قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1048|ئىنكاس: 13

ياخشىلىق ۋە تۆت تادۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 18:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadlax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 10:01  

ياخشىلىق ۋە تۆت تادۇ

              دۇنيا، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ مەسھۇلى.ماكان تۇپراق, زامان ئوت ، ئىنسان سۇ، مەدىنىيەت ھاۋا .  ماكان بىر ئادەم بولسا، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانمۇ بىر ئالەم. ئىنسان كۆزيىشى تەبىئەتتىكى يامغۇرنى قىياسلىسا،كۇلكە غەزىۋى گۇلدۇرمامىنى ئەسلىتىدۇ.زىمىن تىرىگە ئوخشىسا، ئۇنىڭدىكى ئۆسۇملۇكلەرمىسالى تۇك.تاغلار سۆڭەكنى ئەسلەتسە ، دەريالارئىقىنلار قان تۇمۇر،دىڭىزلار قورساق بوشلىقى.قۇملۇقلار كۆكرەكلەرگە ئوخشايدۇ. ئاندىن ئىنسان سان مەجمۇئەسى بولغان زامان ئوخشىشى،كونىلاردا يەتتە ئەزايى ساق دەيدىغان ماقال بار. يەتتە ئەزا دىگەندەپۇتى ، قولى ، غولى ، ئىغىز ، قۇلاق، بۇرۇن،كۆز تاشقىي جۇپ ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ.بۇنى زامانغا قىياسلىساق، بىر ھەپتە يەتتە كۇن بۇلىدۇ. كۆز،  يۇرەك ، جىگەرئۇچىنىڭ مىجازى ئوت. بىر كۇن ئەتىگەن چۇش كەچ  ئۇچ ۋاخ. ئىغىز،  ئاشقازان ، ئۇچەي،  تاناسىل ئەزا تۆتى مىجازى سۇ . تۆت ھەپتىنى ياكى تۆت پەسىلنى تەقاسلايدۇ. مەدىنىيەتتىمۇ زامان سان ئىزنالىرى بار.بىلىشكە ۋەكىل تۇپراق خۇسيەتتىكى يەھۇدىيلار قەدىمدە ئون ئىككى بۇلاقتىن سۇ ئىچكەن ئون ئىككى قەبىلەبولغان.بىر يىل ئون ئىككى ئاي. ياخشىلىق سۇ سۇپەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەشھۇر تۆت ساھابىسى بار.باش قىسمىمىزدىكى بۇرۇن كۆز قۇلاق ئىغىزتۆت ئەزاغا سىموۋۇل . ھازىر تادۇ بۇيىچە تەقۋادارلىق ھاۋا زامانى، يەنى رەسۇلىللادىن زامانى ئاخىرغىچە ھاۋا ئىراسى دىيىشكە بۇلىدۇ. نامازدا تەكرارلىنىدىغان ئايەتمۇيەتتە. ئاسمان ھاۋا يەتتە قات. دىمەك تادۇ بۇيىچە خۇي خۇسيەتلىرى ئىنىقلانسا،ئىنسانغا قاراپ ماكاننى پەرەزقىلغىلى،زامانغا قاراپ ئىنسان مەدىنىيتىنىڭ سىر ئەشيالىرىنى سىستىمىلىق يەشكىلى بۇلىدۇ.بۇ جەھەتتەئەجداتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن مۇساپە ئىجتىھات سەمەرىلىرى بولغان.
        مەدەنىيەت بۇيىچە تادلىغاندا،ئىسلام مەدىنىيتى ياخشىلىق سۇپەتتە بۇلۇپ،زىدىلەرنى پەزىلەت بىلەن داۋالاشتامەنىۋىي قورغانلىق خۇسيىتى كۇرنەرلىك. قۇياشنى ئوت دىسەك،ئاي تۇپراق، زىمىن سۇ ،يۇلتۇزلار ھاۋابۇلىدۇ. سۇياخشىلىققا ۋەكىل زىمىندا تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا تۆت تادۇھەممىسى مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش . ياخشىلىق سۇپەتتىكى ئىسلام مەدىنىيتىمۇ، تۇپراق خۇسيەتتەبىلىش، ئوتقا ئوخشاش ئادىللىق،سۇ سۇپەتتە ياخشىلىق، ھاۋاغا قىياس تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن. ئەبۇ بەكرى بىلىشنى ياقىلىغان بولسا، ئۇمەر ئادىللىقنى، ئوسمان ياخشىلىقنى، ئىلى تەقۋادارلىققا ئۇل سالغان.ئەرەپلەر بىلىشكە ۋەكىلىك قىلىدۇ، خاۋارىجلار ئادىللىق،تۇرۇكلەر ياخشىلىق، شىئەلەرتەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ. ئەمىلىي پائالىيەتلىرىمىزدىمۇ  ئىمان ئىيتىش تەۋھىد ئەقىدىسى بىلىشنى كۆرسەتسە. ئاندىن قۇرئان كۆرسەتمىلىرىگە بوي سۇنۇش يەنى ناماز زاكات  رۇزا ھەج قاتارلىقلار ئەھدە ئادىللىق بۇلىدۇ.بۇنىڭ بىلەنلا پۇتۇنلەنمەيدۇ. يەنە ياخشىلىق قىلىش لازىم بۇلىدۇ. خەيرى ئىھسان سەدىقە نەزىرلەر  ئارقىلىق قەلىپلەريۇيىلىدۇ ياۋشىيدۇ، بۇ ياخشىلىق بۇلىدۇ. ئاندىن زىكىر تەسبىھلەرگە ئادەتلىنىش  داۋاملاشتۇرۇش تەقۋادارلىق بىلەن ئىمان مۇستەھكەملىنىدۇ.  
يىڭى تەرجىمە قۇرئان سۇرە رەئىدنىڭ 19دىن21-ئايەتكىچە،-‹ئى مۇھەممەد، پەرۋەردىگارىڭ تەرپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان ئادەم‹ئۇنى بىلمەيدىغان دىلى› كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟بۇنىڭدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ.ئۇلار ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارنى تۇلۇق ئورۇنلايدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ.ئۇلار ئاللاھنىڭ تۇققانلارغاياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەمىرىنى بەجا كەلتۇرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ،قاتتىق ھىساپ ئىلىشتىنمۇ قورقىدۇ.›دىيىلگەن. ئايەتلەردىكى ‹بىلىدىغان ئادەم ، ئەقىل ئىگىلىرى› تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىشنى كۆرسەتسە. ‹بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ،›بۇئەھدە قانۇن ئوت خۇسيەتتىكى ئادىللىقنى كۆرسىتىدۇ.‹ تۇققانلارغا ياخشىلىق قىلىش›بۇ سۇ ياخشىلىق بولسا.‹ ئاللاھتىن قورقىدۇ›بۇ ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىقنى كۆرسىتىدۇ.دىمەك مەنىۋىيەتتىكى تۆت خۇسيەتنىڭ بىريەردە تەرتىپ بۇيىچە بايان قىلىنىشى، ئىسلام مەدىنىيتىدە تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ بەلگۇلۇك ئورنى بارلىقىنى،يەرلىك تىلدا ئىيىتقاندا، ئاتلاپ ئۆتۇپ كىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى پاكىت بىلەن نەزىرىمىزگە تاشلايدۇ. ئىسلام مەدىنىيتىدىكى تۆت تادۇ قارشى، ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ،ماكان زامان ئىنسان دىن ماھىيەتلىرىنى تۇنۇش تەخمىن قىلىش، ئىدىيال قاراشلارنى ۋايىغا يەتكۇزۇشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقا.
