نورۇزلۇق ئىككى شىئېر
قەيسەر مىجىت
نورۇزلۇق پىچىرلاشلىرىم
ئېسىڭدىمۇ ئاشۇ مەزگىللەر، ساما سالماي ساما قاينىغان. ياش قىزلارنىڭ رەڭ تۈزگىنىدەك، مەكتىۋىمىز گۈلگە ئورالغان.
بىر-بىرىدىن خۇشال ئادەملەر، كىلەچەككە باققان ئۈمىدلىك. قەلبلەردە ھەۋەسلەر بۈيۈك، ئاھ، ئۇ چاغلار بەكلا سۆيۈملۈك.
بادام دوپپا، ئەتلەس كۆينەكلىك، نۇرغا چۆمگەن ستودېنتلار، بىر-بىرىدىن روھلۇق، خۇشچاقچاق- ئارتۇقى يوق، ئەمما كېمى بار!
نورۇزنامە ئوقۇپ بىرەتتى، سورۇنلاردا ئېسىل شائىرلار. ئۆملۈك سۆيگۈ خىتابلىرىدىن، روھلىناتتى زۆھرە-تاھىرلار.
ساناپ كەلسەم مۇئەللىملەردىن، ئېسىمدە بار بوغدا ئابدۇللا. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم ھەم بار، ياش شائىردىن پولات ھېۋزۇللا.
تۇرسۇن قۇربان ھۆرمەتلىك ئۇستاز، مەن سىلەرگە دەيمەن ھەشقاللا! يالقۇنلىتىپ نورۇز ئوتىنى، ئەجىر قىلغان نۇرلۇق ئىنسانلار.
نورۇز تارىخ- نورۇز بىر دەريا، ئېقىپ كەلگەن ئۇندا خەلقىمىز. ئۇنىڭ بىلەن تۇرىدۇ قېنىپ، ئۇسسۇزلۇق ھەم ئۆز-ئۆزلىكىمىز.
سېغىنىمەن ئاشۇ چاغلارنى، ئىشەنچكە، سۆيگۈگە تولغان . تەلپۈنىمەن شۇنداق كۈنلەرگە، ئىھ شۇ چاغلار كىلىسەن قاچان؟
*************************
باھار پۇرايدۇ
يەر تېگىدىن كۆتۈرۈلۈپ ھور، چۆگىلەيدۇ دەرۋىشكە ئوخشاش. بولغىنىدەك تەبىئەت گويا، تويى بولغان قىزچاققا قولداش، جىلۋە قىلىپ تارتار مەيلىمنى، يېشىم قىرىق، ئەمما كۆڭلۈم ياش!
بۈگۈن نەزەر سالسام ئالەمگە، باشقىچىلا تۇيۇلدى ئالەم. قار-مۇزلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن، قۇتۇلۇپتۇ زىمىنگۈل- لالەم. تاڭ سەھەردە سايرىغان قۇچقاچ، پىچىلرىدى: «سۆي ئۇنى ئادەم!»
مەن ئىت يىلى تۇغۇلغان يىگىت، سەزگۈر ھامان سۆيگۈ ھىسلارغا. بىر خىل پۇراق-كۈچلۈك ئىشتىياق، سېزىم بىرەر ئوغۇل-قىزلارغا. مەن پۇرىدىم، مەس بولدۇم شۇ تاپ، سەن تېپىپ باق، زادى نىمىشقا؟
2014-يىلى 21-مارت، شەھرى بوستۇن
|