- تىزىملاتقان
- 2014-3-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 411
- نادىر
- 1
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  55.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا samuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-22 18:10
جاننى قانداق باقىمىز ؟
سامۇك يوللانمىسى
بىر قەلەندەر ۋە بىر باي بىر مەھەللىدە تۇرىدىكەن . باي بولسا يىمەك-ئىچمەك ، كىيىم-كىچەك ،تۇرالغۇدىن غەم قىلمايدىكەن . بىراق ئۇنىڭ كۈنلىرى تىجارەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ،ئۆيىدە ئەنچە كۆپ تۇرالمايدىكەن . قەلەندەر بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە ئەبجەق كەپىسىنىڭ ئالدىغا كۆرپىسىنى سېلىپ كۈن بويى ئۇخلايدىكەن . باي قەلەندەرنىڭ بۇخىل تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپ ،شۇنىڭدەك بىر قېتىم بولسىمۇ قېنىپ ئۇخلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن . قەلەندەرمۇ باينىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدىكەن . بىر كۈنى ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ، قەلەندەر باينىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ، باي قەلەندەردەك كۈن ئۆتكۈزىدىغان بوپتۇ . شۇنىڭ بىلەن باي پالاسقا يۆگىنىپ بىر مەزگىل قانغۇدەك ئۇخلاپتۇ .قەلەندەر بولسا جېنىنىڭ بارىچە ئىشلەپتۇ .
ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپتۇ . قەلەندەر ئىشلەپ زېرىكىپتۇ-دە ، يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە ئۆزىنى ئاپتاپقا قاقلاپ يېتىپتۇ . نەتىجىدە بىرقانچە يىلغا بارمايلا ئىگىلىكى ۋەيران بوپتۇ . باي بولسا بىر مەزگىل ئۇخلاپ قانغاندىن كېيىن بۇنداق ياشاشنىڭ تولىمۇ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ، بىرەر ئىش قىلماقچى بوپتۇ . ئەتراپلىق كۆزىتىش ئارقىلىق كىچىككىنە بىر يايما ئېچىپ بىر قانچە يىلغا بارمايلا بۇرۇنقىدىنمۇ باي بولۇپ كىتىپتۇ . بايلىق ھەركەتچان نەرسە ، ئۇ جىمجىتلىقنى خالىمايدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنىڭ بايلىقىغا ھەۋەس قىلىدۇ -يۇ ، بىراق شۇ بايلىقنىڭ ئارقىسىدىكى تېىنىمسىز ھەركەتنى قوبۇل قىلالمايدۇ . ئەكىسچە بايلار نامراتلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدۇ . بىراق بايلارنىڭ تىنىمسىز تەپەككۇرلىرى بىلەن نامراتلارنىڭ جىمجىت ھاياتى ھەرگىز سىغىشالمايدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارسىدا بۇخىل ئارىلىق پەيدا بولغان .
مەنبە : «ياشلىقتا باھانە ئارتۇقچە » دىگەن كىتابتىن ئېلىندى
|
|