          تۆت تادۇ بۇيىچە تەخمىن قىلغاندا، ئالدى بىلەن ماكان بۇيىچە ئورنى بىكىتىلىدۇ. ئاندىن زاماندا ئەكىس ئەتكەن قىلىقى مۇساپىسى سىزىلىدۇ. ئاندىن يەنە ئىنسان بۇيىچە خۇي خۇسيەتلىرى ئايرىلىدۇ. ئاخىردا مەدىنىيەت بۇيىچە تاتلىنىدۇ.
ماكاندىكى ياخشىلىقنىڭ تادۇلىرى
        تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش ئىككى ياقىلمىلىققا ئىگە. بۇرۇننىڭ ئىككى تۇشىگى‹دىماق› مىڭىگە تۇتاش بولغانغا ئوخشاش،ئىسلام مەدىنىيتىدە بىلىشنىڭ ئىككى ياقىلمىلىقى بۇلىدۇ.   رەسۇلىللا ۋاپاتىدىن كىيىن ، ساھابىلار خەلپەمەسىلىسىدە ، مەككىلىكلەر ھاشىم جەمەتىدىن ئەلىنى خەلپە سايلاش، مەدىنىلىكلەرتەمىم جەمەتىدىن ئەبۇ بەكرىنى خەلپە سايلاش توغرىسىدا  كەسكىن دەتالاش قىلغان. نەتىجىدە ئەبۇ بەكرى خەلىپە بولغان.ئەبۇ بەكرى دەۋىرلىرىدە ھەدىس ياقىلىغۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ، قۇرئان ئايەتلىرى ھەدىس بۇيىچە شەرھىيلەنگەن.ئۇمەرنىڭ ئۇزۇنغاسۇزۇلغان ئىستىلالىرى ، ئەرەپلەرنىڭ قاراش يۇرۇش تۇرۇش ئۆرۇپ ئادەتلىرى بىلەن  پەرىقلىق، باشقا تىل خۇيدىكى قەۋىملەرنىڭ ئىسلام مەدىنىيتىنى قۇبۇل قىلىشى سەۋەپلىك رەي ئىقىملىرى پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان.ھىجاز ھەدىس بۇيىچە شەرھىلەشنى تۇتقا قىلغان بولسا. ئىراق رەينى ئاساس قىلغان.بارابارا ھەدىسنىلا تۇتقا قىلىش، ياكى رەينىلا چىقىش قىلىش مۇشۇنداق راۋاجلانغان.دىمەك؛ ئورۇن جەھەتتە مەككە بىلەن مەدىنە  بۇرۇننىڭ ئىككى تۇشىگى بولسا، ھەدىس بىلەن رەي مىڭە پائالىيتىنىڭ ئىككى ياقىلمىلىقى ھىساپلىنىدۇ . ھازىرغا كەلگەندە زامان تۇسى بىلەن بىرلىرى تەرەققىياتنى ، بىرلىرى ئەنئەنىۋىيلىكنى ئەسلىيەتنى ياقىلىماقتا.بىزدىكى تەسىرنى تەخمىن قىلساق، بۇرۇنلاردا ئىلىم چىندا بولسىمۇئۇگۇنىڭلاردەپ كەڭرى يول تۇتقان بولسا، ھازىر زەئىپ ھەدىس سانىلىپ ،بارغانچە چىڭىپ،رەسۇللىلا دەۋرىدىكى ئەرەپلەرنىڭ ھالەتلىرىگە كۇچلۇك سىلىشتۇرۇلۇلماقتا.
ئادىللىقنىڭ پۇتى ئۇچ.ئادەم بەدىنىدىكى كۆز‹قاش قىلىچ مىسالى، ئىككى كىرپىك ئوقيا›، يۇرەك،جىگەر بۇ ئۇچىنىڭ مىجازى ئوت. ئوت دىمەك ئادىللىق.ئەبۇ بەكرى‹بىلىش›دىن كىيىن ئۆمەر‹ئادىللىق› ,ئۇمەردىن كىيىن ئوسمان‹ياخشىلىق›،ئوسماندىن كىيىن ئىلى‹تەقۋادارلىق› ‹تادۇ رىتى بۇيىچە›خەلپەبولغان. خەلپە مەسىلىسىدە دەتالاش بولغان مەزگىللەردە ئادىللىق سۇپەتتىكى خاۋارىجلار سىياسىي مەزھەپ سۇپىتىدە پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان .ئۇلار خەلپىنى مۇسۇلمانلار ئىختىيارىي يۇسۇنداسايلام ئارقىلىق سايلىشى كىرەك دەپ قارىغان، ئاندىن ئىلىنىڭ مۇئاۋىيە‹ئوسماننى قوللىغۇچىلار›بىلەن بولغان جەڭدە ، مۇئاۋىيەنىڭ قۇرئان بۇيىچە ھۇكۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە قۇشۇلغانلىق تۇپەيلى ، ئىلىگە قايىل بولماي ئاجىرلىپ چىققان . خاۋارىجلار ئۇچ پۇت بۇلۇپ،بىرىنجىسى ئەزراق مەزھىپى،ئىككنجىسى نەجداتلار،ئۇچۇنجىسى ئابازىيە مەزھىپى.ئابازىيە مەزھىپى ئافىرقىغا كەڭ تارقالغان. ئەزراق مەزھىپىنىڭ قانۇنشۇناسلىقتا داڭقى بار.  
          ياخشىلىق ئىچىدىكى ياخشىلىقمۇ تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن. ئىنسان بەدىنىدە ئىغىز، ، ئاشقازان، ئۇچەي تاناسىل ئەزاتۆتى مىجازى سۇ ‹ياخشىلىق›  بۇلۇپ،بۇنى مەدىنىيەتكە تادلىساق، مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى قاراش ياقىلمىلىقى ،مەسلەن ؛ ئىرادەئەركىنلىكى، تەقدىرچىلىك قاراشلىرىدىكى زىدىيەتلەر.خەلپە توغرىسىدىكى دەتالاشلار.,,,قاتارلىقلارغا مادارا قىلىش ، ئىتىپاقلاشتۇرۇش ئۇچۇن مۇرجىئەلەر مۇئتەزىللەرقاراشلىرى دەسلەپ قەدەمدە شەكىللەنگەن. كىيىنچە مۇئتەزىللەر ئاساسىي رول ئوينىغان.مۇئتەزىللەر بىلىشكە ۋەكىل پەيلاسۇپلار، ئادىللىقنى ياقىلايدىغان كالامچىلار،ئىنساننى ياخشىلىقنى ياقىلىغان تىۋىپ پەنچىلەر،تەقۋادارلىق تەسەۋۋۇپ ئىقىمىغا مايىل شىئىريەت ساھالىرى قاتارلىقلار بىلەن خاراكتىرلەنگەن.قارايدىغان بولساق، فارابىي ئىنسان تەپەككۇرىنى ، ناۋايى دىل قەلىپنى، ماخمۇت قەشقىرى تىل،يۇسۇپ خاس ھاجىپ خۇي‹تەپەككۇر دىل تىل خۇي تۆتى ئىنسان روھىيتىدىكى تۆت تادۇ.› قاتارلىقلارنى ياقىلاپ ، ئىسلام مەنىۋىيتىنى بىيىتقان.ھازىر بىزدە يىڭچە ئىقىمدىكىلەرقاراشلىرى‹بىلىش›، تەسەۋۇپ ئەھلى‹تەقۋادارلىق› ، تىبابەت دىنىي ئىلمدە يىتىشكەنلەر‹ياخشىلىق›،مىڭ يىللىق ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئىككىلەنمەي كىسىم پىچالايدىغان ‹ئادىللىق› تىپىدىكىلەرئۇچرايدۇ.
             ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىق يەتتە قات بۇلىدۇ.ئىنسان بەدىنىدە قۇلاقتىن باشلاپ، سۆڭەك،گۆش، قان، پەيسىڭىرلار،تىرە،چاچ تىرناقلار مىجازى يەل، ئاسان يەل تاشىدۇ.قۇتادغۇبىلىگدە يەتتەيۇلتۇز .ئون ئىككى بۇرۇج بايان قىلىنغان. شىئەلەر ھازىرغىچىلىق ئون ئىككى ئىمامغابەيئەت قىلىدۇ.ئىران، ئىراق ، تۇرك ئەللىرى ، مىسىر، ئافرىقا،ھىندى ئەللىرى،سەددىچىن بويلىرىدىمۇ گۆش پەي سىڭىرلارغائوخشاش، ئوخشىمىغان سۇپەتتە شىئە ئەقىدە ئىزنالىرى ئۇچرايدۇ.شىئەلەرنىڭ مەزھەپ قاتلىمى مۇرەككەپ بۇلۇپ، ئىمامىيلار زەيدىلەر دەپ ئىككى ئاساسى لىنىيە ئۇندىن باشقا ئىسمايىللار‹زاھىرىيباتىنىي›راۋىندىيلار،نۇسەييىرلەر،نئمەتۇللاھىيلەر،جەففەرىيلەر مەزھىپى قاتارلىق تارماق پىرقىلەرخەتلەنگەن. پىقىرنىڭ تادلىشىچە، ئىماملار ۋە ئۇلارنى ياقىلىغۇچىلارئەلى، ھەسەن، ھۇسەن،زەيىد، جەفەرسادىق، ئىسمايىل،مەھدىي دىن ئىبارەت يەتتە قەۋەت يەتتەئىقىمغا ئايرىش مۇمكىن.  تەسەۋۋۇپتازامانغا قىياس يەتتە مەسەل توغرىسىدا قاراشلار ساقلانغان. زور ئىشلاردا يەتتەيۇلتۇز  نۇجۇم قائىدىسى بۇيىچە تەقاسلاش ،بىشارەتلەرگە سەمىيمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.قىسقىسى يەتتەبىلەن  تەقۋادارلىق زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.
زاماندىكى ياخشىلىقنىڭ قىلىقلىرى
           ياخشىلىقتىكى بىلىشنىڭ باشلاش رولى گەۋدىلىك بۇلۇپ،بىر مەزگىل سائادەت يۇلىنى ياقىلاپ، ئىنساننى بىرئىلاھقاقۇلچىلىق قىلىشقا تەۋھىدكە ئۇندىسە، بىر مەزگىل يىڭىلىق ئىستەپ ، بەخىت يولىغاباشلايدۇ.  مەسلەن ؛ئەرەپلەر رەسۇلىللاباشچىلىقىدا 4-ھاۋا ئىراسىنىڭ بىرىنجى بىلىش قەدىمىنى سائادەت دىن يۇلىغا باشلىغان بولسا، ئىككىنجى ئادىللىق قەدىمىنى ئابدۇلۋاھاپ باشچىلىقىدا، ياۋرۇپا ئەدىبىيات سەنئەت گۇللىنىشىنى مەرگەز قىلىپ تەرەققىيات ئىسلاھات يۇلىنىشىگە باشلىدى .تەبىئەت ئىلىملىرىنى ئۇگۇنۇش، تەرەققىي قىلىش بەخىت بايلىق شۇ مەۋقە ئاساسراق . بىزدىكى تەسىرىگەكەلسەك، ئاففاق خوجا تەقۋادارلىق تەرەپدارى بولۇپ دىللارنى ئىلاھقا باغلىغان بولسا، ئابدۇ قادىر داموللام دىنىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ، جەدىت يەنى يىڭىلىق ھالال پەتىۋاسىنى ئىلىپ كەلگەن.دىمەك تەۋھىد بىلەن تەرەققىيات، تەرەققىيات بىلەن تەۋھىد ئوتتۇرسىدىكى  تەكرارلىنىش بىلىشنىڭ قىلىقىدۇر.ئۇنىڭدىن باشقا بىرى ئىچىدىن ئۇرۇق بىلەن كەلسە، بىرى سىرىتتىن ئۇفۇنەتلىنىشكە مايىل. زىۋىد رولىدىكى قارمۇ قارشىلىقى بار .
ئادىللىق  دىمەك قانۇن دىمەكتۇر. قانۇن بار يەر بىلەن قانۇن يوق يەرنىڭ پەرقى مۇستەھكەملىكتە.قانۇن شاھقىمۇ گادايغىمۇ ئوخشاش تۇز كۆزدەقارايدۇ. قانۇن باراۋەرلىك ئورنىتىدۇ. قۇتادغۇ بىلىگ كۇنتوغدى ئولتۇرغان كۇرۇسنىڭ ئۇچ پۇتى مۇشۇ.يەنى مۇستەھكەم تۇز باراۋەر بۇلۇش. خاۋارىجلار ئىتىقاد بىلەن ھەركەتنى زىچ بىرلەشتۇرگەن بۇلۇپ، دىنغا ئىشەنگەن تەقدىردىمۇ،گۇنا مەسىيەت قىلغان كىشىنى بىردەك كۇپرى كۆرىدۇ. ھەتتا كىچىك گۇناھ قىلغانلارنىمۇ كۇپرى سانايدىغان ئەھۋاللار بار.ئۆز قارشى بىلەن پەرىقلىق قاراشلارغىمۇ كەسكىنرەك، مۇراسىم قىلىپ باشقىدىن ئىمان ئىيىتمىغىچە قايىل بولمايدۇ. بۇ دىنىي مۇستەھكەملىكنى،دىندا چىڭتۇرۇشنى بىلدۇرسە. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تۇز مەناسىنى قوغلىشىشى، مەسىللەرگە كەسكىن پۇزۇتسىيدە بۇلىشى،ئىكىلەنمەي ئۇيانلىق بۇيانلىق ۋاستىسىنى تاللىشى تۇزلۇكنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى قانداقلىكى كىشى ، قۇل بولسىمۇ خەلپىلىك سالاھىيتىگە ئىگە، خەلپەسايلام ئارقىلىق سايلىنىشى ، ناۋادا خاتالاشسا ئىكىلەنمەي بىتەرەپ قىلىشىنى ياقىلىشى باراۋەرلىك ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. مۇستەھكەملىكنى سەۋەپ دىسەك،تۇزلۇك جەريان،باراۋەرلىك نەتىجە.مۇشۇ ئۇچ پۇت بىلەن قاپاقنى تۇرۇپ تۇرۇش،ئادىللىق تىپىدىكى خاۋارىجلارنىڭ ھاياتىلىق مۇساپىلىرىدۇر. يەنە قانۇنچىلىق، تۇزەش،ئادىللىق ئورنۇتۇش جەھەتتە خاۋارىجلار ئەۋزەللىككە ئىگە。بىر پۇتۇن ئىسلام تارىخى شۇلارنىڭ قان ياشلىرى بىلەن بۇيالغان.
           ياخشىلىق بەئەينى خىش پىشۇرۇشتۇر. قىساسۇل ئەنبىيا باش قىسمى يەنى ئىنسان يارتىلىشى توغرىسىدىكى مەلۇماتلاردا، ئىنساننىڭ تۇپراقتىن يارتىلغانلىقى، تۇپراققا سۇنى ئارلاشتۇرۇپ لاي بولغاندا  شەكىلگە كىرگۇزۇلگەنلىكى ،ئاندىن ھاۋادا كۇن نۇرى‹ئوت›دا قۇرۇتۇلۇپ، چەكسە جىرىڭلايدىغان ساپال‹ھىجىر› ھالەتكەيەتكەندە ، روھ پۇدەلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار تەپسىلىي خاتىرلەنگەن.ياخشىلىقنىڭ زاماندىكى يۇرشى خۇددى خىش پىشۇرشقا ئوخشاش ئالدى بىلەن تۇپراق بىلىش كىلىدۇ. مۇئتەزىللەر ئىسلام مەدىنىيتىنى پەلسەپە بىلەن بىيىتقان بۇلۇپ،يىلتىزى ساھابە كىراملار دەۋرىگىچە تاقىشىدۇ. نۇرغۇن دەتالاشلارغا بىتەرەپ پۇزۇتسىيەتۇتقان،خاۋارىجلارنىڭ ئەكسىچە ھەل قىلىش مۇرەسسە تەدبىرلىرى ئۇستىدەئىزدەنگەن.