   بەك   كۆپ   ئەمەس  بۇلۇپ   ،مەنچە   شائىر  شېئىرلىرنى   ئۇنچە   زورقۇپ   ھېسيات   كەلمىسمۇ   كۈچەپ   يازىدىغان  ئىشلاردىن  ئامالنىڭ   بارىچە   ساقلىنىپ   ،شېئىرنىڭ   كۇبلىتىلىرى   ئارىسدىكى  تەبئىيلكنى   ساقلاپ  ،مەزمۇن   جەھەتتىن   بۆلنىپ   كېتىش  ئىزچىللىق   بولماسلقتىن   قۇتۇلغان  .ھەم   ئۇقۇرمەننىڭمۇ   پىكىرنىڭ   بۆلنىپ   كېتىشنىڭ   ،زېرىكىپ   قېلىشنىڭ   مەلۇم   دەرىجىدە   ئالدىنى   ئالغان  .
       ھالبۇكى  ،بىر  شېئىرنىڭ   ياخشى   شېئىردەپ   ئېتراپ   قىلنىپ   ئەۋلاتتىن   -ئەۋلاتقا  يادلنىپ    تۇرىشى   ھەرگىزمۇ   ئۇنىڭ   ئۇزۇن  -قىسقىلقى   -ياكى   غۇۋالىقى   بىلەن   بەلگىلەنمەيدۇ  ،تارىختا  نۇرغۇنلىغان   داستانلار   ،جەڭنامە   ،قەسىدىلەر  ئۇنتۇلۇپ   كەتكەن   ،ئەمما  ،  بىر  كۇبلىت   شېئىرنىڭ  ئەسىردىن   ئەسىرگە   ئۇلىشىپ   ،قىممىتنى   يۇقاتماي    ،شۇ   دەۋىردىكى   ئوخشىمغان   كىشلەر  بىلەن   ئوخشىمىغان  تەم ،  ئاۋازدا پىچىرلىشىپ   ،شۇ  ئىجادكارنىڭ   نامنى   ئەۋلارتلارنىڭ   ئېسگە   سېلىپ   تۇرغان   ئەھۋاللار  كۆپ   ئۇچرايدۇ   .
بۇ   شۇنى   چۈشەندۈردۇكى   ،مەسلە   ھەرگىزمۇ   قانچىلىك    يېزىشتا  ئەمەس  ،بەلكى  ،نېمنى   قانداق   يېزىشتىدۇر.
مەنچە   ۋاھىتجان   ئاكا   بۇنى     بىلىپ   يەتكەن   ساناقلىق   شائىرلىرىمىزنىڭ   بىرسى   .  ۋاھىتجان   ئاكا  بۇ  يىل   51ياشقا  كىرىپتۇ   ،  50  ياشتىن   ئاشقان   ۋاقىت   بىر  ئادەمنىڭ   ئەڭ   ئەقىلگە   توشقان   ،ھاياتنى   ئەقلىي   رەۋىشتە  تۇرۇپ  خۇلاسلەپ   ،پەلسەپىۋى   يەكۈن   چىقىرىدىغان   دەۋىرى  .ئۇنىڭ   شېئىرلىدىن   ئايانكى   ،ئۇ بۇندىن   كېينىكى  ھاياتدا   ئۆتمۈشىدىن   يىغقان   تەپەككۈر  تەرمەچلىرىنى   پەلسەپە   ئارغامچىللىرىغا   باغلاپ    ،شېئىريەتنىڭ   بەدئىي   لىباسلىرى   بىلەن بىېزەپ  ،ئەدەبىيات  داستىخىنمىزغا   تاشلاپ ،شېئىرىيتىمىزدىكى   پىكىر  جەھەتتىن   تىرەن   بولماسلىق   ،بەدئىي  جەھەتتىن  رەڭدار   بولماسلىق ،ئەنئەنە   بىلەن   زامانۋىلىق   مۇناسىۋىتىدە    نىشان  ئايدىڭ   بولماسلىقتەك   مەسلىلەرنىڭ    ئازلىشغا   ئۆزنىڭ   بىركىشلىك    تۆھپىسنى   قوشسا   ئەجەب   ئەمەس  .   
  

   

0

تېما

0

دوست

165

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27226
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 19:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ بەدىيئىي ئىجادىيىتى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي. تېخىمۇ ئىسىل شېئىرلارنى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى داستىخىنىغا تاشلىشىغا تىلەكداشمەن.
تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈر...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

716

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25341
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 23:14:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىردىن يەنىمۇ ئېسىل  شىئىرلارنى  كۈتىمىز. چىڭقاپ يېزىشتىن پۈتۈلگەن شىئىرلار ھامان پەرقلىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )