- تىزىملاتقان
- 2011-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4289
- نادىر
- 0
- يازما
- 423
ئۆسۈش
  76.3%
|
قارىغاندا ئىمتىھاننى چۈشەنمەيدىكەنسىز سىز...
ئالايلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىمتىھاندا كۆچۈرسە بولامدۇ؟ جاۋاپ بىرلا ياق؟ ئەگەر سىز 59 نومۇر ئېلىشقا دۇچار بوپ قالسىىڭىز شۇ ئېلىشقا تېگىشلىك نومۇرنى ئېلىپ بىر نومۇر ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك.
تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى كۈچۈرسە بولامدۇ؟ جاۋاپ بىرلا ياق! چۈنكى ئۇلاردا ياشلىق ئارزۇ ئارمانلىرى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا يۈزلىنىۋاتقانلار..ئۇلاردا مۇستەقىللىق ئېڭى بولۇشى كېرەك.
بىزدە يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ئىمتىھانلار سىز دېگەن كۆچۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. ئىجادى يوسۇندىكى، ئىزدىنىش تىپىدىكى ئۇچۇق ئىمتىھانلار بولىدۇ. ئۇنداق ئىمتىھانلارنى كۆچۈرۈش دېمەيمىز....
كىتاپ ئوقۇمايۋاتقان، تاپشۇرۇق ئىشلىمەيۋاتقان، مەكتەپكە بارماي ۋاڭباغا، دىباغا قېچىۋېتقان ئىرادىسىز ئەۋلاتلار ئەنە شۇنداق «خىلمۇ-خىل» ئىمتىھانلاردا ھەرگىزمۇ كۈچۈرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى كۆچۈرۈش بالىلاردا ئىرادىسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا ماس كەلمەيدۇ.
بىز بالىلاردا سەمىمىلىك، ئەخلاق، ئېتىقاد، ھەممىدىن مۇھىمى قەتئى ئىرادە تىكلىمىسەك بولمايدۇ. بالىلار ئىمتىھاندىن ئىبارەت بۇ سىناققا بەرداشلىق بېرەلمىسە. سىز دېگەندەك تەييارنى ياكى ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈپ ياشاشقا كۈنۈپ قالسا، جەمئىيەتكە چىققاندا، سىزنىڭ يولىڭىزغا ئەمەس، بېشىڭىزغا چىچىپ قويىدۇ.
بۇ تېمىڭىزدا قارىسام، مائارىپىنى، ئىمتىھاننىڭ رولىنى، ھازىرقى ھالىمىزنى، كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلىرىمىزغا قۇيۇلۇۋاتقان بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتنى ئېنىق چۈشەنمەيدىكەنسىز... شۇڭا بىزدىكى بوشاڭ ئىرادىنى بوشاشتۇرىدىغان ئەمەس، تېخىمۇ چىڭىتىدىغان تېمىلارنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|