بۇلۇپمۇ قۇرئان ئايەتلىرنى قىزىش رەي يۇلىنىشىنى ياقىلاشتا گەۋدىلىك بولغان. بارا بارا زىيادە كەڭرى پۇزۇتسىيىسى قۇرئان مەخلۇق قارشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ، ھەنبەل دەۋرىگە كەلگەندە باستۇرۇلغان. دىمەك ساھابەكىراملار دىن ھەنبەلگىچە ئىككى يۇزيىل مابەينى ئىدىيە قىسمى بىلىشنى كۆرسەتسە، ھەنبەلنىڭ چەك قۇيىشى خىشنى كىسىپ قىلىپقا سىلىش ،چاسىلاش ئادىللىق دەۋرىنىڭ بىشارىتى.ئۇنىڭدىن كىيىن ئاباسىيلارسۇلالىسىنىڭ ئاخىرغىچە ھەدىس ئىقىملىرى زىدىيتىدەبىر ئۆسۇپ بىرچۆكۇپ تاۋلانغان.ھىلاكۇ دىن باشلاپ ئوسمان ئىمپىريىلىرى تازا گۇللەنگەن دەۋىرلەرگىچە ياخشىلىق ئەكىس ئەتكەن.ئاندىن ئىمپىريەنىڭ زاۋاللىققا يۇزتۇتۇپ،ئابدۇلۋاھابنىڭ ۋاھابىي ئىقىمى غىدىقلىغىچە تەقۋادارلىق سوفا ئىزىم قىش پەسلىنى بىشىدىن ئۆتكۇزگەن.دىمەك تۆت تادۇ تۆت پەسىل بۇيىچەمىڭىش، ئىسلام مەدىنىيتىدىكى ياخشىلىقنىڭ مەنزىللىرىدۇر.
          تەقۋادارلىق بىر بىرىگەبويسۇنۇپ،قەدەم باسقۇچلۇق يەتتە قەۋەت ھاسىل قىلىدۇ،ئۇرۇق بۇيىچە ماڭىدۇ،سىلىشتۇرۇپ ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش ئادىتى سىڭگەن بۇلىدۇ.تەقۋادارلىقنى ئوبىرازلىق ماڭدۇرساق.ئىنسان تۇپراقنىڭ جەۋھىرىدىن يارتىلغان.ئاندىن بەچچىداندائابىمەنىي ، لەختە قان، پارچە گۆش، سۇڭەك،سۆڭەككە گۆش قۇنۇپ،ئاخىردا ئىنسان بۇلۇپ  يەتتە باسقۇچ تاماملانغاندا شەكلىگەكىرگەن. ئەلىنى تۇپراقنىڭ جەۋھىرى دىيىشكە بۇلىدۇ،چۇنكى ئۇرەسۇلىللاغا كىيئوغول بۇلغان. ھەسەن ئابىمەنىي ،مۇئاۋىيە بىلەن بىرلەشكەن،ھەمدەخەلپىلكنى تاشلاپ كۇچۇپ كەتكەن .  ھۇسەن لەختەقان ،كەربالادايەتمىش كىشى بىلەن شىھىت بولغان.زەيىد پارچە گۆش ، شىئەلەر بىلەن سۇننىيلارئارسىدا مۇرەسسە يولنى تۇتقان‹قان بىلەن سۆڭەك ئارلىقىدىكى لەختەگۆشتەك›.جەففەرسادىق سۆڭەك،شىئەلەرنىڭ ھوقۇق ۋەقانۇن جازىسى شۇلارنىڭ قولىدا.ئىسمايىل سۆڭەككەقونغان گۆش، سوففىچىلىقتا ئالتىنجى مەسەل چىشى تۇگە،جەففەرسادىق ئىسمايىلنىڭ ئورنىغائىماملىققا مۇسىكازىمنى تىكلىگەن ، خۇددى سالىھ دەۋرىدىكى تۇگىگە ئوخشاش قۇربانلىق بولغان.بۇنىڭغا نارازى بولغانلار بۇئىقىمنى شەكىللەندۇرگەن.مەھدىي ئىنسان بۇلۇپ شەكىلگە كىرىش قاتارلىق بىشارەتلىك يەتتە باسقۇچ بۇيىچە تاماملانغان.بۇ قۇتادغۇ بىلىگدىكى يەتتە يۇلتۇز يۇرىشىگىمۇ چۇشىدۇ. ئۇندىن باشقا يەتتەكۇن بىرھەپتە بۇلىدۇ. تۆت ھەپتە بىرئاي. شۇنىڭغا قىياس بۇ يۇرۇشمۇ قايتىلىنىشى مۇمكىن.دىمەك تەقۋادارلىقنىڭ مىڭىشى تەقدىر قىسمەتكە تولغان دىيىشكە بۇلىدۇ.
ياخشىلىقنىڭ ئىنساندىكى خۇيى
          ئىنسان جىسمى تۇپراق ئوت سۇھاۋادىن تۇزۇلگىنىدەك،ئۇنىڭ روھىيتى تەپەككۇر نەفىس كۆڭۇل روھتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن.نەفىس دىلنى كۆرسەتسە، تىل كۆڭۇل، روھ خۇي تارتىدۇ. كۆڭۇل نەفىسنىڭ تىزگىنى، تەۋرەنمەس روھ تەپەككۇرنى چەكلەيدۇ. تادۇچە تەپەككۇر بەئەينى شاخمات تاختىسىدىكى ئات يۇرشى بۇلۇپ،تۆت پۇت بىلەن يەتتەكاتەككە قەدەم تاشلايدۇ.باشلاش،زىدىيتى،مۇناسىۋىتى،تەقەززاسى،دەۋرىيلىكى مۇقەررەرلىكى دىگەندەك. تەپەككۇرنەفىسنى ئارزۇلارغا بەنىت قىلسا، كۆڭۇل مۇمكىنچىلىك ئىستەپ باغلايدۇ، روھ تەۋرەنمەي ھاسىلاتلارنى نەتىجىگە ئۇندەيدۇ . تەپەككۇر بىلەن  نەفىس دىل يىقىن .يەنەكۆڭۇل تىل بىلەن روھ خۇي يىقىن. كۆپۇنچە دىل خۇيغا باقىدۇئوت كۇيىشى ئۇچۇن ھاۋا بۇلىشى كىرەك. تەپەككۇرتىلغا.
تەپەككۇر جەھەتتە؛ ئىنسان تەپەككۇرى تۆت تۇرلۇك بۇلىدۇ.
            بىلىشتە ئجادىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئەكىس ئىتىدۇ . بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىدا بايقاش يىڭىنى تىپىش ئاساسىي مەۋقەبۇلۇپ.بىر پۇتۇنلۇكنى بۇلەك بۇلەككە ئاجىرتىپ،ماھىيەتنى چوڭقۇرلايدۇ. مەسلەن؛مۇساقىسسىدە كالادىسە،رەڭگى يىشى جىنسى سىغىنمۇ؟ياكى يەرگە قاتقانمۇ دەپ بۇلەكلەرگەئاجىرتىپ،زىيادە چوڭقۇرلىغاندەك.چوڭقۇرلاشقانچە بايقىغانچە باغلاش تەسلىشىدۇ.مەسلەن؛ مىللىي مەدىنىيەت دىگەن ئەسلى بىر ئۇقۇم .مىللەت جىسمى بۇلسا ، مەدىنىيەت ئۇنىڭ روھىي.جىسىمسىز روھنى قىياس قىلغىلى بولمىغىنىدەك، روھسىز جىسىممۇ سىسىق جەسسەت. بۇنى بۇغۇنىدىن ئايرىپ، مىللىتىڭگە تۇرامسەن ياكى دىنىڭغىمۇ ؟دىسەك.بىرنەرسە ئىككىگە ئايرىلىدۇ.تەپرىقچىلىق كىلىپ چىقىدۇ.بۇ خىلىتنىڭ بىر تۇردەبىلىشى چوڭقۇر。 كەڭ دائىرلىك باغلاشقا ئاجىز.تەۋھىد چۇشەنجىسىدە بۇخىل تەپەككۇرشەكىلى مۇھىم.
           ئادىللىق لوگىكىلىق تەپەككۇرئۇسۇلى.بۇ ئۇسۇلدا تەپەككۇر زامان ئاساسى لىنىيە بۇلۇپ، تارىخىي تەرەققىيات سانسىپىرلارنى قوغلىشىدۇ. سەۋەپ جەريان نەتىجە بۇيىچە ماڭىدۇ. ھازىرقى سايمان بىلەن ئۆلچەپ بىكىتىشمۇ لوگىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك.مەسلەن ئەرەپلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەھۋالى ، ئاندىن مۇئىمىن بولغاندىكى ئەھۋالى، مۇئمىن بولغاندىن كىيىنكى ئەھۋالى قاتارلىقلار بىرقاتار تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىپ ،بۇنى دىلنىڭ ئادىللىق تارازىسىغا تاشلايدۇ.بۇنىڭدا پەزىلەتتىن سۆز ئاچمىغان تۇززۇك ھاق ناھاقلابار .
           ياخشىلىقتا تادۇچە تەپەككۇرئۇسۇلى ئىرسىي تەپەككۇر.بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تۆت تادۇ بۇيىچە خۇي خۇسيەتلىرى ئىنىقلىنىقلىنىپ قىلىپقا چۇشۇرىلىدۇ. ئاندىن تۆت تادۇنىڭ زىدىيەت مۇناسىۋىتىگەسالىدۇ. مەسلەن؛ قۇتادغۇ بىلىگىدە ئاۋال ماكان ئاندىن زامان ،ئاندىن ئىنسان،ئاندىن مەدىنىيەت رىتى بۇيىچە شىئىرلىنىپ ،ئايتولدى بىلىش تۇپراق، كۇنتۇغدى ئادىللىق ئوت،ئوگدۇلمىش ياخشىلىق سۇ،ئوغدۇرمىش تەقۋادارلىق بۇيىچە تادۇغا سىلىنغان.سۇرە رەئىدمۇشۇنداق،ئالدى بىلەن ماكان،ئاندىن قىيامەت زامان،ئاندىن سۇ ئىنسان، ئاندىنتەقۋادارلىق مەدىنىيەت رىتى گەۋدىلىنىدۇ. بۇخىل تەپەككۇر ئۇسۇلىدا بايقاش ئاجىزراق بىراق كەڭ دائىرلىك كۇچلۇك باغلاش ئىقتىدارى بار.
تەقۋادارلىقتىكى ئوبىرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىدا. ئوبراز ئۇلگە ئارقىلىق سىلىشتۇرىلىدۇ. مەسلەن؛كەلىلەۋەدەمىنە مۇشۇ خىل تەپەككۇردا يىزىلغان. ئۇندىن                  
             باشقا ماقال تەمسىللەر، قىقىنۇس توغرىسىدىكى ‹ئەلكۇيىدىكى› يۇسۇپ ھۇسەيىننىڭ جاۋابىدا ئوبرازلىق تەپەككۇر ئەكىس ئەتكەن.بۇنىڭدا چۇشۇنۇش ناھايتى قۇلاي.ئۇمۇملىشىش ئىقتىدارى يۇقرى بۇلىدۇ.ئەنئەنىۋىيلىك ئەكىس ئىتىدۇ.
قۇتادغۇ بىلىگىدە تەپەككۇر ،ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم دەپ تۆت تادۇغا ئايرىلغان.ئەرەپلەر ھۇش بايقاشتاگەۋدىلەنسە،خاۋارىجلار تەدبىر،تۇرۇكلەر پەزىلەت، شىئەلەر بىلىم تەجىربە ساۋاق شۇبۇيىچە گەۋدىلىنىدۇ.ياكى ئەرەپلەردە ئىجادىي تەپەككۇر،خاۋارىجلاردالوگىكا،تۇرۇكلەردە تادۇچە،شىئەلەردە ئوبىرازلىق بۇيىچە بۇلىدۇ.
           نەفىس جەھەتتە؛ ئىنسان نەپسى ئوت، نەپىسنىڭ بىلىش سۇپەتتە غايەئىستىكى گۇمانى بۇلىدۇ. ئادىللىققا يانداش غەزەپ كىبىرى  غۇرۇرۋىجدانى بۇلىدۇ‹نەپسىم ئىزا تارتتى دەيمىز›. ياخشىلىق سۇپەتتە ھۇزۇرىي ،ۋە تەقۋادارلىق سۇپەتتە قورقۇشى بار.ئىنسان نەفسى قەلبىمۇ خۇددى تەپەككۇرغا ئوخشاش ئايرىم بىر ساھا.قەلىپنىڭ ئورنى يۇرەك.
             بىلىشتە دىل قەلىپ تەسەۋۋۇر غايىلەرگە باي بۇلۇپ.غايە بۇيىچە جەمىيەت قۇرۇش خاھىشى كۇچلۇك بۇلىدۇ. يەنى؛ بىرى ئىرىق يوق مىللەت يوق تىل يوق ئىرسىي پەرىق يوق مىللەتلا بار غايىۋىي جەمىيەت قۇرۇپ . بۇئارقىلىق ئىختىلاپنى تۇگۇتۇپ، ھەممەكىشىنىڭ سائادەتلىك مۇسۇلمان بۇلىشىنى خالىسا.بىرى رەسۇللىلا دەۋرىدىكىدەك دىننىڭ پۇتۇن ساپ مايسا ھالىتىنى قىياسلايدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ پەزلى ھەم يەتكۇچە بولسىمۇ. ئىتىدالدىن ئاشسا ئەمىلىيەت چەتكەقىقىلىپ، يەتتە ئەزايى ساق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ پۇتۇن مەدىنىيەت ئەندىزىلىرىنى ئىكىلەنمەي پۇتاپ ياكى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ،ئەسلى مەۋقەدىن يىراقلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
             ئادىللىقتا قەلىپ غۇرۇرۋىجدان بىلەن يۇرىيدۇ.بوي ئىگىشتىن يىراق .تارىختا نۇرغۇن ئادىللىق كۇن مىسالى ھۆكۇمدارلار ھەقنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، نەفىس خاھىشى كۇچلۇك بولغاچ، قىسقىسى بويسۇنۇشقارايى بارمىغاچ ئازاپ بىلەن گۇمران قىلىنغان. خاۋارىجلارتارىخىدىمۇ مەزھەپلەرئوتتۇرسىدىكى كۇرەشلەردە ئۇلارنىڭ تىزپۇكمەس ئىرادىسى ، غەيرىتى، تۇلىگەن بەدەللىرىگە مەنسىتمەسلىگى قاتارلىقلار قەلەم ساھىبلىرىنىڭ قەلىپ تارىلىرىنى چەككەن.
ياخشىلىق ھۇزۇرىي قەلىپ ئىگىلىرى بۇلۇپ، ئادەتتە بىزدىمۇ مەسچىت خانىقا سالغانلارنى ، يىتىم يىسىرھاجاتمەنلەرگە خەيرى ئىھسان قىلغانلارنى چوڭ بىلىدىغان ئەھۋاللاربار ، ئاخىرەتتىكى ئازاپتىن قورقۇشقا قارغاندا، قىلغان ياخشىلىقتىن ساۋاپ ئۇمۇت قىلىپ ،ھۇزۇرىي قەلىپ بىلەن يۇرۇش يۇكلۇگرەك ..يىقىنقى ئوسمان ئىمپىريىسى دەۋىرلىرىدىمۇ ،كەپتەرۋازلىق بىلەن سەنئەتنىڭ زىيادىلىشىشى قەلىپتىكى ھۇزۇرنى زىيادە قوغلاشقانلىقتىن دىيىشكەبۇلىدۇ. باشقىلارغا قازان ئاسىدۇ يىگۇزىدۇ ئىچكۇزىدۇ ئۆمىلاقمان ياخشىلىق قىلىدۇ،ئازراق خەرەج يەتسە ،خاۋارىجلارغا ئوخشاش بەدەللىرىگە پىسەنىت قىلماسلىقنىڭ ئورنىغا، ھەسرەتلىنىپ سۇ بۇلۇپ كىتىدۇ.
             تەقۋادارلىقتا قەلىپ قورىققان ھالەتتە بۇلىدۇ. قەلىپنىڭ قورىققان ھالىتىنى قىياسلاش تەس، چۇنكى بۇ ئىلىمنى كىتاپتىن كۇرۇپ ئەقىل ئىشلىتىپ ماھىيتىنى تۇنۇش قىيىن. بۇنىڭدا ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە، قەلىپنى باغلاپ نۇرغۇن قىتىملىق مەشىق كۇنەگ ئارقىلىق مەخسەتكەيەتكىلى بۇلىدۇ.ئىلاھنى ياد ئىتىشىنى بىردەقىقە ئۇنۇتماسلىققا قەسەم قىلغان ھەدىسلەر ئۇچرايدۇ.قورىققان قەلىپ ئەھيا قىلىشتازىكىر تەسبىھلەرگە ئادەتلىنىشنىڭ رولى چوڭ.ئۇندىن باشقا قورىققان قەلىپ ئالاھىدە ئىقتىدار بىشارەت مۆجىزىلەرگەمايىلراق.
كۆڭۇل جەھەتتە؛ كۆڭۇل كۆڭۇلدىن سۇ ئىچىدۇ.كۆڭۇل ياخشىلىق سۇدۇر. كۆڭۇلنىڭ ئارزۇسى، ھىس ھاياجىنى، مۇھەببەت نەپرىتى،ساداقىتى بۇلىدۇ.تىل بىلەن كۆڭۇل بىر سىي .كۆڭۇلگە بىرنەرسە ئۇزكۇرۇنسەئەيىپى ئالاھىدىلىك بۇلۇپ كۇرىنىدۇ.سەت كۇرۇنسە ئالاھىدىلىكى ئەيىپ بۇلۇپ تۇيىلىدۇ.تاماقنى كۆپ يەۋالساق كۆڭۇل بىئارام بۇلىدۇ.ئورنى ئاشقازان.
            بىلىشتە كۆڭۇلنىڭ ئارزۇ قىسمى گەۋدىلىنىدۇ. تىل جەھەتتە ؛ئەرەپ تىلى پاساھەت بالاغەت رۇشەنلىكتەتەڭداشسىز.قۇرئان ئەرەپ تىلىدا نازىل بولغان. شۇنداقلا قۇرئان كىرىم ئەرەپلەرنىڭ تىلىنى ساپ ھالەتتە ساقلاپ قالغان.ئەرەپ تىلى ئىجادىى تەپەككۇر لوگىكىلىق تەپەككۇرتادۇچە تەپەككۇر ئوبرازلىق تەپەككۇر بولمىسۇن ھەممىسىدە ئۇنۋىرسال يۇرەلەيدۇ.كۇچلۇك سىڭىشچانلىققا ئىگە. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئەرەپچە ئىبارىلەر نۇرغۇن.ئاقار سۇ گۇزەل سۆز بۇبەخىت توختىماي، - كىزەرلەر جاھاننى، يۇرۇپ تىنمىغاي.‹قۇتادغۇ بىلىگ›. بۇنى كۆڭۇلگە تەدبىقلىساق، بىلىش تىپىدىكىلەر مەناقوغلاشقاچ ياكى ئارزۇسى ئىنتىلىشى كۇچلۇك بولغاچ، توختىماي يىڭىلىق ئىستەيدۇ.ھازىرقى ئىسلام سوتسىيالىزىمى ئىزدىنىشلىرى،كاپىتالىزىمغا پەرداز قىلىپ كۆرسىتىشلىرى يىڭىق ئىستەش ئارزۇ نىڭ زىيادىلىكى دىيىشكە بۇلىدۇ.بىراق ساداقەت جەھەتتە كام تۇراقسىز كىلىدۇ.ئىشەنىچسز ، ۋاپاسىز بەخىت بىقارار،يۇرەر ھەم ئۇچارتىز ئايىغى تايار‹قۇتادغۇ بىلىگ ›.
           ئادىللىق ھاياجان .كونىلاردادۇنيا كىتەر بوشلاقتىن،ئىمان كىتەر خوشلاقتىن دەيدىغان ماقال بار.كۆڭۇلنىڭ خوشلىقى مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇردۇ.كۆڭۇلنىڭ ئاساسى مۇھەببەت سۇسلاشسا،نەپىس قەلىپ ھەدىدىن ئاشىدۇ.قەلىپ گەدەنكەشلىك قىلسا،بىلىپ تۇرۇپ ھەققە قارشى قوپىدۇ.مۇھەببەت مۇتەڭپۇڭلۇق چىكىدىن ئاشسا،قەلىپنىڭ شىجائەت غەيرىتىنى كەتكۇزىدۇ.يەنە ئادىلىقتاكۆڭۇل كىر ئەگرىلىك خالىمايدۇ . ئۇچۇرغان يەردە كۆيدۇرۇپ تازلاپ  ماڭىدۇ.
            ياخشىلىق مۇھەببەت.بۇنىڭدا ،غىرىپ –سەنەم ،تاھىر- زوھرادىن باشلاپ مۇھەببەت ئاساسىي تىما بولغان تارىخىي داستانلىرىمىز، جۇملىدىن ئىلاھقا بولغان مۇھەببەت گەۋدىلەنگەن سوفىستىك ئىدىيلەر،ئاتا ئانا يۇت مەھەللە قۇدا باجا ئاداش ئايماق ئارسىدا تارڭشىغان قازان قۇمۇچلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ تۇرى مەزمۇنى بىيىتىپ ، ئىرسىيتىمىزدىن مۇھەببەت بىلەن مەنا تاپىدىغانلىقىمىزنى كۇچلۇك نەزىرىمىزگە تاشلايدۇ.مۇھەببەتمۇ  زىيادىلەشسە بىدئەت پەيدا قىلىدۇ.
             تەقۋادارلىقتا ساداقەت گەۋدىلىنىدۇ. يىقىنقى زامان تەرەققىياتىدا زور ئۆزگۇرۇشلەر بولدى . بۇلۇپمۇ ئىدىيەدۇنياقاراش جەھەتتە ھەرخىل ھەرياڭزا تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. ئىنسان يارتىلىشىنى مىساللىساق، بەزىلەر قەدىمقى جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ئىنساننى ئاپرىدە قىلغان دەپ قارسا،بەزىلەر تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن، بەزىلەر ھەتتادىلفىندىن تۇرەلگەن دىگەنلەرمۇ بولدى. شۇنداقلا، ئىسمە ئەزەم ئوقۇدۇم، جىنغا توقۇم توقۇدۇم ، جىن سەكرىسە سەكرىسۇن ،مەن سەكرىمەي ئوقۇدۇم دەپ ھەرەڭ سەرەڭ ۋەسۋەسىلەرگە پىسەنىت قىلماي،ئۆزمەۋقەسىدە چىڭ تۇردىغانلارمۇ بولدى. مانا بۇنى كۆڭۇلنىڭ ساداقىتى كۆڭۇلنىڭ تەپەككۇرغا باقماسلىقى دەيمىز.
             روھ جەھەتتە؛  روھنىڭ بىلىش سۇپەتتەئەنئەنىسى، قىلىق زامان ئەكىس ئەتكەن ئادىتى،ئىنساننى چۆرىدىگەن خۇيى، تەقۋادارلىق مەدىنىيەتتە ئەكىس ئەتكەن ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قالىدىغان ئۇدۇمى بۇلىدۇ. نەپەس توختىسا،روھ تەندىن ئاجراشقا باشلايدۇ،روھ ھاۋا ، ئورنى ئۆپكە.
بىلىشتە ماكان چىقىش قىلىنىدۇ،يەنى تەبىئەت ئۇستىدە ئىزدىنىش گەۋدىلىك ،بارابارا قىلغان ئەتكەن نەتىجە ھاسىلاتلىرى ماكان جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.پىكر تەھقىقلىرى مادداچىلىق ئۇسلۇبىغا يىقىن بۇلىدۇ. تۇپراق قۇمدەك چىچىلىپ تەرەپ تەرەپكە ئۇرۇق سالىدۇ.ئادىللىقتا  زامان قوغلىشىدۇ. سان ۋاقىت قۇرال قانۇن كۇچ قاتارلىقلارنى دەبدەبە قىلىدۇ.ئادەتلىرىنىڭ ۋاقىت سۇپىتى بۇلىدۇ. مەسلەن؛مەلۇم ئەھمىيەتلىك يىل ئاي كۇنلەرنى خاتىرلەش، ئالاھىدە مۇراسىم قىلىش، ئايلىق يىللىق كۇندىلىك پىلان تۇزۇش، پىلان بۇيىچە قىلىش دىگەندەك،ئادەتتە بىز كۇرۇشسەك ‹تىچ تۇدىلىمۇ ›دەپ ئىنساننى چۆرىدىسەك، ئادىللىقتا خەيرىلىك كەچ،ئەتىگەنلىكىڭىز ياخشى بولسۇن دىگەندەك ۋاقىت زامانغا باغلايدۇ. ياخشىلىقتا ئىنسان ئاساسىي تىما. بارچە دەتنى ئىنسان خۇيىغائارتىدۇ ،خۇي توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاسان چۇشىنىدۇ.تەقۋادارلىقتا مەدىنىيەتنى چىڭ تۇتىدۇ.بىرجامائە ياكى بىر ئۇرۇق بولسۇن ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن باشقىلارغا ئۇگەتمەيدىغان ئەۋلاتمۇئەۋلات داۋاملىشىدىغان ئىلم ھۇنەرلىرى‹ئۇدۇمى› بۇلىدۇ.
ياخشىلىقنىڭ مەدىنىيەتتىكى يەتتە قىتى
          ئوقۇرمەنلەرگە چۇشۇنۇشلۇك بۇلۇش ئۇچۇن ، ياخشىلىق سۇپەتتىكى ئىسلام مەدىنىيتى روھىي ئامىللىرنىڭ  ئۆز ئارا تەسىرىنى  ئاسان پەرىقلىگىلى بۇلىدىغان زىدىيەت قىتىدىن باشلاشنى تەيىن تاپتىم. سۇرە شۇرا دا تاغدەك كىمىلەرنى شامال ماڭدۇردىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.ئالدىدىراق تەپرىقچىلىق، پىرقىۋازلىق قىلماسلىق تەكىتلەنگەن.كىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، شامالغا سەل قاراش، ياكى كىمىنى مۇسۇلمان، شامالنى غەيرى مۇسۇلمان دەپ پىسىق بىلەن ئاتاش، مەيلى مەدىنىيەت نۇختىسىدىن،مەيلى پەن نوختىسىدىن تۇپتىن خاتا قاراشتۇر.بىر بىرىنىڭ مىللىي سۇپىتىنى كۇرەلمەسلىك،ئۆزقارىشىنى ھالال ساناش،ئۆزئارا يول قويماسلىق،ھەممىنى بىر ئىقىمغا ھەيدەش پىرقە ۋازلىق تەپرىقچىلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر.
زىدىيەت قىتى <قان>،ئادەتتە ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچىرىمىز. ئوتنى ئوت بىلەن ئۆچۇرۇش ئوتنى تىخىمۇئۇلغايتىدۇ. دىمەك تۆت تادۇدا ئوت بىلەن سۇنىڭ،تۇپراق بىلەن ھاۋانىڭ زىدىيتى بۇلىدۇ. روھىيەتتە بولسا، بىلىش بىلەن تەقۋادارلىقنىڭ، ياخشىلىق بىلەن ئادىللىقنىڭ زىدىيتى بۇلىدۇ. بۇنى مىللىي مەدىنىيەتكە سالساق ، ئەرەپلەر بىلەن شىئەلەر،تۇرۇكلەر بىلەن قىبتى خاۋارىجلارنىڭ زىدىيتى بۇلىدۇ. ياخشىلىق تەرەپدارى ئوسماننى خاۋارىجلار ئۆلتۇرۋەتكەن. ھازىرمۇ ئەرەپلەر بىلەن شىئەلەر ئوتتۇرسىدا زىدىيەت بار،بىر بىرىنى پىسىق بىلەن ئاتايدۇ.يەنە بىر يۇزىگە قارساق، بىر بىرىنى داۋالايدۇ.تەقۋادارلىق ئادەت، كۇنەگنى چىڭ تۇتقاچقا، ياكى بىلىمنى زىيادە بىلىپ، تەپەككۇرغاسەل قارىغاچقا، شىرىك ئەقىدىلەر ئاسان كىلىپ چىقىدۇ.بۇنى بىلىش سۇپەتتىكى ئەرەپلەرداۋالايدۇ.بىلىش يەنى تەپەككۇر زىيادىلەشسە ، يەنى ھازىرقىدەك مەدىنىيەتنى زامانغاماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا بەك يورغىلاپ كەتسە،ئادەت كاج بولغان شىئەلەر ئالدىرماي ئاستا ئاستا ئوڭشاپ قۇيىدۇ. بىزدىمۇ شۇنداق يىڭىلىق ياقۇلىغۇچىلار سەل چەكتىن ئاشسا، تەسسەۋۋۇپچىلار ئاستا ئاستا تەڭشەپ قۇيىدۇ.بۇنىڭغا مىساللار نۇرغۇن.
         رول قىتى<ئابىيمەنىي> بۇقاتتا ئاساسلىق سەۋەپ جەريان نەتىجە بۇيىچە ھىساپلىنىدۇ، لوگىكىنىڭ يىلتىزى مۇشۇيەردە. يەنى تۇپراق مىجازى قۇرۇق سۇغۇق، بۇنىڭغا ئوت مىجازى قۇرۇق ئىسسىق بۇئىككىسى بىر بولسا ئىسسىق سۇغۇق نىسبەتلىشىپ،نەتىجە ئىككى قۇرۇق، بۇنى روھىيەتكەسالساق، بىلىش بىلەن ئادىللىقنى قاتسا نەتىجىدە ياخشىلىق نىسبەتلىشىپ تەقۋادارلىق كىلىپ چىقىدۇ.يەنى ھازىرقىدەك ئەرەپلەربىلەن خاۋارىجلار بىرلەشسە، بارا بارا پارىسلار شىئەلەر شىتەيزىگەچىقىۋالغاندەك.يەنە قەلىپنىڭ مىجازى ئوت ، بۇنىڭغا تۇپراق  گۇمان قىتىلسا، ئىككى قۇرۇق گەۋدىلىنىدۇ، يەنەبىر تەرپى سۇ كەمىيىدۇ. ياخشىلىق كەمىيدۇ. ياخشىلىقتىن تۇسۇپ قۇيىدۇ. خۇددى ھازىرقى پەتىۋاچىلار ھەدىسە بىدئەت دەپ،ئارىمىزدىكى ياخشىلىققا تايىن نەزىر مەرىكەخەتمە توي قاتارلىقلارنى چەكلەپ قويغاندەك.
        مۇناسىۋەت قىتى<پارچە گۆش>، ئوتقا سۇ چاسساق ئوت ئۆچىدۇ. بىراق تۇپراققا سۇ باشلىساق لاي بۇلىدۇ، ئوت بىلەن سۇغا قارغاندا ، تۇپراق بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتى يىقىن كىلىشىدۇ. يەنى بىلىش بىلەن ياخشىلىق كىلىشىدۇ، بەلكى بىلىش قايان باشلىسا سۇ ياخشىلىق شۇيان ئاقىدۇ. مەسلەن ئەرەبىستاندا بىرەرسى ئۆزىگە قاراپ ،باشقاكىيىدىغان نەرسە چەمبىرەك بولمامدۇ،دوپپا كىيۋاغىنى نىمىسى دەپ پەتىۋا قىلسا، سۇغائوخشاش بىزلەر دەرھال شاپاق دوپپىنى تاشلاشقا تىرشىمىز.ئوت سۇ بىلەن كىلىشەلمەيدۇ،بىراق ئوت ھاۋا بىلەن تازا كىلىشىدۇ. بەلكى ئوت ھاۋاغا تاينىپ كۇيىدۇ. ئامرىكاقۇلىدا ئوت بار، بىراق ھازىرغىچە ھاۋا خۇسيەتتىكى دۆلىتىمىز، ئىران ،ھىندىستان قاتارلىقلارنى ئاز پاز يەلپۇپ قۇيىدۇ، بەلكى نۇرغۇن پايدىنى شۇ دۆلەتلەردىن قاپسىيدۇ .بۇلار ئىھتىياج ھاۋانى قىسىپ قويسا ، قەغەز يولۋاس بىلەن يەلپۇشكەباشلايدۇ.
            ئەيىپ قىتى<سۆڭەك>بۇنىڭدا تادۇلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى بۇزۇلسا، ياكى بىر خىلىت ئىشىپ كەتسە كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ.بىلىش زىيادىلەشسە گۇمان ۋەسۋەسە بۇلىدۇ.ئادىللىق زىيادىلەشسە زۇلۇمغا ئايلىنىدۇ.ياخشىلىق زىيادىلەشسە شەكلى تەمى ئۆزگۇرۇپ بىدئەت كۇپرى بۇلىدۇ. تەقۋادارلىق زىيادىلەشسە ئاسان شىرىك كىلىپ چىقىدۇ.
          داۋاقىتى<قونغان گۆش>بۇنىڭدا تادۇلار تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئاساس بۇلىدۇ.بىلىشنىڭ داۋاسى تەقۋادارلىق بۇلىدۇ.ياخشىلىقنىڭ داۋاسى ئادىللىق بۇلىدۇ.
        مەنبە قىتى<تۇپراق>تەپەككۇر نەفىسنى ئارزۇلارغا بەنىت قىلسا، كۆڭۇل مۇمكىنچىلىك ئىستەپ باغلايدۇ، روھ تەۋرەنمەي ھاسىلاتلارنى نەتىجىگە ئۇندەيدۇ .بۇقاتتا مۇسا ئەلەيھىسالام  كالادىسە، رەڭگى يىشى جىنسى تۇرى دىگەندەك زىغىرلاش ئاساس بۇلىدۇ. تۇز ئەقىلدە قاتمۇ قات سۇرۇشتۇرلىدۇ.ئاندىن يەتتە قات بۇيىچە تۆت تادۇغا سىلىنىدۇ.يۇقىردىراقتىكى ئىنسانىيەتنى تاتلاش مەنبەسۇرۇشتۇرۇشنى مىسال قىلىشقا بۇلىدۇ.
تەقدىر قىتى<ئادەم شەكىلگەكىرىش> ئاي تۇپراق ، ئون بەشى ئايدىڭ، ئونبەشى قاراڭغۇ، بەخىت بىلىش خۇددى ئايدەك دەسلەپ كىچىك چىقىدۇ، ئاستا ئاستا يۇغۇناپ تۇلۇن بۇلىدۇ. ئاندىن يەنەكىچىكلەپ دەسلەپكى ھالىتىگە كىلىدۇ. ............
تامام
بەلكى ياخشى تادلىيالمىغاندىمەن،مەنمۇ بىر ئىنسان.
ئىسلامىيەتنىڭ سۇبھى دەۋرى قاتارلىق بىر يۇرۇش كىتاپلاردىن پايدىلىنىلدى.

0

تېما

0

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيتۇر تىخنىكامنىڭ ناچارلىقى تۇپەيلى ياخشى چىقىرالمىدىم،(لىكىن ئىزدىنىپ ئەجىر قىلدىم) تۇزتۇپ ئۇقىغايسىزلەر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

http://harunbeg.com

0

تېما

0

دوست

275

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11386
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:27:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toribegkizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 10:32  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئەتتىگەندە 15 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ تورنى ئاچقانىدىم، «باغداش» نىڭ «پىشانىسى» دىكى بۇ تىما دەررۇ دىققىتىمنى تارتتى . مەنمۇ تۆت تادۇ خۇسۇسىدا كەڭ كۆلەملىك بىر چۈشەنچىگە مۇھتاج ئىدىم . تىمىنىڭ دەسلەپكى بۆلىكىنى ئوقۇپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى، بۇ ھىس- ھاياجان ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىمغا تۈرۈتكە بولدى . شۇنداق، دۇنيانىڭ قانۇنلىرى ئۆزگىرىپ  ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇنى ئىنسانلار تۈزگەن ، ئەمما  قانۇنىيەتلىرى بولسا ئەۋۋەلىدىن ئاخىرىغىچە ئۆزگەرمەيدۇ ، چۈنكى ئۇنى جانابىي ھەق سۇبھانەۋەتەئالا تۈزگەندۇر .
يەنە ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تىمىنى داۋاملىق ئائىلە بويىچە كۆرۈشنى ئىستەيمەن. بۇ خۇسۇستا ئىزدەنگىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن.
ئەمدى سىزگە كىچىككىنە بىر تەۋسىيەم؛ تىمىدىكى ئىملا ، پەش، چېكىتلەرنىڭ ئورنىنى تاپالماسلىقى، سۆزلەرنىڭ لوگىكىلىق باغلىنىشى جەھەتلەردىكى ئېۋەنى ئۈچۈن ئوقۇش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشتا بىر ئاز قىيىنچىلىققا ئۇچىردىم . سىز شۇنچە ئىلىمنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگۈنەلىگەن ئىكەنسىز، ئانا تىل ئىملا قائىدىسىنىمۇ تىزلا ئۆگۈنۈۋالالايدۇ، دەپ ئويلايمەن . بۇ مۇشۇ تىلدا تەپەككۇر قىلىدىغان ، سۆزلەيدىغان ھەر- بىرىمىزگە خەن، ئېنگىلىز، ئوردو تىللىرىنى ئۆگۈنۈشتىنمۇ مۇھىم .
(ئاخىرىدا، تىما ئىچىدىكى فارىسچە ياكى تىببى ئاتىمىلارغا ئەسكەرتمە قوشۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشىراق بولارمىكىن، دەپ ئويلىدىم، پىكرىم سىزگە مەنزۇر كەلمىسە، سەھۋەنلىكىمنى  ئەپۇ ئېتەكلىرىڭىز بىلەن ياپقايسىز.)

0

تېما

0

دوست

1389

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:35:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناشتىلىققا   كاتتا ، سۈپەتلىك  تېمىنى ئوقۇتقنىڭغا كۆپ رەھمەت  ،  ئاللاھ  تىنىقىڭىزنى  پاك ، يېزىقىڭىزنى تەملىك  قىلسۇن!

  مەيلى  تاشقى  دۇنيا  ، ياكى روھىي دۇنيا  بولسۇن  ئۇنى تەتقىق قىلىش  ياكى  چۈشىنىشتە ئۇلۇغ  قۇرئان يېتەكچىلىك قىلىنمىسا ھامان  تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ ياكى ئازىدۇ !

http://harunbeg.com

0

تېما

0

دوست

275

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11386
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 10:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلانغان ماتېرىيال، كىتابلارنىڭ نامى، نەشىر ئورنىنىمۇ ئېنىق ئەسكەرتسىڭىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ قىممەتلىك ماقالىنى تېخىمۇ تۇللۇق چۈشىنىشى، ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق .
قېرىندىشىم، شۇنچە كۆپ ماقالىنى ئۇرۇش، شەرھىيلەش جەريانىدا كۆپ جاپا چىكىپسىز، يەنە بىر قېتىم سىزگە رىغبەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمەن.

0

تېما

0

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 11:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadlax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 11:06  

ياخشى باھايىڭلارغا رەخمەت، بىراق تادۇغا كىرىگى قارشى ئىقىم، مەزكۇر ماقالىنى راستىنى دىسەم ياخشى سازلىيالمىدىم، بۇلۇپمۇ روھ قىسمى بىلەن تەقۋادارلىق يەتتە قىتى دىگەن قىسمى ناھايتى ئاددىي يۇزنى يۇغانچىلىك بولدى. تىخىمۇ ئىچكىرلەش، تىخىمۇ قىلىپلاشتا چىلىكىم كىچىك كىلىپ قالدى.تورداشلارنىڭ قاراش بىلىش قارشى مەۋقەلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن. ھەق تائالا مەرتىۋىمىزنى ئۇستۇن قىلغاي.
كوميىتۇرۇمدا مەسىلە بارمۇ، ئىملاغا دىققەت قىلىشنى ئۇگۇنەي.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5699

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1416
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 12:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

15

تېما

1

دوست

4598

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1392
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 22:19:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تالداش
سىزنىڭچە تادۇ ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ نېمىگە ياردىمى بار؟
شەئىيلەرنى قانداق تادۇ بىلەن باغلايمىز يەنە تادۇلايمىز؟
تادۇ ئۆگىنىشتىكى سىز ياخشى كۆرگەن كىتابلارنى دەپ باقسامسىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )